كۆرۈش: 597|ئىنكاس: 10

ئابلەت ئابدۇرېھىم: ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرلارنىڭ  باققالچىلىق  مەدەنىيىتى

 رايونىمىز شىنجاڭ تىپىك يېزا ئىگىلىك رايونى بولۇپ، كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ھاۋاسى قۇرغاق، ياز ئۇزۇن، قىش قىسقا، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقى چوڭ، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، تۇپرىقى قۇمساڭغۇ، مۇنبەت. بۇنداق ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك شارائىت رايونىمىزدا ئاشلىق زىرائەتلىرى ۋە مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئاينىشىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بەرگەن، شۇ سەۋەبتىن مېۋىلەرنىڭ تېرىسى نېپىز، ئېتى قېلىن، قەنت ماددىسى يۇقىرى، تەملىك، يېيىشلىك. رايونىمىزدا مېۋىلەرنىڭ تۈرى يۈز نەچچە خىلدىن ئاشىدۇ، پىشىش ۋاقتى 5 - ئاينىڭ بېشىدىن باشلانسا، 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. ئالما، ئانار، ياڭاق، چىلان، جىگدە، ئەش شاپتۇل قاتارلىق بىر قىسىم مېۋىلەرنى كېلەر يىلى يېڭى مېۋە چىققۇچە ساقلاپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ، ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ، تەمى ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئۆرۈك، ئەنجۈر، توغاچ، ئۈزۈم قاتارلىق بىر قىسىم مېۋىلەر ياز ئوتتۇرىسىدا پىشىدىغان، سۇ تەركىبى بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا، بۇ مېۋىلەر ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتىۋېلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مېۋىلەر ھۆل ۋە قۇرۇق دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ. كۆپىنچە ئائىلىلەرنىڭ مېۋىلىك باغلىرى ياكى ھويلا - ئاراملىرىدا ئۆستۈرگەن مېۋىلىك دەرەخلىرى بولىدۇ، ئۆزلىرى يەپ ئېشىپ قالغانلىرىنى سېتىپ خىراجەت قىلىدۇ. باققالچىلىق 半 مانا مۇشۇ ھۆل، قۇرۇق مېۋە - چىۋىلەرنى ئېلىپ - ساتىدىغان كەسىپنى كۆرسىتىدۇ.
  باققالچىلىق - ئۇيغۇرلاردا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە كەسىپ بولۇپ، ئىلگىرى رايونىمىزنىڭ قۇرۇق مېۋىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ۋە قوشنا دۆلەتلەرگە يۆتكەپ ساتىدىغان تۆگە كارۋانلىرى بارلىققا كەلگەن. ئۇلار غەربىي يۇرتتىن قۇرۇق مېۋە، يۇڭ، تېرە قاتارلىقلارنى شەرققە يۆتكىسە، شەرقتىن قەنت - گېزەك، چاي، رەخت قاتارلىقلارنى غەربىي يۇرتقا يۆتكەپ كەلگەن. ئۇزۇن تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا باققالچىلىق مەخسۇس كەسىپ بولۇپ شەكىللىنىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مۇئەييەن مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرگەن. قۇرۇق مېۋە - چىۋىلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئوخشىمىغان، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن يىللىرى ئاشلىق ئورنىدا ئىستېمال قىلىنغان.
  باققالچىلىق ئۇيغۇرلاردا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدىن باشلاپ جانلىنىشقا باشلىدى، يېزا - كەنتلەردىكى كىچىك بازارلاردىن تارتىپ چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئاۋات رەستىلىرىگىچە ھۆل - قۇرۇق مېۋىلەرنى ساتىدىغان باققاللارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. باققاللارنىڭ خاس قۇرۇق مېۋە ساتىدىغانلىرىمۇ، خاس ھۆل مېۋە ساتىدىغانلىرىمۇ، ھۆل ھەم قۇرۇق مېۋىلەرنى بىللە ساتىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. باققاللار كۆپىنچە ھاللاردا مېۋىلەرنى باشقىلاردىن ئېلىپ، پاكىزلاپ، تۈرگە ئايرىپ ساتىدۇ. بەزى ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللارنىڭ باغلىرى بولىدۇ، بىر قىسىم سۇ مىقدارى كۆپ، قۇرۇتۇش مۇمكىن بولمايدىغان مېۋىلەرنى ھۆل پېتى ساتقاندىن سىرت، قۇرۇتۇشقا بولىدىغان مېۋىلەرنى ھەر خىل تېخنىكىلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ قۇرۇتىدۇ، سورتلارغا ئايرىيدۇ، ئۆلچەملىك قاچىلارغا قاچىلايدۇ. قۇرۇق مېۋە ساتىدىغان باققاللارنىڭ مەخسۇس دۇكانلىرى بولىدۇ، ئۇلار كەسىپلەشكەن بولۇپ، مەخسۇس باققالچىلىق قىلىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. ھۆل مېۋە ساتىدىغان باققاللار كۆپىنچە بازار كۈنىدە باققالچىلىق قىلىدۇ، باشقا ۋاقىتلاردا دېھقانچىلىق ياكى باشقا كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مېۋىلەرنى باغۋەنلەر ياكى توپ تارقاتقۇچىلاردىن سېتىۋالىدۇ، ئەتىگەندە يۇقىرىراق باھادا ساتىدۇ، كەچتە ئەرزان بولسىمۇ سېتىپ تۈگىتىۋېتىپ، بازار كۈنىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۆزلىرىنىڭ كەسپىنى قىلىدۇ.
  باققاللار ناھايىتى سۆزمەن، كەڭ قورساق كېلىدۇ، مېۋىلەرنى ماختاپ، خېرىدار چاقىرىپ ساتىدۇ، خېرىدارلارنى مېۋىلەرنىڭ تەمىنى تېتىپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئازراق يەپ قويغانغا باھا ھېسابلىمايدۇ، بەزى تونۇش - بىلىشلىرى ياكى دائىملىق خېرىدارلىرىغا باھادىن سىرتمۇ مېۋە قوشۇپ بېرىدۇ، ئۇزاق ساقلىسا بۇزۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار مېۋىلەرنى نامرات، ئاجىزلارغا ھەقسىز بېرىۋېتىدۇ.
  باققاللار مېۋىلەرنى خېرىدارلارنىڭ تاللاپ ئېلىشىغا قۇلايلىق شارائىت ھازىرلاپ قويىدۇ، مېۋىلەرنى خېرىدارلارنىڭ كۆز ئالدىدا جىڭلاپ بېرىدۇ. خېرىدارلار قايتقاندا ئەدەپلىك سۆزلەرنى قىلىپ خوشلىشىدۇ.
  باققالچىلىققا ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك - ئىچمەك، ساغلاملىق، قوشنىدارچىلىق، ئۆز ئارا ئىشەنچ قاتارلىق كۆپ خىل مەدەنىيەت ئامىللىرى مۇجەسسەملەنگەن. بەزى كەسىپلەشكەن باققاللارنىڭ يۇرت، رايون ئاتلىغان زەنجىرسىمان دۇكانلىرى بولىدۇ، باققاللار ئۆزلىرىنىڭ كىيىنىشى، گەپ - سۆزى، سودىگەرچىلىك ماھارىتى ئارقىلىق مۇئەييەن مەدەنىيەت خاسلىقىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ باققالچىلىق مەدەنىيىتى ئۇزاق تارىخىي تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. باققاللار ئىچىدە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد مۇشۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆز ئالدىغا ئالاھىدە تىجارەت ماھارىتى شەكىللەندۈرگەن، ھەر قايسى يۇرت خەلقىنىڭ سودا ئېڭى، سودا پىسخىكىسى بىلەن پىششىق تونۇشقان، بازارغا توغرا ھۆكۈم قىلالايدىغان، مۇناسىۋەت دائىرىسى كەڭ، خېرىدارلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى بىلىدىغان باققاللار خېلى كۆپ. بۇنداق ماھارەت باققاللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك سودا تەرەققىياتى، سودا مەدەنىيىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن.
  باققالچىلىققا باشقا ھۈنەر - كەسىپكە ئوخشاش شاگىرتلىققا كىرمىسمۇ بولىدۇ، ئەمما مەخسۇس كەسىپلەشكەن باققال بولۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل جاپالىق ئىشلەشكە، ئۆزىدە ئېغىر - بېسىق، مۇلايىم، خۇشخۇي خاراكتېر يېتىلدۈرۈشكە، خېرىدارلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئىگىلەشكە، راۋان سۆزلەش ماھارىتى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھازىرقى شارائىتتا تىل بىلىشمۇ مۇھىم مەسىلە. ئۇيغۇر باققالچىلىقى مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك ئامىللارنىڭ زىچ بىركىشىدىن شەكىللەنگەن ۋە تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن كەسىپ. باققالچىلىق مەدەنىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ سودا - سېتىق، يېمەك - ئىچمەك، باغۋەنچىلىك مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم تېما بولالايدۇ.
مەنبەسى:  خوتەن گېزىتى


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-6 21:00:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىكە يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت

ۋاقتى: 2014-11-6 22:02:46 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ گېزىتىگە سۇنىدىغان ماقالە ئىكەن...ئىزدىنىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولغاي ئىنىم.

ۋاقتى: 2014-11-6 22:27:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر

ۋاقتى: 2014-11-6 23:12:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىز نەتىنجىلىك بولغاي

ۋاقتى: 2014-11-7 12:36:11 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپلىق يېزىلىپتۇ

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 10:52:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار، بۇ مېنىڭ ئىجادىي ئەسىىرىم ئەمەس، خوتەن گېزىتىدىن  كۆچۈرۈپ قويغان ماقالە ئىدى، لېكىن ئاپتۇرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، بىلىدىغان قوشۇپ قويايلى

ۋاقتى: 2014-11-10 23:35:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بۇ چىرا ناھيىەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىشقەدەم تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، توغۇلغان شائىر، يازغۇچى، ئەدەبىي ئوبزورچى، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت تەتقىقاتچىسى مەتتۇرسۇن ھەسەن مۇئەللىم ئاپتۇرلۇقىدىكى  ماقالە ئىدى.  ماقالە ماۋزۇسىنىڭ ئاستىغا ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمنى يېزىپ قويغىنىڭىز ياخشى بولماپتۇ. خۇددى سىز يازغاندەكلا تويغۇ بىرىپ قويىدىكەن. مۇمكىن بولسا تېما يوللىغاندا ئەسەرنىڭ مەنبەسى، ئاپتۇرىنى تولۇق ئەسكەرتىشكە ئەھمىيەت بەرگەن بولسىڭىز، مۇشۇنداق قىلغاندا تاسادىپىي ئوقۇشماسلىق، بىھۇدە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-10 23:35  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 19:14:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
shaidayi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-10 23:35
بۇ چىرا ناھيىەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىشقەدەم تىل  ...

مەن يوللاپ قويغان، تېمىنى تەستىقلىغۇچى مېنىڭ ئىسمىمنى قوشۇپ قويۇپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-4 19:15:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما تەستىقلىغۇچى دەرھال مېنىڭ ئىسمىمنى ئۆچۈرۈپ تاشلىسا، بۇرۇن دىققەت قىلماپتىمەن، ئەمدى قارىسام مېنىڭ ئىسمىم قوشۇلۇپ قاپتۇ. رەھمەت ئاۋارە قىلدىم.

ۋاقتى: 2015-2-4 19:33:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۆزى  قوشۇپ يازمىسا نەدە باشقۇرچىلار قوشۇپ قويىدىغان ئىش بار !  قىزىقكەنسىز....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش