تالاشمايمەن
مېنىڭ تۆر دەپلا ئۆت مەيلى، سېنىڭدىن تۆر تالاشمايمەن،
يوقىدا تارقىتىپ غەيۋەت، كۆرۈشسەم لەۋ يالاشمايمەن.
بۇ ئالەم ئەسلىدىن شۇنداق، بۈگۈنگە ياندىشار ئەتە،
مېنىپ قالسام ئېشەك گاھى، سېنىڭدىن ئات تالاشمايمەن.
بولۇپ قالساڭمۇ شاھىنشاھ كېلىپ ئامەت ساڭا بىردىن،
قالاي سائىلسىياق، ھەرگىز سېنىڭدىن يول سوراشمايمەن.
يۈرەلمەيمەن بولۇپ سىرداش ھاياتتا تۈلكە، قۇزغۇنغا،
بىرى يۈرسە كۈلۈپ تاتلىق، قىلىپ غەيۋەت ماراشمايمەن.
ئىشەنگىن يا گۇمان قىلغىن سۆزىگە مەيلى تەمكىننىڭ،
بىراۋلارغا سۇنۇپ قولنى ياشاشقا مەن ياراشمايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-11 19:01
|