ئەگەر كەسىپنى قايتا تاللاشقا توغرا كەلسە...
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
ئەمدىلا جەمئىيەتكە قەدەم قويغان ياشلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىزمەت تاللاش جۆرە تاللاشتىنمۇ مۇھىم. خۇددى جۆرە تاللاشنىڭ ھەر خىل شەرتلىرى بولغانغا ئوخشاش، خىزمەت تاللاشنىڭمۇ مۇنداق شەرتلىرى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىڭىز كېرەك. 1- ئۆگىنىش. خىزمەت تاللىغاندا داۋاملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى بار بولۇش 1- شەرت؛ 2- كارخانىنى تاللىغان بولسىڭىز، خوجايىننىڭ مۇئامىلىسى ۋە ئادىمىيلىكىگە قاراڭ؛ 3- مەكتەپتە ئوقۇغان كەسپىي بىلىمىڭىزگە ئېتىبار بېرىدىغان ئورۇننى تاللاڭ؛ 4- تاللىغان خىزمەتكە قىزغىنلىقىڭىز بار ياكى يوقلىقىغا ئەھمىيەت بېرىڭ؛ پۇرسەت ھەممىدىن ئەۋزەل، كەسىپ "پۇل"دىن، كەلگۈسى "ھازىر"دىنمۇ مۇھىم. شۇڭا پۇرسەتنىمۇ قولدىن بەرمەيدىغان، كەسىپكىمۇ ئۇدۇل كەلگەن، كەلگۈسى پارلاق خىزمەت ئورنىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تىرىشىڭ. ئەگەر قايتا كەسىپ تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا مۇنۇلارغا دىققەت قىلىڭ. 1-مالىيە. بۈگۈنكىدەك ئىقتىساد گۈللەنگەن كۈنلەردە، پۇل ۋە مال-مۈلۈكنى تەقسىملىيەلەيدىغان كەسىپنى قىلىش بەلكىم ئەڭ ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. 2-ئاخبارەت. ئاۋامنىڭ ئىشەچ كۆرسەتكۈچىدىكى ئۆرلەش ياكى چۈشۈش مالىيە كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدۇ. تاراتقۇلارنىڭ ئەل رايىنى يېتەكلەيدىغان خەۋەرلىرى ۋە پاش قىلىش دوكلاتلىرى ئاۋامدىكى ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش ياكى چۈشىشىنى بەلگىلەيدۇ. 3-قانۇن. ھەرقانداق ئادەم ئاقىل ئادۋۇكاتنىڭ دەلىل-ئىسپاتلىرى ئالدىدا خاتالىقىنى تونۇيدۇ. 4- قانۇن تۈزۈش. قانۇننىڭ تۈزۈلىشىنى بەلگىلەشكە قاتنىشىش بەلكىم ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرسا كېرەك. يېڭى قانۇننىڭ تۈزۈلىشى خەلق تۇرمۇشىغا غايەت زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. 5-ئالاھىدە تېخنىكا. گەرچە كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ، مۇھىم ئىشلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدىغان ئالاھىدە تېخنىكىغا ئىگە كىشىلەر جەمئىيەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بۇنىڭ بىرى، ھەل قىلغۇچ ئېنىرگىيە بايلىقى؛ يەنە بىرى، ئۇچۇر ئالاقە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، مال ئوبوروت، ئىنتېرنېت تور قاتارلىق ئالاھىدە تېخنىكىلىق كەسىپلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-11 18:58
|