يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 334|ئىنكاس: 3

تۇردى لېتىپ ئىزگۈ: ئىنچىكە ئىشلەش غەلبىگە يېتەكلەيدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىنچىكە ئىشلەش غەلبىگە يېتەكلەيدۇ


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ

دۇنيادىكى بارچەشەيئى ۋە ھاددىسىلەرنىڭ ئىنچىكە ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكلىرى بولىدۇ. بۇلارغادىققەت قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىنىڭ ھەل بولۇش ياكى ھەل بولماسلىقىنى بەلگىلەيدۇ. قەدىمدىنتارتىپ ئاقىللار ئىشنىڭ دەل مۇشۇنداق ماھىيەتلىك ئالاھىدلىكىنى ئېچىپ بېرەلىشىبىلەن دۇنياغا تونۇلغان. ئىشلارنىڭ ماھىيىتىگە سەل قاراش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش،كەينىگە سۈرۈش، ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئادەمدىكىھورۇنلۇق سەۋەپ بولىدۇ. ئىشلارنى زىيادە ئاسانلاشتۇرۇپ قىلىشقا ئىنتىلىش بەزىدە ئادەمنىئىشلارنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. گەرچە ھەممىلا ئىشنىئىنچىكە قىلىش چوقۇم غەلبىگە ئاپىرىدۇ دىگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ھەر ئىشنىڭئۇتۇقلۇق بولۇشىغا يەنە نۇرغۇن شەرتلەر يانداشقان بولىدۇ. شۇ شەرتلەرنى ئورۇنداش ئۇچۇن،دەل يەنە ئىشلارنىڭ ئىنچىكە ماھىيىتىنى چۈشىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ياپونىيەلىكنىڭزاۋۇتىدا ئىشلەۋاتقان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە زاۋۇت باشلىقى، ئۇنىڭ خاس تەرجىمانى ۋەمەن شىركەتنىڭ پىكابىغا ئولتۇرۇپ سىرتقا چىقىپ قالدۇق. پىكاپ قوزغالغاندىن كېيىن،دېرىزە تەرەپتە ئولتۇرغان تەرجىمان قىز دەرىزىنى ياپىمەن، دەپ تېخىمۇ چوڭئېچىۋەتتى. زاۋۇت باشلىقى دەرىزىنى ئېتىشنى بۇيرىۋېدى، تەرجىمان قىز:
-ياپاي دەپكۇنۇپكىنى باسقانتىم، ئېچىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ياپىدىغان كۇنۇپكا قايسى؟- دەپ سورىۋىدى،زاۋۇت باشلىقى:
- باسساڭ تېخىمۇچوڭ ئېچىلغان بولسا ئۈستىگە كۆتۈرۈپ باقمامسەن، بۇ ئەقەللىي ئىشقۇ؟ سەن ئەكسىچەنەتىجىگە ئېرىشمەكچى بولساڭ، ئەكسىچە ھەرىكەت قىلىپ بېقىشنى بىلىشىڭ كېرەكتە.- دېدى.
ئىچكىرىگەكاماندىراپكىغا بارغان خىزمەتدىشىم ئىش ئارىلىقىدا ئىشخانىدىن چىقىپ كارىدورداتاماكا چېكىپتۇ، بىراق قايتىپ كېرىدىغان چاغدا، ئەينەك ئىشىكنى ھەرقانچەئىتتىرسىمۇ ئاچالماپتىكەن، ئىچىدىكىلەر ئالدىغا تارتىشنى شەرەت قىلسىمۇ ئۇ بىلمەپتۇ.ئاخىرى بىرەيلەن بېرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن ئىتتىرىپ ئېچىپ بەرگەنىكەن، خىزمەتدىشىم خىجىلبولۇپ بېشىنى كۆتۈرەلمەپتۇ. ھازىر بۇنداق ئىشىكلەر كۆپىيىپ كەتتى. كىشىلەر ناۋادائىشىك ئىتتىرسە ئېچىلمىسا، تارتىش كېرەكلىگىنى بىلىپ كەتتى.
دوستۇم بىلەن بازار ئارىلاۋاتساق ئۇنىڭغا يولياقىسىدىكى كىيىم- كېچەك دۇكىنىدىكى بىر ئىشتان ياراپ قالدى، سىناپ باقماقچىبولىۋىدى، ساتقۇچى ئۇنى بۇرجەكتىكى كىيىم سىناش ئۆيىگە باشلاپ قويۇپ ئىشىكنىيېپىۋەتتى. دوستۇم خېلى بىر چاغقىچە ئىچىدىن چىقمىدى. ئەسلىدە ئۇ ئىشىكنى تارتىپمۇئاچالماپتۇ، ئىتتىرىپمۇ يەنە ئاچالماپتۇ، تاقاپ قويغان چېغى دەپ چېكىپ بېقىپتۇ،ھېچكىم ئاڭلىماپتۇ. ئەسلى بۇ ئىشىك يانغا ئېچىلىدىغان ياپونچە ئىشىككەنئەمەسمۇ، ئۇ بۇنى بايقىغىچە خېلى ۋاقىت كېتىپتۇ.
- بۇدا يەنەشۇنداق ئىش بولسا، يەنە بىر يەرلەرگە سولىنىپ قېلىپ يۇرمە!- دېدىم ئۇنىڭغا چاقچاققىلىپ،- يەنە تېخى ئۈستىگە سىرىپ ئاچىدىغان ئىشىكمۇ بار، قاراپ بېقىپ، ئەقىل ئىشلەتسەڭئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق.
بىر كۈنى خوتۇنۇمبىلەن ئۆي جاھازىلىرى بازىرىنى ئايلاندۇق. ئۇ بىر ئەينەك ئىشكاپنى كۆرۈۋاتاتتى. ئىشكاپنىڭئىككى يېقىدا ئەينەك ئىشىكى بار ئىدى. مەن ئەينەك ئىشىكنى ئاچماقچى بولۇپ قارىسامتۇتقۇچى يوق، ئىككى پارچە ئەينەكنىڭ يېرىقىغا بارماق پاتمايتتى. بىر نېمىسى كەمبولسا كېرەك، دەپ ساتقۇچىدىن سورىمامدىمەن:
-  ئىچىگەبىر ئىتتىرىپ قويىۋەتسىڭىز ئېچىلىدۇ.- دېدى. شۇنداق قىلسام ئەينەك ئىشىك سىرتىغاتېپىپ يېرىم ئېچىلدى، قالغىنى تارتىپلا ئاچتىم. ئەسلى ماگنىتلىك ئىشىككەن،ئىتتىرىپ قويىۋەتسە، ئىچ تەرەپتىكى بۇرژىنا ئىشىكنى تېپىپ ئېچىپ بېرىدىكەن.
-    مۇنداقمۇ ئاچىدىغان ئىشىكباركەن ئەمەسمۇ.- دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
يىغىپ ئېيتقاندا،بارچە ئىشلارغا كۆڭۈل كۆزىمىز بىلەن ئەتراپلىق كۈزەتسەك، ئۇنىڭ ماھىيىتىنى، ئىچكىمۇناسىۋىتى بىلىپ يېتەلەيمىز، بۇنى يەنە "مۇكەممەل" لىكنى قوغىلىشىشدەپمۇ ئاتايمىز. بۇ دەل قىلغان ئىشىمىزدا بىزنى غەلبىگە يېتەكلەيدىغان ئالتۇنئاچقۇچ...
2014-يىلى1-يانۋار ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 20:53  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-7 22:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا ئېيتتىڭىز.
ۋاقتى: 2014-11-8 00:17:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت
ۋاقتى: 2014-11-11 17:32:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاددى، ئەمما بەزىدە بىز بىلمەيدىغان قىمىتى يوقىرى ساۋاتلار ئېكەن..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش