يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 2971|ئىنكاس: 53

خوتەندىكى ئەدىپلەر ياسىنجان سادىق چوغلانغا تون كىيگۈزدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-11-10 10:55:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خوتەندىكى ئەدىپلەر ياسىنجان سادىق چوغلانغا تون كىيگۈزدى
5 {% V' u0 r( M; o7 b# @$ R% ~
$ o: q+ A. {* o1 k2 \( W4 {! u- Z$ @1 p6 m) y  U
خوتەندىكى ئەدىپلەر ياسىنجان سادىق چوغلاننى خوتەنگە تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىگە كەسپى يازغۇچىلىققا يۆتكەلگەنلىكىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن 11-ئاينىڭ 8-كۈنى خوتەن شەھرىدە كۈتۈۋىلىش، تون كىيدۈرۈش پائالىيتى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتكە خوتەن  «يېڭى قاشتېشى»ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى مەتسىلىم مەتقاسىم رىياسەتچىلىك قىلدى. خوتەن شەھرىدە تۇرۇشلۇق يازغۇچى، شائىرلار ۋە قاراقاش، لوپ، چىرا ناھىيەلىرىدىكى ئەدىپلەر ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 40قا يىقىن كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ئابدۇغىنى سېيت، ئابدۇلئەھەت قادىرى ۋە ئابدۇقادىر مەتسىدىق قاتارلىقلار شېئىر دىكلاماتسىيە قىلدى، ناخشا-ئۇسسۇل، خوتەن خەلق ناخشىلىرى، تەربىيۋىي ئەھمىيتى زور بولغان بىر قىسىم يۇمۇرلار پائالىيەتنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقاردى. پائالىيەت ئاخىرىدا خوتەن «ئىنساب»كىتابخانىسىنىڭ قۇرغۇچىسى، مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچى تۇرسۇنتوختى ھاجىم كۆڭۈل سوۋغىتى سۈپىتىدە ياسىنجان سادىققا تون كىيگۈزدى. ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىدىن مەخمۇتجان ئۆزى ياسىغان نەپىس دۇتاردىن بىرنى سوۋغا قىلدى. خوتەن   ئاسانات مىلىيچە تائاملار ئاشپۇزۇلىنىڭ خوجاينى پائالىيەت ئارلىقىدا ياسىنجان سادىققا مەخسۇس كۆڭۈل سوۋغىتى تەييارلىدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت ناھايتى جانلىق، كۆپ خىل ۋە جۇشقۇنلۇق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدى.- A: M( [" A4 Y% s5 Y! f
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 18:46  4 v( K+ q/ t) t: R+ c
+ h: c& ^' q* Q3 B* C. y

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-10 11:38:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلق ئۆز تۆھپىكارلىرىنى تونۇپ، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. ئېسىل ئىش بوپتۇ بۇ. ياسىنجاننىڭ ھەممە ئىشلىرى خەيرلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2014-11-10 11:45:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتكە تارتمىغانمۇ؟ سۈرەت بولسا يوللاپ قويۇڭلار

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 12:14:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلەرنى ھازىرلا يوللىۋىتەي

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 13:10:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرغىچە رەسىم يوللاپ باقماپتىكەنمەن. رەسىملەرنى يوللىيالمايۋاتىمەن. بۇ جەھەتتە ياردەم قوبۇل قىلىمەن. + y; A# g$ g/ T9 a& N9 p; H
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 13:40  
$ m* Q# Y) j5 g4 Q" h) w
, b3 O+ N4 {& v0 z8 D4 \

ۋاقتى: 2014-11-10 13:22:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ،ياسىنجان ئاكىغا قۇت بولغاي.

ۋاقتى: 2014-11-10 13:40:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش بۇلۇپتۇ، مول-ھوسۇللۇق يازغۇچى ياسىنجان ئاكىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2014-11-10 13:53:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقىمىزنىڭ ئالقىشلىرى ياسىنجانغا يەنىمۇ كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىغۇسى...............

ۋاقتى: 2014-11-10 14:08:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قىسىم رەسىملەرنى مەن يوللاپ قوياي، تېلېفوندىلا تارتىۋالغانلىرىم...

15.jpg
14.jpg
13.jpg
12.jpg
11.jpg
10.jpg
9.jpg
8.jpg
7.jpg
6.jpg
5.jpg
4.jpg
3.jpg
2.jpg
1.jpg
ۋاقتى: 2014-11-10 14:13:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى...

37.jpg
36.jpg
35.jpg
34.jpg
33.jpg
32.jpg
31.jpg
30.jpg
29.jpg
28.jpg
27.jpg
26.jpg
25.jpg
24.jpg
23.jpg
21.jpg
20.jpg
19.jpg
18.jpg
17.jpg
16.jpg
ۋاقتى: 2014-11-10 14:40:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپىكارلارنى قەدىرلەش ئەجدادىمىزدىن قالغان ئېسىل ئەن ئەنە .% c) E/ i! \7 G+ i3 e0 O
بو تۆھپىكارىمىزنىڭ قەدرىنى قىلغان ئاقىللىرىمغا مىڭلارچە تەسەننا!!!!!!!!!!
. |% M; r' Y, p( m' Bئەدىپ نۇرموھەممەت توختى ئاتىمىزنى كۇرۇپ ئالەمچە سۇيۇندۇم .تاغ سۇپەت ئاتىلار ئامان بولغاي!!!
! m9 Y  S3 |- [9 A

ۋاقتى: 2014-11-10 15:12:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ. دەل  ئورنىنى تاپغان ئەل ھۆرمىتى بولۇپتۇ. چوغلاننىڭ ئىجادىيەتلىرى سەمەرىلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2014-11-10 15:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىدارلىشىپ باقمىلىغى 10يىلچە بولغان تونۇش سىيمالارنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى.... ھەي... 9 u( p3 A) q+ C: Y5 ^! m5 v( L

; j) P" ~. `4 h* _, B# tگەرچە نۇرمۇھەممەت توختى،مەتقاسىم ئابدۇراخمان، ئابدۇلئەھەد قادىرى، ئابدۇغېنى سىيت قاتارلىق پېشقەدەم  شائىر-ئەدىبلەر بىلەن، تۇرسۇنجان مۇھەممەت، مەتسېلىم مەتقاسىم، داۋۇت ئادىل قاتارلىق مۇھەررىر دوستلار بىلەن، ئابدۇرېشىت ئېلى، غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتتەك  ئوت يۈرەك شائىرلار بىلەن شۇنچە يېقىن تونۇشلۇقىمىز بار، ئۇلار بىلەن گەرچە ھەپتىدە بولمىسمۇ ئايدا 2-3ئايدا بولسىمۇ   دىدارلىشىپ ،ئەسرالىشىپ تۇرساقمۇ،.........
; y* G6 r, x0 A  uيەنە شۇ تونۇش سىمالار خىيالىمنى يىراق -يىراقلارغا ئېلىپ كەتتى...8 U% ]4 c$ L9 \" _" |

, m  t( @3 t4 ?' a$ T. ~0 Mئەنە، ئابدۇقادىر مەتسىدىق، ئابلىكى كېرەم، ئەركىن داۋۇت ئوغۇز،مۇختەر سۈپۈرگى، جاسارەت جاپپار، ئەنۋەر ھوشۇر،مۇھەممەت بارات تەشنايى، سادىر تۇرسۇننىياز ئۇدۇنلۇق قاتارلىقلار بىلەن بۇنىڭدىن 10نەچچە يىللار بۇرۇنقى ئەدىبلەر يىغىلىشى يەنە بىر قېتىم كۆز ئالدىمدىن ئۆتتتى." }, x$ l: k1 Y' o6 @1 `
قارىغاندا ئابدۇغېنى سېيت تاغىمىز ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، سورۇندىن چاڭ چىقىرىپ ئۇسسۇل ئويناپ،كەيپىياتنى بىراقلا كۆتۈرگەندەك قىلىدۇ...; \5 h9 [. f+ p% q$ X9 T
تونۇش سىمالار، تونۇش دوستلار، ئۇستازلار، ئاكىلار،ئاتىلار ئامان تۇرۇپسىلەر...سالامەتلىك سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن.8 v, M  M, g1 d' [$ Z4 r  @* k
چوغلانى ئەپەندىمنىڭ خوتەن دىيارىغا مېھرى چوڭقۇر. بىلىشىمچەئۇنىڭ تۇنجى ئەسەرلىرى  «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. چوغلانى ئەپەندىمنىڭ قازانغان شۆھرىتى-نۆۋىتىدە ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ شۆھرىتى!3 V8 V  m% R- k7 m. U

# f# x' J7 v3 P) ^7 c, i9 B" Vئامان بولۇڭ چوغلان ئەپەندىم. سىزگە ئىشەنگەن، سىزدىن پەخىرلەنگەن خەلق سىزدىن چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ!

ۋاقتى: 2014-11-10 15:51:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ئېسىل قۇتلۇقلاش بوپتۇ.  مېنىڭ كۆزلۈرۈمنى ئەڭ قامۇشتۇرغىنى ئېسىل رىستۇران،كاتتا سورۇن ،ياخشى يىمەكلىكلەر-تائاملار يەنە ئاۋۇ گۆشنان..ھەجەپ قوسقۇم ئاشتا...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 16:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3 K8 c7 s8 ]5 F- ?. D$ n7 Yئاخىرى بىر تال رەسىمنى چىقىرالىدىم.
8 u. J( A2 ?! uسۈرەتتىكىسى پائالىيەت جەريانىدىكى سۈرتلەرنى تارتقۇچى ئىدىرىس رۇسۇل تەمكىن بىلەن ياسىنجان سادىق ئەپەندى.
- {( H/ N. N) e! q( n( a: _# D! A! c" Z) j/ V
yasinjan sadik bilan.jpg 7 r* \2 `& v. R0 g9 c- ]

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش