يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 257|ئىنكاس: 1

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: پۇل تېپىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-10 19:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
پۇل تېپىش


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


پۇل تېپىش ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس، ئەمما ئىشنىڭ ئېپىنى بىلگەن ئادەم ئۈچۈن پۇل تېپىش ئۇنچە تەس ئىشمۇ ئەمەس، ھەر ئادەمنىڭ قانچىلىك پۇلغا ئىگىدارلىق قىلالىشى ئۇنىڭ قانچىلىك ئىشنى يۈرۈشتۈرەلىشىگە باغلىق. كىچىك ئىشنىڭ غېمىمۇ ئاز بولىدۇ، ئىش چوڭايغانسېرى ئۇنىڭ دەرت- ئەلىمىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. "ئۇنداق قىلاي دەپتىم بولمىدى، مۇنداق قىلاي دەپتىم بولمىدى" دەپ، ھېلى ئۇ ئىشنى ھېلى بۇ ئىشنى قىلىپ، شاختىن- شاخقا قونۇپ يۈرگەن ئادەم چوقۇم پۇلنىڭ "قۇلى"غا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى دۇنيادا تىرىشچانلىق كۆرسەتمىسىمۇ يۈرىشىپ كېتىدىغان ئىش يوق. ھەرقانداق ئىشتا ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق ئۇدۇل كەلمەسلىك كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ، بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە شۇ ئىشنى قىلغان ئادەمنىڭ ئىشلارنى قانچىلىك دەرىجىدە يۈرۈشتۈرەلىشىگە باغلىق.
سالامەتلىكىنىڭ ياخشى بولماسلىقى سەۋەبىدىن شىركەتنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەلمىگىنىگە ئۇزاق بولغان بىر لېدىر بىر كۈنى شىركەت يىغىنىغا ياندىن قاتنىشىپ قاپتۇ، يىغىندا بىر قىسىم چىقىرىشقا تېگىشلىك ماللارنىڭ ۋاقتىدا چىقىرىلمىغانلىقى توغرىسىداتالاش- تارتىش بولىۋېتىپتۇ، ئىشنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق ئىكەن: تېخنىكا بۆلىمى باشلىقى ئاۋۋال گەپ باشلاپ:
-  مۇناسىۋەتلىك زاپچاسلار كەم بولغاچقا، مالنى تەقلەپ بولالمىدۇق.– دەپتۇ سېتىۋېلىش بۆلىمى مەسئۇلىغا قاراپ.
-  كېرەكلىك زاپچاسنى سېتىۋالىدىغانغا پۇل يوق، مال تەمىنلىگۈچى ئورۇن پۇلنى كۆرمەي تۇرۇپ مالنى سالمايدىكەن.- دېدى سېتىۋېلىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مالىيە بۆلىمىنىڭ باشلىقىغا قاراپ.
-  سېتىش بۆلىمى يىغىشقا تېگىشلىك پۇلنى ۋاقتىدا يىغمىسا، بىزدە قانچىلىك پۇل بولماقچىدى.- دېدى، مالىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى.
-  ساتقان مالنى ۋاقتىدا چىقىرالمىساڭلار، قانداقمۇ پۇلنى يىغقىلى بولسۇن،- دېدى سېتىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئاچچىقلاپ.
لېدىر ئاچچىقىدا قوشۇمىسى تۈرۈلدى، خىيالىدا: "قارىماققا ھېچكىمدە مەسىلە يوق، ھەممەيلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا تەييار، لېكىن ھېچكىم مەن ھازىر قىلالايدىغان ئىش قايسى؟دېگەنلەر ئۈستىدە باش قاتۇرمىغان" دېگەن ئوي كەچتى دە، ۋەزمىن ئاھاڭدا گەپ باشلىدى:
-  يىغىشقا تېگىشلىك پۇلنىڭ ھەممىسى مال چىقىرىپ بولۇنغاندىن كېيىن يىغىدىغان پۇل ئەمەس، ئۇنىڭ ئارىسىدا چىقىرىلغان مالنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا توغىرلاشماسلىق ياكى تېخنىكىلىق مەسىلە ھەل قىلىنمىغانلىق ۋەجىدىن بېرىلمىگەن پۇلمۇ بار. ناۋادا سېتىش بۆلىمى تېخنىكا بۆلىمى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ بۇ مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىۋەتكەن بولسا، سېتىش بۆلىمى يىغىشقا تېگىشلىك پۇلنى يىغىپ كېلەلىگەن بولاتتى. ئىككىنچى مەسىلە شۇكى، سېتىۋېلىش بۆلىمى تاپماق قىيىن، يېتىپ كېلىش ۋاقتى ئۇزۇن، نەق پۇل تۆلىمىگۈچە ئالغىلى بولمايدىغان زاپچاسلارنى پىلاندىن مەلۇم نىسبەتتە ئاشۇرۇپ سېتىۋېلىشى كېرەك ئىدى. سېتىش بۆلىمى خېرىدار بىلەن سودا سۆھبىتىنى باشلىغان ھامان، رەسمىي پۈتۈشۈپ توختاپ تۈزۈپ بولغىچە ئارىلىقتا تېخنىكا بۆلىمى بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنى تەقلەپ بولسا؛ سېتىش بۆلىمى خېرىدار بىلەن توختاملاشقاندا، مەھسۇلاتنىڭ تەييارلىقىنى ئېيتىپ، توختام سوممىسىنىڭ ھەممىسىنى ياكى 95 پىرسەنتىنى نەقلەشتۈرۈش تەلىپىنى قويسا ئىشلار يۈرۈشۈپ كەتمەسمىدى؟ مۇھىمى بۇ جەرياندا ھەرقايسى بۆلۈمدىكى خىزمەتچىلەر بىر-بىرىنىڭ ئىشىغا ئەيىپلەش نەزىرىدە ئەمەس، ئۆزئارا يار-يۆلەكتە بولۇش نەزىرىدە باقسا، "كۈچ بىرلىكتە ئىش ئۆملۈكتە" دېگەن ھېكمەت ئەمەلگە ئاشقان بولارىدى...




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 19:55  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-11 08:56:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىيقەتەن ياخشى تىمابوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش