سودىدىكى ئالدىن كۆرەرلىك ۋە تاپاۋەت
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
سودا تاپاۋىتى بارلىق تاپاۋەتلەرنىڭ ئەڭ سەرخىلى، چۈنكى سودىدىكى ئالماشتۇرۇش ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنى نەقلەشتۈرىدۇ. شۇڭا سودىدىكى ئالدىن كۆرەرلەك ئادەمنى ئويلىمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشتۈرىدۇ. بۇ سۆزىمىزنى دەلىللەيدىغان مۇنۇ ھېكايىگەقۇلاق سېلىڭ. بىر ئامېركىلىق دۆلىتىمىزگە 200 مىڭ دوللار پۇل بىلەن كېلىپ خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرۇپتىكەن، 1مىليون 340 مىڭ يۈەن بوپتۇ. ئۇ 1 مىليون خەجلەپ بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋاپتۇ، 340 مىڭ يۈەننى بىر يىللىق تۇرمۇشى خىراجىتىگە ئىشلىتىپتۇ. ئىككىنچى يىلى ئۆي باھاسى ئۆرلىگەندە بۇ ئۆيىنى بازارغا ساپتىكەن، 2 مىليون يۈەنگە ياراپتۇ. بۇ دوللارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، خەلق پۇلىنىڭ قىممىتى ئاشقان چاغ ئىكەن، ئۇ 2 مىليون يۈەننى 400مىڭ دوللارغا ئالماشتۇرۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر يىل يەپ-ئىچىپ ياشاپ، يەنە 200مىڭ دوللار پۇل تېپىپ دۆلىتىگە قايتىپتۇ. بىزدە"يېتىپ يېسە تاغمۇ توشىماپتۇ" دېگەن ماقال بار. پۇل ئەگەر تاۋارغا ئالماشمىسا ئۇنىڭ قىممىتى چۈشسە چۈشىدىكى ئۆسمەيدۇ. پەقەت سېتىۋالغان تاۋارنىڭلا ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قىممىتى ئېشىپ بارىدىغان چاغلار بولىدۇ. ۋەزىيەتنى ياخشى مۆلچەرلەپ، قولىمىزدا بار ئىقتىسادتىن ياخشى پايدىلانغاندىلا، بىر تەرەپتىن، تۇرمۇشىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تېگىشلىك تاپاۋەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھازىر ئەتراپىمىزدا مەبلەغ سېلىشقا بولىدىغان تۈرلەر كۆپ، ئۆي مۈلۈك، ئاكاسىيە، لاتارىيە بېلىتى، ھەتتا خەلق ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك تۇراقلىق ياكى ھەرىكەتچان ئىگىلىككە، مائارىپقا ۋە مەدەنىيەتكە مەبلەغ سېلىش قولىمىزدا بار مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يولى بولالايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-8 12:59
|