شېڭ جازى[1]. پانۇس بايرىمى ئاخشىمى
ئوۋياڭ شىيۇ[ سۇڭ سۇلالىسى]
پانۇس بايرىمى كەچقۇرۇندا، ئۆتكەنكى يىلى
كوچا-كوي كۈندۈزدەك يورۇپ كەتكەن ئىدى.
سۆگەت شېخىدا چاقنايتتى ئاي، گۇگۇم كەينىدە
ئاشىق-مەشۇق ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن ئىدى.
ئەپسۇس، بۇ يىلقى پانۇس بايرىمى ئاخشىمىدا
ئاي، چىراغ ئاۋۋالقىدەك، ئوخشايدۇ ئىلگىرىكىگە.
پەقەت گۈزەل نازىن كۆرۈنمەس، كەتتى قاياق،
سىغىنىش يامغۇرى يەڭ-ئىتەكنى نەمدىمەكتە.
[1]بۇرۇن نەغمىچىلەر مەھكىمىسىنىڭ بىرخىل نەغمە تۈرى بولۇپ، كېيىنچەشېئىرىيەتنىڭ بىر خىل شەكلى بولغان(ت).