كۆرۈش: 441|ئىنكاس: 9

تۇرغۇن مىجىت قادىرى: ئۆزەم تاپقان پۇل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-11 16:19:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                                    ئۆزەم تاپقان پۇل
                                                                (ھېكايە)


                                                        تۇرغۇن مىجىت قادىرى

     دادام بىلەن ئانام دائىم «ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ئىشلەپ تاپمىغىچە پۇلنىڭ قەدىرىنى بىلمەيدۇ» دەيدۇ، شۇنداق بولغاچقىمۇ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن شۇ توغرىلىق تولا مۇنازىرلىشىپ قالىمەن، ھەمدە ئۆزەم ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ئويلايمەن. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىنىپ مەسئۇلىمىز دەرس، مۇزاكىرە تۈگەپ ئۆيگە قايتىدىغاندا سىنىپقا كىرىپ قىسقا يىغىن ئاچتى، يىغىن ئاخىرىدا سىپىمىزدىكى دەرس ۋە تۈرلۈك پائالىيەتلەردە ئىزچىل ياخشى ئوقۇغۇچى زوھرەنى ماختاپ:
   -ساۋاقداشلار، سېلەر بىلمەسلىكىڭلار مۇمكىن، زوھرەنىڭ دادىسى قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچۇراپ، ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالمايدىغان دەرجىدە مېيىپ بولۇپ قالغىلى يەتتە يىل بولدى، ئانىسى دادىسىنى بېقىپ ھىچقانداق ئىش-ئوقەت قىلالمايدۇ، ئۇلار پەقەت يۇقىردىن بىرىدىغان ئازغىنە تۇرمۇش ياردەم پۇلى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن دادىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدۇ. تەۋەيىمىز قارقۇم كەنتىدىكى بىر ئائىللىك تۆت جان خەنزۇ قېرىندىشىمىز ئېغىر ئوت ئاپىتىگە يولىقۇپ ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىدا كۈنلىكى 30 نەچچە مىڭ يۈەن بىلەن ھاياتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى، ھازىر ئۇلار جىددى پۇلغا مۇھتاجلىقلىقىنى بىز مەكتەپ رادىئو ئۇزىلىدا ئاڭلاتقاندىن كىيىن نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ پىئونېرلار باش ئەتىرتىگە پۇل ئىئانە قىلغان، شۇلار قاتارىدا سىنىپىمىزدىكى زوھرە 13.80 پۇڭ ئىئانە قىلغان، لېكىن سىنىپىمىزدىكى ئىقتىزادى ياخشى، قولىنى قايەرگە سۇنسا شۇ يەرگە يىتىدىغان ئائىلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ھىچ ئىشنى ئوقمىغاندەك قولىقىنى يۇپۇرۇپ ئولتۇرۋاتىدۇ، شۇڭا بارلىق ساۋاقداشلار زوھرەنىڭ بۇ ئىسىل خىسلىتىدىن ئۆگۈنۈشىڭلار، باشقىلار تالاپەتكە يولۇقسا يېقىندىن ياردەم بىرىشىڭلار كېرەك...
   سىنىپ مەسئۇلىمىز سىنىپتىن چىقىپ كەتتى، مەن ساۋاقدىشىم زوھرەنىڭ يېنىغا باردىم ۋە ئۇنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىنىڭ شۇنداق ناچار تۇرۇپ بۇ پۇللارنى قانداق توپلىغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشتىم. ئۇ ماڭا:
   -مەن مەكتەپكە كىرگەن يىلى دادام ۋەقەگە يولىقتى، ئۆينىڭ بارلىق جەبرى-جاپاسى شۇ بىچارە ئانامغا يۈكلەندى، مەن شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەكتەپكە ماڭاشىمدا، ياناشىمدا يول      
ياقىسىدىكى ئەخلەت ساندۇقىنى ئاقتۇرۇپ، مېنىرال سۇ قۇتىلىرى، بەزى دوككانلارنىڭ ئالدىلىرىغا تاشلىۋېتىلگەن پوتولىكىلارنى يىغىپ، ئۆينىڭ ئالدىغا بارغان كونا-يېڭىلارنى ئالىدىغانلارغا سېتىپ پۇل تېپىپ، ئاپامغا ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان كەمپۇت، سېغىز كەمپۇت قاتارلىقلارنى ئېلىپ كىرىپ بىللە يەپ كۆڭلىمنى خوش قىللاتتىم، ھازىر مەن چوڭ بولدۇم، تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇيمەن، شۇڭا ھەر شەنبە، يەكشەنبە، تەتىل، ھېيىت-بايراملاردا ئىش تېپىپ قىلىمەن، ئالدىنقى شەنبە، يەكشەنبە ئىككى كۈن ئىشلەپ 200 يۈەن تېپىپ، 20 يۈەننى يېنىمغا سېلىپ قۇيۇپ قالغان پۇللارنى ئاپامغا بەرگەن، ئەتىگەن قارىسام يېنىمدا قالغان پۇل شۇ بولغاچقا، ئەتە شەنبە بولغاندىنكىن يەنە پۇل تاپىمەنغۇ دەپ ھەممىسىنى قېرىنداشلىرىمغا ئىئانە قىلدىم.
   مەن ساۋاقدىشىم زوھرەنىڭ پۇل تېپىشىغا قىزىقتىم ۋە ئۇنىڭدىن:
   -ئەتە شەنبە، سەن يەنا پۇل تاپقىلى چىقامسەن؟
   ـچىقىمەن.
   -سائەت نەچچە بىلەن، نەگە چىقىسەن؟
   -سائەت 4.30 بىلەن دولان كۆۋرىكىگە چىقسام ئىشلىتىدىغان ئادەم كىلىپ ئېلىپ كىتىدۇ.
   -مەن سەن بىلەن بىللە چىقسام بولامدۇ؟
   -بولىدۇ، لېكىن سەن چىدىيالماي قالارسەنمىكىن؟
   -مەن چىدايمەن، ئەمىسە كېلىشتۇق ئەتە مېنىمۇ بىللە ئېلىپ چىققىن.
   مەن ساۋاقدىشىم زوھرەنىڭ مېنى پۇل تېپىشقا بىللە ئېلىپ بارىدىغانلىقىدىن ماتىماتىكا ئىمتاھانىدا 100 نومۇر ئالغاندەك قەۋەت خوش بولۇپ كەتتىم.ئۆيگە كېلىپ تاپشۇرۇقلىرىمنى توللۇق ئىشلەپ بولۇشقا تىرىشتىم.
   -قىزىم تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ-ئانامنىڭ ئاۋازى بىلەن تاپشۇرۇقلاردىن باش كۆتەردىم، دادام ئاناملارنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ كىرگەنلىكىنىمۇ سەزمەي تاپشۇرۇق ئىشلەپ كېتىپتىمەن. مەن تاماق يىگەچ ئۇلارغا ئەتە قىلماقچى بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم.
   -پايلىيالارسىزمۇ قىزىم، ئۇ سىز ئويلىغاندەك ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس-دېدى ئانام يېنىمغىراق كېلىپ بېشىمنى سېيلاپ تۇرۇپ.
   -بىر كۈنلۈككە توشقان تېرىسىمۇ پايلايدۇ دەپتىكەن،-دېدى دادام بوم ئاۋازدا-قىزىمىزنىڭ چوڭ ئانىسى ھايات چاغدا ئۇ تېخى ئاران 8-9 ياشلاردا ئىدى، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى يېزىدىكى مەھەلىگە بارساق بىز ئېتىزغا چىقساق ئۇمۇ ئەگىشىپ چىقىپ، قوناق، كېۋەز ئوتۇشۇپ بىرىدىغان، رەھمەتلىك ئانىمىز «قولى ھەممە ئىشقا موچىن(تىرناق ئالغۇچ)تەك كىلىدۇ بۇ قىزىمنىڭ» دەپ ماختايدىغان، بۇ ئىشلار ئىسىڭىزدىن چىقىپ كەتتىما؟-دەپ ئانامغا قارىدى.
   -مەن باشلانغۇچنىڭ يوقۇرى يىللىقىغا چىققاندا مۇئەللىمىمىز بىزنى مەكتەپنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئاپىرىپ، كېۋەز ئوتىغىلى سالغاندا، ئوت ئوتاش، ئىتتىك مېڭىشتا بىرىنچى بولاتتىم ئانا، خاتىرجەم بول،-دەپ ئانامنىڭ ماڭا ئىچ ئاغىرتىپ ئەمگەككە بارغۇزماسلىقتىن ئەنسىرەپ دادامنىڭ گېپىنىمۇ تارتىۋالدىم.
   -قىزىم، بۇ جىسمانى ئەمگەك، ئېغىزىڭىزدا ئۇنداق دېگەن بىلەن ئەمىليەتكە بارغاندا ئىشقا پايلىماي، خەققە نەچچە سائەت بىكارغا ئىشلەپ، كۈن چۈش بولا-بولماي قولىڭىزنى چىشلەپ قورۇق قول قايتىپ كېلەرمىكىن دەپ ئەنسىرەيمەن.
   -خاتىرجەم بولۇڭ ئانا، ساۋاقدىشىم زۇمرەت پايلىغانغا مەن چوقۇم پايلايمەن...
   كەچتە ئانام يوغان چاي قۇتىسىغا بىر قۇتا چاي ئېلىپ، ئاپتاپتا يۈز تېرەمنىڭ كۆيۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئىدارىسىدىن ئەمگەككە چىققاندا كىيىڭلار دەپ ئېپ بەرگەن يوغان چىكىلەكلىك(تىشاڭ)شەپكىنى، قولۇمغا نىپىز ئاق پەلەينى سومكىغا سېلىپ تەييارلاپ قويدى. مەن ئانامغا ئەتىگەن سائەت تۆت يېرىم بىلەن ئويغۇتۇپ قويۇشنى تاپىلاپ، ئۆز ھوجىرامغا كىرىپ بالدۇر ئارام ئېلىشقا تۇتۇندۇم، كۆزۈمگە ئۇيقۇ كېلىدىغاندەك تۇرمايتى، شۇ ئارلىقتا دادامنىڭ بوم ئاۋازى قولۇقىمغا كىردى:
   -زەينەپ، بىز توغرا قىلمىدۇقمۇ نىمە، بايا گەپنى دەپ بولۇپراق ئويلۇنۇپ قالدىم، پايلىييالارمۇ؟!
   -مەنمۇ دەسلەپتە سىز ئويلىغاندەك دەلىغۇل بولۇپ قالغان، كېيىن چېنىقسۇن دەپ ئويلۇدۇم.
   -توغرا، پۇل تېپىش ئۇ بىر گەپ، لېكىن ھازىرقى بالىلار بۈگۈنكى بۇ بەختىيار دەۋىرنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى بىلىش ھەممىدىن موھىم، چېنىقسۇن.
   ...
   چۈشۈمدىكىدەك بىرسى قولۇمنى تارتىدۇ، مەن كۆزۈمنى تاتلاپ يىرتىپ ئېچىپ قارىسام ئانام ھوجىرامدا بىر قولىدا قولۇمنى تارتىپ بىر قولىدا بېشىمنى يىنىك سېلاپ تۇرۇپتۇ :
   -قىزىم، سائەت تۆتتىن ئاشتى، قوپامسىز؟-دېدى ئانام مېنىڭ ئويغانغانلىقىمنى كۆرۈپ.
   ئۆينىڭ ئىچىنى توك چىراق ئاپئاق يۇرتىۋەتكەن بولۇپ، ئىشقا كېچىكىپ قالدىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ جىددى تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
   -قىزىم ناشتىلىق تەييارلاپ قويغان، ناشتا قىلۋېلىپ چىقامسىز؟
   -رەخمەت ئانا، ساۋاقدىشىم ۋاقىتقا كاپالەتلىك قىلىپ، تاماق، ئەمگەك سايمانلىرىدىن غەم قىلماي چىق دېگەن.
   -شۇنداقتىمۇ...
   -غەم قىلماڭ ئانا، بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆزىمىز تېپىپ قىلغۇدەك بوپ قالدۇق...
   -دادىڭىز ئاپىرىپ قويسۇنمۇ؟
   -ياقەي ئانا، رامدىن سىرتقا قارىڭا، مۇھىت ئاسۇرغۇچى ھەدىلەر تۇرسا...
   - قىزىم ئېھتىيات قىلغانغا يەتمەيدۇ.
-خاتىرجەم بولۇڭلار.
مەن يولغا چىقتىم، دادام بىلەن ئانام مەن خۇددى يىراق سەپەرگە ئاتلانغاندەك پەلەنمپەيدىن چۈشۈپ چوڭ يولغىچە چىقىپ ئۇزۇتۇپ قويدى.
مەن ئۆيدە ئانامغا يوغان سۆزلىگەن بىلەن يولدا قورقۇشقا باشلىدىم. چاي قۇتۇسى، نان قاچىلانغان سومكىنى بوينۇمغا ئېسىۋېلىپ، چېنىققىلى چىققاندەك ئارلاپ-ئارلاپ يۈگرەپ قۇيۇپ، ئۆزەم بىلگەن ھەركەتلەرنى قىلىپ دېگەندەك دولان كۆۋرىكىگە يىتىپ كەلدىم. كۆۋرۈك بويى بۇ قاق سەھەردىلا ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغاندى.
مەن ساۋاقدىشىم زوھرەنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە كەينىدىن ماڭدىم، بىز 5-6 دەك ئاياللار تۇرغان جايغا بېرىپ تۇرشىمىزغا بىر دېھقان يوغان ئۈچ چاقلىق موتو بىلەن كىلىپ بىزنى موتونىڭ كۇزۇپىغا بېسىپ، ئاشپىزۇلغا ئاپىرىپ ئەتىگەنلىك تاماق ئېلىپ قۇرسىقىمىزنى تويغۇزۇپ، ئەمگەك مەيدانىغا ئېلىپ ماڭدى. ئەمگەك مەيدانىغا سەككىز ئادەم بارغاندۇق. بىز بېرىپ بولغىچە بۇ دېھقاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزگە لازىمەتلىك بولغان دېھقانچىلىق سايمانلىرى قاتارلىقلارنى ئېتىز بېشىغا ئاچىقىپ تەييارلاپ بولغاندى. بىز لازىمەتلىك ئەمگەك قوراللىرىنى ئېلىپ بىردىن سولغا چۈشتۇق، زوھرە مەن بىلەن يانداش قۇرغا ئىشقا چۈشكەن بولۇپ، ئوت ئوتاشتىكى ئاددى ئۇسۇلنى يەنى بىر قولدا ئوتنى تۇتۇش، يەنە بىر قولدا ئوتۇغۇچ بىلەن ئوت-چۆپ يىلتىزىغا ئۇرۇش، كېۋەز تۈۋىدىكى ئوتلارنى ئوتۇغۇچنى ئىشلەتمەي قول بىلەن يۇلۇش، ئەگەر ئوتۇغۇچنى كېۋەز تۈۋىگە ئاپارسا كېۋەزنىڭ يىلتىزىغا تىگىپ زەخمىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، كېۋەز مايسىسىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا تەسىر يىدىغانلىقى ھەققىدە چۈشەندۈرۈپ ماڭدى.
مەن سەل كەينىدە قالاي دىسەم زوھرە مېنىڭ سۇلۇمنى قىلىشىپ باشقىلارغا يىتىشتۈرۈپ قوياتتى. مەن بۇرۇنقى بىر قېتىملىق ئىشنى ئەسلەپ قالدىم.
بىز تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىغا چىققان بىرىنچى كۈنى ئىدى، مېنى سىنىپ مەسئۇلىمىز يۈز-كۆزلىرىنى توپا-چاڭ باسقان، كىيىم-كېچەكلىرى سەل ئاددى، ھەتتا پۇتىغا ئاياقمۇ كېيمىگەن بىر قىز بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. مەن ئۇنىڭ شۇ تەلەتىدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم، سىنىپ مەسئۇلىمىز ماڭا قايتا-قايتا تەربىيە ئىشلەپ مەجبۇرى ئولتۇرغۇزۇپ قويدى، مەن دادام بىلەن ئانامغىمۇ بۇ توغرىلىق داۋا قىلىپ ئۈلگۈردىم:
-قىزىم سىز ئۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ، ئانىڭىز بىلەن ئىككەيلەنمۇ ھەتتا تولۇق ئوتتۇرنى پۈتكەزىپ ئالى مەكتەپكە ماڭغىچە ياز كۈنلىرى پۇتىمىز ئاياق كۆرۈپ باقمىغان، پەقەت قىش كۈنلىرىلا پۇتىمىزنىڭ توڭلاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كونا ئۆتۈكلەرنى ياماپ ياكى پاختىلىق خەيلەر بىلەن بىلەن قىشنى ئۆتكەزگەن، يوقسىزلىق شۇنداق يامان، بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك، كىشلەرنىڭ ئىقتىزادى شارائىتىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ھازىرمۇ جەمئىيتىمىزدە تۇرمۇش شارائىتى ناچارلار خىلى بار، ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش، ئۇلارغا مىھرى-مۇھابەت ياغدۇرش بىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئىسىل پەزىلىتى، سىز قولىڭىزدىن كېلىشىچە ياردەم بىرىڭ...
-دادىڭىزنىڭ دېگىنى توغرا، شۇنداق قىلىڭ قىزىم،-دەپ ئاناممۇ دادامنىڭ گېپىنى تەستىقلىدى.
مېنىڭ گېپىمنى ھىچ كىم ئاڭلىمىغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم، لىكىن داۋامەت ئۇنى سىلكىشلەيتىم، كىتاپ،دەپتەرلىرىمنى، قېرىنداش، قەلەملەرنى، سېزغۇچ، قېرىنداش ئۇچلىغۇچلارنى، ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئاكام ئېلىپ بەرگەن «تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى لوغىتى»نى ۋە تۈرلۈك پايدىلنىز ماتىريالىنى  مەندىن سوراقسىز ئېلىپ قالسا ئۇنىڭغا چېچىلىپ كېتەتتىم، ئۇ گەپ-زۇۋانسىز ئولتۇرۇپ كېتەتتى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ تۈرلۈك دەرسلەردە مەن بىلەن تەڭ قۇردا ماڭالايدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ چىقىشقاق، ئاق كۆڭۈلىكى مېنىڭ قەلبىمنى سەل ئىرىتى بولغاي شۇنىڭ بىلەن سەن، مەن دېمەيدىغان، سېنىڭ، مېنىڭ دىيىشمەيدىغان بولدۇق، ھەم تېخى ئۇنىڭ بىلەن ھازىرقىدەك يېقىن دوستلاردىن بولۇشۇپ، ئۇ سىنىپ باشلىقى، مەن ئۆگۈنۈش باشلىقى بولۇپ سىنىپنى مەكتەپ بويىچە بايراقدار سىنىپ قىلىپ كېلۋاتىمىز.
مەن يەنە زوھرەگە يەر ئاستىدىن قارىدىم، ئۇ شۇنداق بىرىلىپ كەۋەزنى ئوتاۋاتاتتى، ئارلاپ مېنىڭ سولىمنىمۇ ئوتاپ قوياتتى...
بىز ئۈچۈنچى سولغا چۈشكەندە كۈن بېشىمىزغىلا كىلىپ، تىكلىشىپ، «غەرىپكە ساياھەت» تېلۋېزىيە فىلىمىدىكى يالقۇنتاغنىڭ ئىسسىقىنى سۇن مايمۇن بىزنىڭ ئېتىزىمىزغا ئەكىلىپ قويغاندەك بۇ ئىسسىققا پايلىماي قالدىم. كالپۇكلىرىم ئۇسسۇزلىقنىڭ دەستىدىن نەم دىدارى قالماي كاككۇكنىڭ ئاغزىدەك ئېچىلىپ قالدى، سومكامدىكى چاينى ئېلىپ كېلىپ ئىچەي دىسەم، يەنە سولنىڭ ئارقىدا قالارمەنمىكىن دەپ ئەنسىردىم، بەل، پۇت، قوللىرىم قوللاشماي قالدى، مەن چۈشكەن سولنىڭ بېشىغا قارىدىم ھىچقانچە ماڭمىغاندەك، ئاخىرغا قارىسام ئۇزۇراپ كېتىۋاتقاندەك، بوينۇممۇ بىر سولنىڭ بېشىغا، بىر ئاخىرىغا قاراپ غازنىڭ بوينىدەك ئۇزارغانسىرى زوڭزۇيۇپ ئوتىسام تېقىمىم، دوڭغۇيۇپ ئوتىسام بېلىم ئاغرىپ بولالمايۋاتاتتىم.
-قورساققا بىر نەرسە يىگەچ بىرەر يېرىم سائەت ئارام ئېلىۋېلىڭلار-دېدى ھېلىقى دېھقان.
بۇ سۆز مىھرىبان ئانامنىڭ ئۇسساپ ھالىمدىن كەتكەندە بەرگەن مۇزدەك سوغاق سۆيىدەك كۆڭلۈمگە بەك ياقتى. مەن سۆرىلىپ ئورنىمدىن تۇرۇپ ماڭاي دەپ تۇرىشىمغا:
-ئەقىدە توختا، ئۇلار قوللىرىنى يۇيۇپ بولغىچە سېنىڭ سولىڭنى ئالدىغا ئۆتكۈزۈپ قويايلى،-دېدى زوھرە.
مەنمۇ نائىلاج سول بېشىدىكى چاي قۇتۇسىنى ئېلىپ كىلىپ، چاينى ئېچىۋېلىپ، زوھرەگە سۇندۇم، ئۇمۇ قانغىچە ئىچىپ بولۇپ سولنىڭ ئۇ تەرپىدىن مەن بۇ تەرىپىدىن ئوتاپ ئون مىنۇتقا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە سولنى ھەممىنىڭ ئالدىغا ئاچىقىپ قويۇپ، ئىشتىن چۈشتۇق.
دېھقاننىڭ خوتۇن- باللىرى ھەر بىرىمىزگە بىردىن نان، بىر خالتىدىن لەڭپۇڭ تارقىتىپ بەردى، بەش، ئالتە تال تاۋۇزنى تىلىپ قويدى، خالىغانچە يىيىشتۇق.
-قورساقنى تويغۇزۇپ، بىرەر يېرىم سائەت ئارام ئېلىپ، كۈن ئازراق سەگىگەندە ئىشقا چۈشەيلى- دېدى ھېلقى دېھقاننىڭ ئايالى.
بىز ئالدىمىزغا قۇيۇلغان تائام ۋە تاۋۇزلار بىلەن قورساقنى تويغۇزۇپ، بىر دانە ئوغۇت خالتىسىنى ئاستىمغا سېلىپلا قاتتىق ئوخلاپ كېتىپتىمەن، قوپسام ھاردۇقنىڭ ھەممىسى چىقىپ كېتىپتۇ، بىرەر يېرىم سائەت ئارام ئېلىپ يەنە ئىشقا چۈشتۇق. بىز چۈشتىن كىيىن قېپ قالغان يېرىم سولنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى سولنى باشقا ئاچىققاندىن كىيىن  دېھقان تاغاىمىز ھەر بىرىمىزنىڭ قولىغا 80 يۈەندىن پۇل بېرىپ، ئەتىگەندە بىزنى ئىشقا ئېلىپ كەلگەن ئۈچ چاقلىق موتوسى بىلەن قانداق ئېلىپ كەلگەن بولسا، شۇ پېتىم، دولان كۆۋرىكى بويىغا ئاپىرىپ قويۇپ :
-ئوبدان سېڭىللىرىم، -دېدى سەل ئۆتۈنگەن قىياپەتتە،- بۆگۈن ئىشنى شۇنداق بىلەن قىلىشىپ بەردىڭلار، ۋاقتىڭلار يېتىپ قالسا ئەتىمۇ ئەتىگەنراق كەلسەم، يەنە بىر كۈن ئىشلىشىپ بەرسەڭلار، بىر قېتىملىق كېۋەز ئوتالغۇمنى تۆگۈتۈپ بولاركەندۇقمەن، ۋاقتىڭلار يىتەرمۇ؟
-بۇلىدۇ، بىز قىلىشىپ بىرەيلى-دىيىشتى باشقىلار.
زوھرە ماڭا «سەن قانداق قىلىسەن؟» دېگەندەك  قارىدى. مەن:
-ماڭا قارا زوھرە، مەن ئەتىلا ئەمەس، بۇندىن كىيىن باشقا ئىش چىقىپ قالمىسا سەن بىلەن ھەر شەنبە-يەكشەنبە تولۇق چىقىمەن-دېدىم.
-بېرىپلا يويۇنۇپ ئاندىن ئوخلا، ئەتە شۇنداق روھلۇق قوپىسەن، ئۇنتۇپ قالما ھە؟!
مەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ ئۆيگە ماڭدىم.
مەن بۈگۈن ئەتىگەنمۇ زوھرەنىڭ دېگىنىدىنمۇ ئەتىگەن دولان كۆۋرىكىگە چىقتىم. ئالدىقى كۈنىدىكى دېھقان تاغىمىز كەلدى، ئاشخانىغا باشلاپ قورساقنى تويغۇزۇپ يەنە ئېتىزغا ماڭدۇق، كېۋەزنى ئوتۇدۇق، يەنە بىر كۈنلىك ئىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دېھقان تاغىمىز بەرگەن 80 يۈەننى يانچۇققا سېلىپ قايتتۇق، لىكىن بۈگۈن ئالدىنقى كۈنىدەك بەل-پۇتلۇرۇم ئاغرىيدىغان ھالەت كۆرۈلمىگەندى. مەن زوھرە بىلەن خوشلۇشۇپ ئائىلەمگە ماڭدىم ۋە يولدا كېتىۋېتىپ بۇ 160 يۈەننى قانداق ئىشلىتىش ھەققىدە ئويلاندىم.
«50 يۈندىن 100 يۈەننى دادام بىلەن ئاپامغا بىرەي، 40 يۈەننى ھېلىقى ئۆيىگە ئوت كەتكەن خەنزۇ قېرىندشىمىزغا ياردەم قىلاي...»
مەن ئۆيگە كېلىپ ئويلىغېنىمنى دادام بىلەن ئانامغا ئېيتسام :
-قېزىم بۇ ئۆزىڭىزنىڭ جاپالىق ئەجىرىڭىزنىڭ مىۋىسى،-دېدى دادام پۇلنى قايتۇرۇپ قولۇمغا تۇتۇقۇزۇپ تۇرۇپ،- بۇنداق مىۋىنى بىزدەك پۇلى بار، ھەممىسى تەل ئادەملەرگە بەرسىڭىز بولمايدۇ، بۇنى ئەڭ ئەھمىيەتلىك، ئەڭ ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا،كىشلەرگە ئىشلىتىڭ ۋە بېرىڭ، شۇ چاغدىلا سىزنىڭ ھالال تەرىڭىزنىڭ، تاپقان پۇلىڭىزنىڭ قىممىتى، قەدىرى بولىدۇ.
ئاناممۇ دادامنىڭ گېپىنى قوللىغاندەك مېنىڭ بېشىمنى سىيلاپ تۇرۇپ چېھرىگە ئىللىق كۈلكە يۈگۈرتتى.
مەن يويۇنۇپ ئۆز ھوجىرامغا كىردىم، يەنە بۇ ئۆزەم تاپقان پۇلنى نىمىگە ئىشلىتىش ھەققىدە ئولاندىم...
«توغرا، 100 يۈەننى ئۆيىگە ئوت كەتكەن خەنزۇ قېرىندشىمىزغا ياردەم قىلاي، 60 يۈەن يېنىمدا تۇرسۇن، ئەتە، ئۆگۈن يەنە قانداق ئىشلار چىقىدۇ بۇنى بىلىپ بولمايدۇ، شۇ چاغدا بىر ئىش قىلارمەن...» دەپ ئاستا يوتقىنىمغا كىردىم...
2014-يىل 7-ئۆكتەبىر. ئاۋات




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 16:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-11 17:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-11-11 17:32:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ئىجادىيتىڭىز گە ئاپرىن

ۋاقتى: 2014-11-11 17:49:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ، قوللىرىغا دەرت كەلمىسۇن!

ۋاقتى: 2014-11-11 18:22:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك ! قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-11 19:25:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەچۈرۈڭلارمباشتىلا بىر يەردە زوھرە «زۇمرەت'\» دەپ يوللىىپ قاپتۇ يەنى
: "مەن ساۋاقدىشىم زوھرەنىڭ پۇل تېپىشىغا قىزىقتىم ۋە ئۇنىڭدىن:"
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turgunmijit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-11 19:25  


ۋاقتى: 2014-11-11 22:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنلىق ۋە تەبىئىلىك مېنى ھاياجانغا سالدى.ھېكايە تىلىدىكى بەزى نوقسانلارنى تۇرغۇنجان ئاكامنىڭ ياخشى پىششىقلاپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
؟ىجادىيەتىڭىزگە تېخىمۇ مول نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-11-11 23:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە ئىلھاملار يار بولسۇن .

ۋاقتى: 2014-11-12 03:29:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ  زور مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-11-12 15:39:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىنلىق ئاساسىيدا يېزىلغان ھېكايىگە ياخشى يېزىپسىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش