كۆرۈش: 549|ئىنكاس: 7

مەسئود ئىسا (ت): تاڭ قىزى ـــ ھادى تاقتاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تاڭ قىزى
ھادى تاقتاش(1901﹣1931)
روسيە تاتارىستان


1
پەرى قىز،  نېچۈن چىقتىڭ يوللىرىمغا،
ئوتلۇق قىزىل گۈللەر تۇتۇپ قوللىرىڭغا،
قوللىرىڭنى سۇندۇڭ ماڭا، كۈلۈپ پىسىڭڭىدە
نېچۈن يەنە يۇشۇرۇندۇڭ، پۈركىنىپ تاڭ نۇرلىرىغا؟
مەن بارار ئىدىم يالغۇزغىنە ئورمان بويلاپ،
ئات ئۈستىدە تېرەن سىرلار ئويلاپ،
تەرگە چۈمگەن تورۇق ئېتىمنىڭ پىپەك يايلىسىن
بىر يېشىپ ، بىر ئۆرۈپ بارار ئىدىم، ئويناپ-ئويناپ.
پەرى قىز،  نېچۈن چىقتىڭ يوللىرىمغا،
تامۇت گۈلىنى تۇتۇپ قوللىرىڭدا،
قاش ئاتتىڭ، بىر قىيا بېقىپ ھەم ئىرغىتتىڭ،
تامۇت گۈلىنى نېچۈن تۇتتۇڭ ماڭا؟
شانۇ-شەۋكەت بىلەن تاڭ نۇرلىرى ئارىسىدىن،
بەخىت ئىزلەپ، ئەلدىن-ئەلگە بارغان چاغدا،
تاڭ قىزى، بەخىت گۈللىرىنى نىچۈن تۇتۇپ چىقتىڭ يوللىرىمغا؟
تاڭ قىزى، ئەي گۈل، نىچۈن چىقتىڭ يوللىرىمغا؟
چىققىنىمدا يوللارغا، سۈيۈپ مېنى، يەنە نەگە مۆكۈندۈك؟
خەنجىرىمنى ئاۋايلاپ ئېلىپ قولۇمغا،
ياۋ ئۈستىگە بارغان چاغداسەزدۈرمەي،
تاڭ قىزى، ئەي گۈل، نېچۈن چىقتىڭ يوللىرىمغا؟
ئۆتكۈر خەنجەر ئېلىپ، نېچۈن قوللىرىڭغا،
سانجىپ يۈرۈكىمنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا خەنجىرىڭنى،
يەنە نېچۈن بولدۇڭ غايىپ تاڭ نۇرلىرىدا؟
تاڭ ئاتتى، ئاي پاتتى، مەن ئەمما كەتمىدىم،
تاڭ سەھەرنى ئات ئۈستىدە كۈتىمەن،
سېنى يەنە كېلىپ سۆيەر دەپ،
كۆكرىكىمگە پاتقان خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئالار دەپ.
فىرۇزەم!
مەن ئاداشتىم يول تاپالماي...
ئۆتمۈشكە، ئۆتمۈش توزانلىرىغا كۆمۈلگەن ئۇ...
يىپەك بىلەن ئۆرىگەن چاچلىرىنى
چۈچۈپ يۈرىمەن تۈنلەر بويى سەپەردە.
ھەي بۇرادەرلەر!- ئېيتىسىڭىزچۇ ، سۆزلىسىڭىزچۇ،
قايدا يەر ئۇ، قانداق سىرلىق سەھرا؟
كىم ئۇ ؟ مېنىڭ يېنىمدا سوزۇلۇپ ياتقان؟
ئىلان كەبى چايشاپلىرى ئورۇلۇپ،
ئەجەپ ئايالىمدەك كۆكرىكىمگە
پاختىدەك يۇمران، سىلىق قولىنى قويغان؟
كىم ئۇ؟ ئاھ، مەن كەتتىم چۆچۈپ...
ئۇ- تۈننىڭ قىزى،
ئۇنىڭ ئىسمىي غالىيە، ئۇ جىننىڭ قىزى.
نېچۈن كىرگەن ئۇ مېنىڭ ياتىقىمغا،
نېچۈن باش قويدۇم بىر پەرى قىز ئايىقىغا؟
دېرىزەمنى شامال چېكىپ،
ئىتتىرىشىپ ، بىر-بىرىنى سېغدىشىپ،
دېدى شۇنداق:
قۇلاق سال، نېچۈن خىيانەت قىلدىڭ سەن؟
ھەش-پەش دېگۈچە يەنە ئۇزاپ كېتەر دالالارغا.
تاڭ سۈزۈلۈپ، شامال بىلەن بىر كۆلەڭگە،
ئاستا يۇپۇرلۇپ گۈللەرگە سايە تاشلاپ،
كىرگۈزۈپ پەنجىرىدىن ئاق مەرمەردەك  قولىنى،
تېنىچ ئۇخلاپ ياتقان غالىيەگە دەر:
ئۇنتۇڭ!
ئۆزى سەلكىن شامال چىقىرىپ ،
قاققىنىچە يۇمران قاناتلىرىن
ئۇچۇپ كېتەر؛
مەن ئەسلى مەن ئىدىم دېگىنىچە،
قاچانلاردا يىگىت سېنى سۆيگەن؟
يادىڭدىمۇ ، بەخىت ئىزلەپ چىققان چاغدا،
مۇھەببەت سەھراسىدىن ئۆتكىنىڭ،
يېشىل سەھرانىڭ ساقچىسى  مەن فىروزەنى،
قەسەم بېرىپ ئۆڭ مەڭزىمدىن سۆيگىنىڭ،
شۇنداق، سۆيگەن ئىدىڭ...
ھېلىھەم ئەسلەمسەن، سۆيگىنىڭنى ؟
-قايتارمەن،-دەپ كەتكەن ئىدىڭ.
ئاھ كەتكەن ئىدىڭ،
كەتتى - دە، قايتىپ كەلمىدى ئۇ،
دېرىزىدىن سوزدۇم قولۇمنى
بەرمىدى قول.


2
تارات سىڭلىم ئۇزۇن چاچلىرىڭنى،
چۇۋۇلۇپ چۈشسۇن يەلكىلىرىڭگە،
گۈزەللىكىڭ شۇدۇر سېنىڭ.
سۇ پەرىسىدەك
كەلگىن مېنىڭ ئالدىمغا.
غەمسىز كۆزلىرىڭنى ئايغا تىكىپ،
ئولتۇر، كۆلدە شولاڭ ئوينىسۇن
يولدىن ئۆتكەن كىشىلەر توختاپ قاراپ،
سۇ پەرىسى دەپ سېنى ئويلىسۇن.
ئاھ، ئامىنە بىر مەرتە ئايلانمىدىڭ سۇ قىزىغا،
ئەركىنلىكىنىڭ سۈرۈپ پەيزىنى.
سېنىڭ دوستۇڭ ياش بىر چوپان،
قىيماس ئىدى بىزگە مەككار كۆزلەر
شۈبھە بىلەن قاراشقا.


3
ھېينى جان سۆيگۈنى ماتىلدانىڭ،
ھامان شۇنداق ھېھىنى تارىغان بىر زامان.
سەن بىلەمسەن، ئاھ، ماتىلدانى.
نېچۈن  ئۆزى بار ئىشقى بىلەن سۆيگەن؟
ئۆلگەن چاغدا ھېينى،
تىلسىز كۆزلىرى بىلەن جىمجىتقىنە ماتىلداسى-
قاراپ تۇرغان ئۆلۈكتەك، يۇشۇرۇنغىنا،
چىقىپ كەتكەن شۇ پەيىت يالغاندىن
ئۇزاق يىللار شۇ يالغانچىلىقتا.
يالغۇزغىنا ئۆمۈر ئۆتكۈزگەن،
سېغىنغاندا ھېنرېخنى ئۇ،
تەلمۈرۈپ، زارلاپ ئۆمۈرنى تۈگەتكەن.


تاتارچىدىن  شائىر  مەسئود ئىيسا ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.

مەنبە: ئىلى كەچلىك گېزىتىنىڭ 2014-يىل 28-ئۆكتەبىردىكى سانىدىن ئېلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 16:21  


باھا سۆز

تاكتاش ئەمەس، تاقتاش. ئۆزگەرتىپ قويدۇم.  ۋاقتى: 2014-11-6 04:22 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 14:41:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرنىڭ يەڭگىللىكى بىلەن تىلى ياقتى.

ۋاقتى: 2014-11-6 16:22:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاكتاش ئەمەس، تاقتاش. ئۆزگەرتىپ قويدۇم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-6 19:13:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-6 16:22
تاكتاش ئەمەس، تاقتاش. ئۆزگەرتىپ قويدۇم.

بۇنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلىنغىنى تاكتاش ئىكەن.  مەن  شۇنىڭ  بۇيىچە ئالغان ئىدىم.

باھا سۆز

مەسئۇد بىرنېمە دېسۇن ئەمىسە. توغرىسى تاقتاش دەپ بىلىمەن.  ۋاقتى: 2014-11-6 11:49 PM
ۋاقتى: 2014-11-7 12:05:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرىسى ھادى تاقتاش.  مەن گېزىتكە ئەۋەتكەن ئورگىنالدا  ھەرپ خاتا كېتىپ قاپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-7 12:05  


ۋاقتى: 2014-11-7 21:09:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنچە بەرگىنىڭىز ياخشى بولدى!

ۋاقتى: 2014-11-8 20:33:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھادى تاقتاش شىئېرلىرى بىلەن تۇنۇشتۇرغان مەسئۇت ئەيساغا،شۇنداقلا ،يوللىغۇچى غوپۇرىغا رەخمەت ئېيتىمەن.ھەقىقەتەن ياخشى شىئېرلار ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-10 20:21:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈگۈنچە كېچىك ئىشلاردا بىخەستىلىك تۈپەيلى بولۇپتۇ، ھەممە كاساپىتى بوپتۇ بۇنىڭ. ئەرچىن ئاكا رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش