بىر تال سىزىق قانچە پۇلغا يارايدۇ؟
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
بەزىلەر «سەن بىلگەننى مەن بىلمەمدىم؟»، «سېنىڭ ئەقلىڭ يەتكەن ئىشقا مېنىڭ ئەقلىم يەتمەمتى» دەيدىغان كۆرەڭلىك، تەن ئالماسلىق ئىچىدە ياشايدۇ. بۇ خىل كۆرەڭلىك ئىشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىپ يېتىشكە، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى توغرا ھەل قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. تۇرمۇش ۋە خىزمەت جەريانىدا بۇنداق ئىشلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ يەردە مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى: ئامېرىكا فورد شىركىتىنىڭ بىر يۈرۈش گېنېراتورىدا كاشىلا كۆرۈلۈپتۇ، تېخنىك خادىملار ئۈچ ئاي تەكشۈرگەن بولسىمۇ ھېچ ئامالىنى قىلالماپتۇ ۋە ئاخىر ئۇلار گېرمانىيەلىك بىر مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىپتۇ. ئۇ كىشى بىر مەھەل تەكشۈرۈپ ھېسابلاپ كۆرگەندىن كېيىن، بوردا گېنېراتورنىڭ ئۈستىگە بىر تال سىزىق سىزىپتۇ-دە، مۇنداق دەپتۇ: ـــ دېۋېگاتورنى ئېچىپ، مۇشۇ سىزىق سىزىلغان ئورۇندىكى سىم ئورامدىن 16 ئايلانما كېمەيتىۋېتىڭلار! شىركەتنىڭ تېخنىكلىرى شۇ بويىچە ئىشلەپتىكەن، مەسىلە بىراقلا ھەل بوپتۇ. فورد شىركىتى ئۇ مۇتەخەسسىستىن قانچىلىك ئىش ھەققى ئالىدىغانلىقىنى سوراپتۇ، -10 مىڭ دوللار بېرىشىڭلار كېرەك.- دەپتۇ گېرمانىيەلىك مۇتەخەسسىس. كىشىلەر ھەيران بولۇشۇپ: -بىر تال سىزىق سىزىپ قويغانغىمۇ 10 مىڭ دوللار ئالىدىغان ئىش بارمۇ؟- دېيىشىپتۇ. شۇ چاغدىلا ئ ۇمۇتەخەسسىس كەسكىن تەلەپپۇزدا مۇنداق دەپتۇ: ـــ بىر تال سىزىق سىزىش ئەلۋەتتە بىر دوللارغىمۇ ئەرزىمەيدۇ. لېكىن شۇ سىزىقنى قەيەرگىچە سىزىشنى بىلىش 9999دوللارغا يارايدۇ! بۇ ھېكايە بىزگە بىلىمنىڭ قىممىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇنى بىر تەدبىر بەلگىلەش جەريانىغا تەدبىقلاشقا بولىدۇ. گەرچە تەدبىر تولىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن تەدبىر بەلگىلەش جەريانى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ. تەدبىر دېگەن ھەقىقىي قابىلىيەت، ئۇ يۈز بەرگەن ئىشلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىنچىكە، ھەقىقىي تەپەكشۈرۈشتىن كېلىدۇ.
2013- يىل 11-دېكابىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 18:57
|