يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 750|ئىنكاس: 6

ئەسەرلىرىمىزنىڭ «ئۈستبېشى»نى تۈزەشتۈرۈپ قويساق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-13 18:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
          ئەسەرلىرىمىزنىڭ «ئۈستبېشى»نى تۈزەشتۈرۈپ قويساق
                              خەيرىنگۈل ئىبراھىم

    ناتونۇش بىر كىشىنى ئۇچراتقىنىمىزدا ئۇنىڭ بىلىم سەۋىيسى، تەربىيەلىنىشى، روھىي ھالىتى، خاراكتېرى قاتارلىقلاردىن قىلچىمۇ خەۋەرسىز ئەھۋال ئاستىدا، تۇنجى تەسىرى شۇ كىشىنىڭ تەقى تۇرقى ۋە ئاۋازى بولىدۇ، شۇنىڭدەك ئەسەرنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەرسىز ۋاقىتتا ئەسەرنىڭ شەكلى ناتونۇش كىشىنىڭ كىيىنىشى، ياسىنىشىغا ئوخشاش ھالقىلىق رول ئوينايدۇ، مەزمۇنى ياخشى بولسىمۇ قالايمىقان تىزىلغان، كۆركەم بولمىغان ئەسەر -ئوخشىغان تاماقنى يۇيۇلمىغان قاچىغا ئۇسسۇغاندەك، ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەنلەر قەلبىدىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، ھەتتاكى ئەسەرنىڭ يۈزى ھېسابلىنىدىغان شەكل-قۇرۇلمىسى ئوقۇرمەننىڭ باشقىنى تاللاپ بۇ ئەسەرنى ئوقۇماي ئۆتۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. ھەممىمىزگە ئايان، خەلقىمىز ئەزەلدىن گۈزەللىكنى سۆيىمىز، مەنىۋى گۈزەللىك بولسۇن ياكى تاشقى گۈزەللىك بولسۇن ھەر ۋاقىت ئەھمىيەت بېرىمىز، ئۆيدىن سىرتقا چىقىشتىن ئاۋۋال ئىمكانقەدەر ئەينەكنىڭ ئالدىغا كېلىپ، يۈزىمىزدە ئوبرازىمىزغا تەسىر يەتكۈزىدىغان «قارا» لارنىڭ بار-يوقلۇقىغا، كىيىملىرىمىزنىڭ پاكىز ياكى ئەمەسلىكىگە ھەم ماسلاشقان-ماسلاشمىغانلىقىغا، چاچلىرىمىزنىڭ رەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز،بولۇپمۇ مېھمان كەلگەندە ئۆزىمىزنى ياخشى تۈزەشتۈرۈپلا قالماستىن، ئەتراپتىكى مۇھتنىڭ ئازادە، پاكىز، رەتلىك، كۆركەم بولۇشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىمىز،  ئەلۋەتتتە رەتسىز بولغان جايلارنى كۆرسەكلا چوقۇم تۈزەيمىز. ھەر بىرىمىز يازغان ئەسەر مەيلى قايسى ژانىردا بولسۇن، ھەجمى ئاز ياكى كۆپ بولسۇن بەلگىلىك دەرىجىدە ئەجرىمىز سىڭگەن بولىدۇ، كۆڭۈل قويۇپ يازغان ئەسەرلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ ياخشى باھالارنى ئاڭلىغىمىز كېلىدۇ ئەلۋەتتە.  مېنىڭچە شۇ ئەسەرلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ كۆرۈشىگە سۇنغىنىمىز ئۆيىمىزگە مېھمان باشلىغانغا ئوخشاش.
     توردىكى ئەسەرلەرگە قويۇلغان تەلەپ ئانچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلەيدىغان، خېلى كۆپ تەربىيەگە ئىگە قىلالايدىغان، قايىل قىلارلىق ئەسەرلەرمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. بىراق «ئوتى بار يەرنىڭ سۈيى يوق، سۈيى بار يەرنىڭ ئوتى يوق» دېگەندەك، بەزىدە ئەشۇ نادىر ئەسەرلەردىكى نۇرغۇن خاتالىقلار خۇددى ئاياقنىڭ ئىچىگە قۇم كىرىۋالغاندەك، كىشىنى بىئارام قىلىدۇ.
     كەڭ تورداشلارنىڭ يېقىن سىردىشىمىزدەك ھەتتا بىر تۇغقا قېرىندىشىمىزدەك كۆرىدىغان ئەسەرلىرىمىزنى ئانچە-مۇنچە تۈزەشتۈرۈپ قويسىكەن دېگەن ئۈمىدتىمەن. شەكىل-قۇرۇلمىسى ئۆلچەمسىز ئەسەر خۇددى نۇرغۇن ئادەم بار ئۆيدە تۆشۈك پايپاق كىيگەندەك، چاچلىرىنى تارىماي چۇۋۇپ قويغاندەك، ياكى ئۇچىسىغا شىم كاستۇمنى قاتۇرۇپ كىيىۋىلىپ، يالاڭئاياق كوچىغا چىققاندەك... باشقا ئۆلچەملىك ئەسەرلەر ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىدۇ.
     ئىجادىيەتچىلەر كۆپىنچە كىتابخۇمار كېلىدۇ، خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە كىتاب ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان تەقدىردىمۇ، ئۆيىدە ياكى ئىشخانىلاردا گېزىت-ژۇرناللار ياكى مەكتەپنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. تەكلىپىم، كىتاب ئوقۇغاندا نوقۇل ھالدا مەزمۇننىلا قوغلاشماي، خەتلەرنىڭ تىزىلىشى، يېزىلىشى قاتارلىقلارغا ئانچە - مۇنچە نەزەر سېلىپ قويساق، ئەگەر مەن مۇشۇ خەتنى يازسام قانداق يازارمەن دەپ سېلىشتۇرۇپ باقساق. مېنىڭچە بۇنىڭدىكى سەۋەبلەر:  تىل جەھەتتىكى سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى؛ كومپىيۇتېر بىلىملىرىگە پىششىق بولمىغانلىقى، ياكى بىلسىمۇ «ۋاقتىم چىقمىدى، مەن ئالدىراش» دەپ باھانە كۆرسىتىپ، ئالدىراقسانلىق قىلىپ، ئىجادىيەتتىكى تۈزىتىش باسقۇچىنى كۆزگە ئىلماي تېزلا يوللىۋەتكەنلىكى. (تولۇقلاش-تۈزىتىش پىكرى بېرىشىڭلارنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن، ئىملا خاتالىقىنى تۈزىتىشكە خېلى  بىر مەزگىللىك جەريان كېتىدۇ، تۆۋەندە ئاساسلىقى تېخنىكىلىق خاتالىقلارنى تۈزىتىش توغرىسىدا توختالماقچى)
     ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىدە: ماۋزۇ قۇرنىڭ ئوتتۇرىغا يېزىلىدۇ؛ يېڭى ئابزاسنىڭ بېشىدىن ئىككى خەتلىك بوش ئورۇن قالدۇرۇلىدۇ؛ قۇرنىڭ بېشىغا بوغۇم ئايرىش سىزىقى قويۇلمايدۇ، شۇ بوغۇم ئاياقلاشقان قۇرنىڭ ئاخىرىغا قويۇلىدۇ؛ خەنزۇتىلىدا پىرسوناژلارنىڭ دىئالوگى قوش تىرناق «» قا ئېلىنىدۇ، لېكىن ئۇيغۇر تىلىدا قوش تىرناققا ئېلىنماي، قۇرنىڭ بېشىغا سىزىق قويۇلۇپ، بىۋاسىتە يېزىلىدۇ.

     مۇنبەردىكى ئەسەرلەردە كۆپ كۆرۈلگەن تېخنىكىلىق خاتالىقلار: شەكىل جەھەتتىن نۇرغۇنلىغان نەسىر، ھېكايە قاتارلىق نەسىرى ئەسەرلەرنىڭ شەكلى شېئىرلاردەك چىقىپ قالىدۇ، بەزى سۆزلەر قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەندەك بىر-بىرىگە چاپلىشىپ كەتكەن، بەزىلىرى بولسا ئۇرۇشۇپ قالغاندەك نېرى-نېرى تۇرغان، بەكلا رەتسىز، بەزى ئەسەرلەردە ئابزاس ئايرىلمىغان، بەزىلىرىدە چېكىت پەشلەرنى پۇلغا سېتىۋالىدىغاندەك، تىنىش بەلگىسى قويۇلمىغان، جۈملىنىڭ ئاخىرىنى تاپماقمۇ قىيىن.
     مەيلى بىز ئۆز ئىجادىيەتلىرمىزدە بولسۇن ياكى كۈندىلىك خەت- ئالاقە جەريانىدا بولسۇن خەتنى ئۆزىمىز تىزايلى ياكى باشقىلارغا تىزدۇرايلى، مېھمانغا سۇنۇشتىن ئىلگىرى چوقۇم تۈزىتىش باسقۇچىنى ئەستايىدىل بىجىرىشىمىز كېرەك. ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇرچە سىستېما قاچىلانغان كومپىيۇتېردا سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە خەت تىزغاندا چىكىت، پەش قاتارلىق تىنىش بەلگىلىرى قويۇلماقچى بولسا، ئاۋۋال تىنىش بەلگىسى بېسىلىپ، ئاندىن ئارىلىق بەلگىسى كۇنۇپكىسى بىرلا قېتىم بېسىلىدۇ، بىر قېتىمدىن ئارتۇق باسساق ئابزاسنى تەڭشىگەندە ئىككى خەت ئارىسىدا كەڭ ئارىلىق پەيدا بولۇپ قالىدۇ. يېڭى ئابزاس باشلىماقچى بولساق كۇنۇپكىسىنى باسىمىز. خەت تىزىش داۋامىدا قۇرلارنىڭ بىرى قىسقا بىرى ئۇزۇن بولۇپ قالسا ياكى قۇرنىڭ ئاخىرىدا بىرەر ھەرپ يالغۇز تۇرۇپ قالىدىغان ئەھۋال بولسا ھەرگىزمۇ تىنىش بەلگىلىرىنى خالىغانچە قوشۇپ قويۇشقا ياكى ئارىلىق بەلگىسى ئارقىلىق كىيىنكى قۇرغا چۈشۈرېۋىتىشكە بولمايدۇ. زورلاپ بېسىپ قويساق خاتالىق كۆرۈلىدۇ، يەنى نەسىرى ئەسىرىمىز شېئىرغىمۇ ئوخشىمايدىغان، نەسىرى ئەسەرگىمۇ ئوخشىمايدىغان كەشىنى تەتۈر كىيىۋالغاندەك، ھەرپلەر ماي تارتىشىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ قالىدۇ. ئەسىرىمىز ئاخىرلىشىپ، تۈزىتىش باسقۇچىغا كەلگەندە ھەممىنى تاللاش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ {Ctrl+Aئىككىسىنى تەڭلا باسىمىز}، مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى چىكىپ، ئابزاس(段落P)دېگەن خەتنى تاللاپ، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى چېكىمىز، ئاندىن ئابزاس تەڭشەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، توغرىلاش(对齐方式)دېگەن يەردىن تۆۋەن دەرىجىدە توغرىلاش(低度调整)دېگەننى تاللايمىز، شېئىر بولسا ئوتتۇرىغا توغرىلاش دېگەننى تاللىساق بولىدۇ. يۆنىلىشى(方向) دىكى ئاستىدىكى جايدىن ئوڭدىن سولغا دېگەن چەمبىرەكنى تاللايمىز. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالاھىدە نۇسخا(特殊格式S)دىكى تۇنجى قۇرنى قىسقارتىش(首行缩进)ۋە ئىككى خەت قالدۇرۇش(2字符) نى تاللايمىز، يەنى قۇرنىڭ بېشىدا ئىككى خەتلىك ئورۇن قالدۇرۇلىدۇ، خەت تىزىش جەريانىدا قالدۇرۇلمىسىمۇ، سىستېما ئاپتوماتىك تەڭشەپ بېرىدۇ. بۇلارنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن ئاستىدىكى مۇقىملاشتۇرۇش(确定)كۇنۇپكىسىنى باسساق تاللىغان بۇيرۇقلار ئىجرا بولۇپ، تىزغان خېتىمىز رەتلىك ھالەتكە كېلىدۇ، قۇرنىڭ باش-ئاخىرىمۇ ماسلىشىپ، بوغۇم ئايرىش قائىدىسىگە خىلاپ ئەھۋال كۆرۈلمەيدۇ. تۈزىتىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئەسىرىمنىڭ شەكلى ئەمدى بولدى دېگەندە  ئاندىن تورغا يوللىساق، رەتلىك، بوغۇم كۆچۈرۈش قائىدىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە يوللىنىدۇ.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خۇشگۈل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-13 18:41  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-14 17:39:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-11-14 21:10:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەقسەت-تىلەكنى ئەمەلىي ھۈنەر بىلەن چۈشەندۈرۈپسىز، رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-11-14 21:22:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئاچچىغىم كېلىۋاتىدۇ.
مۇشۇ سەمىمىيلىكىڭىز، جۈرئىتىڭىز، راستچىللىقىڭىز ۋە تۈز نىيەتلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2014-11-15 23:57:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن سۈيۈندۈم.

ۋاقتى: 2015-2-20 01:30:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر. ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2015-2-20 11:23:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكىتلەش كۆپ كېچىكىۋاتقان بىر نەچچە ھالنى ئوتتۇرىغا تاشلاپسىز. بىر-بىرىمىزنىڭ كۆلەڭگۈسى بولماي؛ئۇدۇل(قارشى) نوقتىدىن پىكىر قىلىشقا يۈزلەنسەك بىزگە كەينىنى قىلىۋالغان «پەردە»لەر ئېچىلىدۇ. «خاتا»لىشىپ قېلىشتىن ئەنسىرەشتەك غەيرىي ئەقىليىلىك بىزنى ھەقىقىي مەنىدە خاتالاشتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن. چۈنكى،توغرىلىق -نۇرغۇنلىغان (ئۇزۇن-قىسقا) خاتالىقلارنى ئۆزىگە مەنزىل قىلىدۇ.
دېمەكچىمەن،يوقارقى تەشەببۇس ھەممىمىزگە ئەسىلىدىنلا بىلىدىغاندەك تۇيۇلغىنى بىلەن،بىلمەي،بىلەلمەي كېلىۋاتقان (ئەمەل قىلمىغانلىق بىلمىگەنگە باراۋەر) مەسىلىلەر ئىكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش