قۇرۇق پاراڭ
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
شۇنداق بىر مەسەل بولغانىكەن:
بىر توپ چاچقان يىغىن ئېچىپ، قانداق قىلغاندا مۈشۈكنىڭ خەتىرىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقى توغىرسىدا مۇزاكىرىلىشىپتۇ. چاشقانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆزىنى ھەممىدىن بەك ئەقىللىق دەپ قارايدىغان بىر چاچقان چىقىپ:
- مۈشۈكنىڭ بوينىغا قوڭغۇراق ئېسىپ قويايلى، شۇندىلا مۈشۈك ھەرىكەت قىلسىلا قوڭغۇراق چىرىڭلاپ، بىزنى ئاگاھلاندۇرىدۇ، بىزمۇ جېنىمىزنى ۋاقتىدا يانغا ئالالايمىز،- دەپتۇ. كۆپچىلىك ئۇنىڭ تەكلىپىنى لايىق تېپىشىپتۇ. ئەمدىكى گەپ بۇ قوڭغۇراقنى مۈشۈكنىڭ بوينىغا قانداق ئېسىش ئىشىدا قاپتۇ، ھەممە سۈكۈتكە چۈشۈپتۇ. گەرچە تەدبىر توغرا بولسىمۇ، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ئىنچىكە ھالقىلار ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلمسا، بۇ ئىشنى قىلىش مۇمكىن بولمايدۇ، بولۇنغان گەپلەرمۇ قۇرۇق پاراڭدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
شۇنداق، نۇرغۇن ئىشلارنى دېمەك ئاسان، ئەمەلگە ئاشۇرماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. ھەرقانداق چوڭ ئىش كىچىك ئىشلار بىرىككەندىن كېيىنلا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ. "كاللامغا كەلدى" دەپ ئويلاش، "ئاغزىمگە كەلدى" دەپ دېيىش كىشىنى قۇرۇق پاراڭچى قىلىپ قويغاندىن باشقا، يەنە شۇ گەپنى ئاڭلىغۇچىنىڭمۇ ۋاقتنى ئالىدۇ. جاھاندا دېگەنگىلا ئەمەلگە ئاشىدىغان ئىش يوق. پەقەت كاللا قاتۇرۇپ، تەر ئاققۇزغاندىلا قولغا كېلىدىغان نەتىجە بار. جاھاننىڭ گېپىنى قىلىپ، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە باھا بېرىپ يۈرگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى كۆپرەك ئويلايلى. شۇ چاغدىلا باشقىلار قىلىپ باققان، ئەمما نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
ئۆزى ئۈستىدە توختالغاننىڭ زىيىنى يوق، بىراق باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بەرگەنلىكىگە زىيادە سەزگۈرلىشىپ كېتىشمۇ ئەخمىقانىلىق. ھەر ئادەم ئەڭ ئاۋۋال ئۆزى ئۈچۈن ياشايدۇ، ھەممىلا ئادەمنىڭ باشلامچى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇ چاغدا ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىدىغانغا ئادەم قالمامدۇ. ئادەمگە نىسبەتەن سىڭگەن نېنىنى يەپ، قىلالايدىغان ئىشىنى قىلىشتىنمۇ ئاقىلانە ئىش بولمىسا كېرەك.
2013-يىلى 18- دېكابىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 00:39
|