ئاننا ئاخماتوۋا شېئىرلىرى
(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
ھىجران
سوزۇلۇپ ياتىدۇ مېنىڭ ئالدىمدا،
گۇگۇمنىڭ ئالدىدا ئىلانباغرى يول.
تۆنۈگۈن سۆيگۈنۈم يالۋۇردى ماڭا،
دەپ: «مېنى ئۇنۇتما ۋاپادارىم بول!»
يەل ئېسەر پەقەتلا ھازىر توختىماي،
قىچقىرار ئوتلاقتا پەقەتلا چوپان.
غىچىرلاپ قار باسقان ئەنسىز قارىغاي،
بۇلاقنىڭ بويىدا سالىدۇ چۇقان!
مۇھەببەت
بەزەن چار ئىلاندەك تۈگۈلۈپ خۇددى،
قەلبىمنى سېھىرلەپ قىلىپ ئالار رام.
بەزەن شوخ كەپتەردەك پۈتۈن كۈنبويى،
رۈجەكتە بوقۇلداپ بەرمەيدۇ ئارام.
قىراۋلىق گۈللەردە چاقنار ئۇ سەردان،
ئېپكېلەر رەيھاندەك خىياللارنى ھەم.
شادىمان ۋە تىنىچ پەيتىلەردە ھەر ئان،
قىلىدۇ ئۇ ئۈنسىز تەشرىپى قەدەم.
ئاڭلاپ ئۇ تارلارنىڭ ھەسرەتلىرىنى، ــ
ئۆرتىنىپ يىغلايدۇ ئەمما ئۇ لەززەت.
بىردەمگە ناتونۇش كۈلكىدىن كېيىن ــ
يۈز ئاچار ئۇ-تىلسىم، سىرلىق مۇھەببەت!
بىلمەيمەن
بارمۇ سەن، يوقمۇ سەن بىلمەيمەن بۇنى،
ئالەمدىن تاپقىلى بولارمۇ سېنى.
كېچىلىك سېغىنىش پەيتىدە پەقەت،
تىرىلگەن ماتەملەر چۇلغايدۇ مېنى.
ھەممىسى سەن ئۈچۈن: كۈندۈزكى تائەت،
بىدارلىق تۈندىكى ئەشۇ ئۆچكەن شام...
كۆزۈمدىن چاقنىغان كۆكۈش ئۇچقۇنلار،
ۋە سۈرلۈك قاتارى مىسرالار تامام.
ھېچكىمگە قەلبىمنى ئىگىلەتمىدىم،
ھېچكىممۇ قەلبىمنى تەۋرەتكەن ئەمەس.
بىر چاغلار پەپىلەپ، يۈز ئۆرگەن ھەتتا،
ئازاپقا تاشلىغان ئادەملەرمۇ، بەس!
* *
مەن ھېس قىلدىم بۇ يەردە ئەبەت،
ئالماس ئەمدى ئادەملەر نەپەس.
تاش دەۋرىنىڭ شامىلى پەقەت،
ئىشىكلەرنى چېكەر زەبەردەست.
مەن ھېس قىلدىم، زېمىندە پەقەت،
بىرلا ئۆزەم قېپتىمەن ئامان.
چۈنكى زەھەر مەينى تۇنجى رەت،
ئىچىشنى مەن قىلغانمەن ئارمان!
ئاخشام
نازغىغان ئاھاڭلار ياڭراپ باغ ئارا،
ئېيتقۇسىز ھەسرەتنى قىلىدۇ ئىزھار.
مۇزلىغان قۇلۇلە باردۇر پەتنۇستا،
دېڭىزنىڭ پۇرىقى دىماقنى يارار.
ئەڭنىمنى ئۇ ئاستا تۇتۇپ باقىدۇ،
ئانت ئىچىپ؛ دەپ ساڭا مەن سادىق دوست-يار،
بۇ مېنى سىققان قوللارغا ئەمما،
شۇ ئىسسىق قۇچاقلار ئوخشىماس زىنھار.
باققاندەك غۇنچە بوي چەۋەنداز قىزغا،
ۋە سىيپاپ كۆرگەندەك قۇشنىڭ پەرىنى.
كۆزىدە ئىستىھزا باقىدۇ ئاستا،
سۆرۈنلۈك قاپلىغان ئۇنىڭ تەرىنى.
قايغۇ ۋە ھەسرەتتە جاراڭلاپ زىلتار،
ماناندا ئاڭلىنار مۇڭلۇق ناھايەت.
يار بىلەن تۇنجى رەت ئۇچراشقىنىڭچۈن،
خۇداغا شۈكرى قىل، قىلغىن ئىبادەت!
بورس پاستىرناك شېئىرلىرى
(سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى)
قۇياشنىڭ سىيماسى ئۆچتى قەلبىمدە،
خازان چۆپ، سولاشقان گۈللەردىن بەتتەر.
مۇڭلۇق يەل كېزىدۇ سامادا تەنھا،
يۇلتۇزلار، قارلارنى يېتىلەپ دەربەدەر.
يوق ئەمدى دەريادا ئۆركەشلىك ئېقىن،
مۇز بولدى شوخ سۇلار، مۇز بولدى پەۋەس.
بۇ يەردە روي بەرمەي، ھەر نە ئىش مەڭگۈ،
ئاھ ئەسلا روي بەرمەس! مەڭگۈ روي بەرمەس.
تال شېخى سوزۇلغان يوپيوش ساماغا،
شىلدىرشىم ياپراقلار چۈشكىلى نېكەم.
مەن ساڭا دەسلەپتە تەگمەي قويغىنىم،
ئەجەپمۇ ياخشى ئىش بوپتىكەن ئەركەم.
قۇياشنىڭ سىيماسى ئۆچتى قەلبىمدە،
بۇ نېمە بولغىنى، چۈشەرمۇ زۇلمەت؟
زىمىستان ئېھتىمال قاراڭغۇ ئىچرە،
بىر تۈندە ئالدىمغا كېلىدۇ پەقەت.
* *
ھەر كۈنى ئاخشىمى زۇلمەت ئىچىدە،
سۆيگۈنۈم ئېۋەتكەن خەتنى ئالىمەن.
تۈن نىسپى بولغاندا-يېرىم كېچىدە،
جاۋابىن بېرىمەن، سۈرەن سالىمەن.
زۇلمەتكە سوزۇلغان يوللار ئۈستىدە،
ئەجەلگە مېھمان بوپ تاپمايمەن تېنىم.
ئېسىڭدە بولسۇنكى ئۇشبۇ ئالەمدە،
ھېچكىمنى ئەزگىلى بولمايدۇ جېنىم.
ئېسىقلىق تۇرۇپتۇ يوغان بىر يۇلتۇز،
ئىككى تۈپ دەرەخكە قۇرىغان قاقشال.
ياخشى چۈش ئايلىنار ھاياتتا ئوڭغا،
دەپ ۋەدە بېرىدۇ يۇلتۇز بىمالال.
شامال
ئۆلگىنى سەندۇرسەن، تىرىك قالغان مەن،
شاماللار يىغلايدۇ، سالىدۇ پەريات.
دەرەخزار ئۇرىدۇ يەرگە بېشىنى،
تەۋرەيدۇ چار باغلار ئوقۇپ مۇناجات.
تەۋرىگەن، چايقالغان پۈتكۈل دەرەخزار،
ئەكسىچە ھەر بىر تۈپ قارىغاي ئەمەس.
تەۋرىگەن، چايقالغان تۇتاش ئورمانزار،
بىقىياس ئۇپۇقنى قاپلىغان پەۋەس.
بىھىساپ يەلكەن ۋە پالاقتەك گويا،
لىماندا لەيلىگەن چۆككەن ھەر نەپەس.
چاچرىغان غۇرۇرنى تالاشماس زىنھار،
كېرەكمەس ئىسىمسىز خۇسۇمەت ئاڭا.
پەرىشان دىللارغا پەقەت بولۇپ يار،
ئەللەيلەر كۈيىنى ئىزدەيدۇ ساڭا.
مەستلىك
چىڭگىلىك چىرماشقان تالنىڭ تۈۋىدىن،
يامغۇردا ئىزدىدۇق دالدا، پاناھ جاي.
يامغۇرلۇق يېپىندۇق ئىككىمىزمۇ ھەم،
قوللىرىم تېنىڭدە ئايلاندى تىنماي.
يېڭىلدىم، چىرماشقان دەرەخزارلىققا،
چىڭگىلىك ئەمەسكەن، مەستلىكىم ئىكەن.
ياخشىسى سالايلى ئاستىمىزغا بىز،
يامغۇرلۇق چاپاننى ئامرىقىم-ئەركەم!
مەنبە: «كۆۋرۈك (ھازىرقى ‹ئەدەبىي تەرجىمىلەر›)» ژۇرنىلىنىڭ 87 -يىللىق 11-سانى
يورۇتقۇچىدىن: تەرجىمە قىلغۇچى كىمكەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-9 21:22