ئاسمىنىڭ باغرىڭنى ئاچ
پەرىدە ئىسمايىل مېھرى
خارۇ ئەتمە خارلىقىم خار قىلمىغاي جان ئەسلىنى،
ئول غۇرۇر تىغلارىدا يار تىلمىغاي جان ئەسلىنى.
قاندا قانلانغان ۋاپانىڭ ئۆركىشى چايناپ ئاتور،
تۇيغۇنىڭ تەق دارىغا تاق ئىلمىغاي جان ئەسلىنى.
چۆرگىلەيمەن پىرىخۇندەك سەن تامان بەرگاھ قۇرۇپ،
چۆلدە چاڭقاق چۆل ئارازى قىلمىغاي جان ئەسلىنى.
كەلدى كەلگۈندى خىيال سۈرگۈنلىكىم پەرمان پۈتۈك،
چالدى پايەمدە ساپايە چىللىغاي جان ئەسلىنى.
چۈشكىنم زەنجىر كىشەن مەشرەپلىكىم پۈتكەن گۇناھ،
پەيلى پەيماندىن پاچاقلاپ جىرغىغاي جان ئەسلىنى.
ھەقتە پەرۋاز كۆكلىمەككە ئاسمىنىم ــــ باغرىڭنى ئاچ!
ئوت قوياي تاشقىن ناھاردىن ئىللىغاي جان ئەسلىنى.
مېھرى قاينايدۇ ۋاراقشىپ بولسا مىڭ جان ئەپتىدە،
چويلىسى سۈزگەن ھىساپ نەق ئىلغىغاي جان ئەسلىنى.
2014-يىلى 11-ئاينىڭ5- كۈنى (ئاتۇش)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا -مېھرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-5 23:40