بۈزۆھرە تۇرۇپ سەھەر
بۇ ئاددى يازمامنى، قەلب چوڭقۇرلۇقىدېكى ھەر بىر سۆيگۈ، مېھىر ۋە ھۆرمىتىنى ئائىلىسگە، جۆرىسىگە، بېغىشلىغان ساداقەتمەن ئاتىلارغا، مەسئۇلىيەتچان ئەركەكلەرگە ھۆرمەت بىلەن تەقدىم ئىتىمەن.
مېنى ئەڭ قەدىرلىك، ئەڭ بەختلىك ئايال قىلغۇچى قەدىردانىم، ساڭا سالام، سۆيگۈ، ھۆرمەت، مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.
نۇرغۇن قىممەتلىك ۋاقتىڭ، قەلب تىۋىشلىرىڭ، يۈرەك سوقۇشۇڭ، گۈزەل خاتىرىلىرىڭ، سۆيۈملۈك ھېس – تۇيغۇلىرىڭ، سەمىمىيىتىڭ، ساداقىتىڭ ماڭا مەنسۇپ بولغىنى ئۈچۈن مەن ۋاپادار ئايال، مىھرىبان ۋە كۆيۈمچان ئانا بولالىدىم ھەم تېگىشلىك ھۆرمەت، قەدىر – قىممەتكە ئىرىشتىم.
ئىللىق مۇئامىلەڭ، بۇلاقتەك ئوقچۇپ تۇرغان كۆيۈنۈش ۋە ئاسرىشىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئەڭ سۆيۈملۈك، ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ جەزبىدار ئايال بولالىدىم.
ھاياتىمدېكى ئەڭ قەدىرلىك ئادەم، سەن تۇنجى قېتىم «سېنى سۆيىمەن»دېگەندە كۆڭلۈم باھار گۈللىرىدەك پورەك – پورەك بولۇپ، يۈرىكىم دىر – دىر تىترىگەن، يۈزۈم قىزىللىقتىن رەڭ ئالغان كەچكى شەپەقتەك قىزىرىپ كۆيۈشكەن، بىر خۇرسەنلىك دېلىمنى گۈلۈستان قىلغان ئىدى. مەن سۆيگۈڭنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزۈمنى بەخت قۇچىقىدا ئىلەڭگۈچ ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلغان ئىدىم.
بىز تۇز يەپ، قەسەم بېرىپ قول تۇتۇشقان ھايات سەپىرىمىزدە نۇرغۇن قېتىم قۇياشنىڭ چىققىنىنى بىللە ساقلاپ، پاتقىنىنى بىللە كۆردۈق، ۋە ھايات، ئادىمىيلىك، ھاياتنىڭ قىممىتى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بىللە ئويلىنىپ ھاياتىمىزنىڭ كىيىنكى قەدەملىرىگە دادىل ئاياق باستۇق.
تالاي كېچىلەردە يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا بىللە قاراپ، كېچىنىڭ تىنچ، گۈزەل ھەم سىرلىقلىقىغا شاھىت بولغىنىمىزدا، بىللە ياشىغان شۇ ۋاقىتلىرىمىزنىڭ ناھايىتى قىممەتلىك، بىربىرىمىزگە بەرگەن مېھىر ۋە مۇھەببەتلىرىمىزنىڭ تەڭداشسىز، ئەقىدە، ساداقەت بىلەن باسقان قەدەملىرىمىزنىڭ پەرزەتلىرىمىزگە ئۈلگە، ئائىلىمىزگە ئىپتىخار ئىكەنلىكىنى بىللە بىلىشتۇق.
نۇرغۇن يامغۇرلۇق كۈنلەردە قولىمىزنى تۇتۇشقان ھالدا، ئالقانلىرىمىزنى يامغۇر سۈيى بىلەن تولدۇرۇپ تۇرۇپ، ھاياتنىڭ سىم – سىم يامغۇردەك سىمىلدەپ تۈگەيدىغانلىقىنى، ئۆگزىدىن ئۆتۈپ كەتكەن سۇ تامچىلىرىدەك ھەر بىر كۈنىمىزنىڭ بىر تامچىدىن، بىر تامچىدىن تامچىلاپ ئاخىرقى چەككە يىتىدىغانلىقىمىز، ھاياتىمىزدا تۇرمۇشقا، ئائىلىگە، بىزگە مېھىر بېغىشلىغان ھەر بىر ئادەم ھەم گۈل – گىياھلارغا قەدەر مىننەتدار بولۇشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە يېڭىدىن يېڭى سۇئال ۋە جاۋاپلار ئۈستىدە ئويلاندۇق ھەم ھەربىر كۈنىمىزنى ئەھمىيەتلىك، مەنىلىك ۋە گۈزەل ئارزۇ – ئىستەكلەر بىلەن تولدۇرىشىمىزنى ئىستەشتۇق.
ھەر بىر يېڭى يىل كېچىسى ئۇخلىماستىن سائەتنىڭ بىر بولىشىنى كۈتەتتۇق، بۇ ۋاقىتتا رادىئۇ دولقۇنلىرىدىن قوڭغۇراق ئاۋازى ياڭرىغاندا، يېڭى يىلنى بىللە كۈتۈۋالغىنىمز ئۈچۈن خۇشال بولاتتۇق ۋە بۇ يىلدا تېخىمۇ خۇشاللىقلارغا ئىرىشىشىمىزنى، ئائىلىمىزنىڭ بەرىكەتلىك، سائادەتلىك بولىشىنى، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئامان – ئىسەن، ھەر كۈنىمىزنىڭ ئەجىر – مىھنەت مىۋىلىرى بىلەن تەم ئىلىشىنى ئۈمىد قىلاتتۇق.
بۇ بىر يىلدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا، ئوڭۇشسىزللىقلارغا، كۆڭۈلسىزلىكلەرگە دۇچ كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن مۇھەببىتىمىزنىڭ يەنىلا پورەكلەپ تۇرغانلىقىدىن، تىنىمىزنىڭ سالامەت، ئائىلىمىزدىن مېىھرلىك كۈلكىلەر ئۈزۈلمىگىنىدىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمەتتۇق. بۇنىڭدىن تۇرمۇشقا بولغان مەسئۇلىيىتمىز، مۇھەببەتكە بولغان ساداقىتىمىز، ھەر بىر كۈنىمىزگە بولغان قانائەتچانلىقىمىز كەلگۈسىمىزنى يورۇق كۆرسىتەتتى. مەن بۇ ۋاقىتتا سەن بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇتنىڭ ماڭا جاسارەت، سۆيگۈ ۋە ئىپتىخار ئېلىپ كەلگەنلىدىن سۆيۈنەتتىم، پەخىرلىنەتتىم.
باھار ئايلىرىدا مەيىن شاماللارغا چاچلىرىمىزنى تۇتۇپ يۈگرەشكىنىمىزدە، ئوغلىمىزنى سەن يۈدۈۋالاتتىڭ، مەن كۆينىكىمنىڭ ئۇزۇن ئىتىكىنى شاماللارغا يېيىپ يۈگرەيتتىم، - سەن،- شاھ ئالىيلىرى بىلەن شاھزادە خانىش ئايىمنى قارشى ئالدۇ،- دەيتتىڭ ۋە يول بويىدېكى ئورمانلىقتىن مامكاپ گۇللىرىنى تېرىپ چېچىمغا قىستۇرۇپ قوياتتىڭ. بۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمنى راستىنلا كاتتا بىر ئەلنىڭ خانىشى، سېنى بولسا بۈيۈك بىر پادىشاھ دەپ بىلەتتىم.
ئۆيىمىز كېچىك بولسىمۇ ئۇنىڭدىن ئالەمچە مېھىر بۇلاقلىرى تېشىپ تۇراتتى. ھويلىدېكى بىر پارچە كۆكتاتلىقتىن ئۈنۈپ چىققان ھەر خىل كۆكتاتلار ئەتىيازدىن، كەچكۈزگىچە كېچىك ھويلىغا ئۆزگىچىلىك ۋە گۈزەللىك بېغىشلايتتى. يازنىڭ ئاپتىپىغا سايە بولغان كاۋا پىلەكلىرىدىن قۇياش نۇرى شۈنچىلىك ئىللىق ھەم رەڭدار چۈشەتتى، ئاي بەكمۇ چىرايلىق كۆرىنەتتى. قىزىل ساپال تەشتەكلەرگە تېرىپ، دەرىزىگە ياماشتۇرۇلغان ھەشقىپىچەك گۈللىرى رەڭدار پەردىلەردەك جۇلالىنىپ، تەۋرىنىپ تۇراتتى. شۇ ئاددىلىقلار ئىچىدە بىزنىڭ گۈزەل، مېىھرلىك كېچىك ۋەتىمىز، پەرزەنتلىرىمىز ۋە مۇھەببىتىمىز بارلىققا كەلگەن، مەن ئاياللىقنىڭ، ئانىلىقنىڭ قەدىمىنى تەمتىرىمەستىن باسقان ئىدىم.
مانا بۇلار ئۆتمۈشكە، پەرزەنتلىرىمىز ئاق ئاتلىق شاھزادىلەرگە ئايلانغان مۇشۇ ۋاقىتلاردا قولۇمنى تۇتۇپ، ھۆرمەت بىلدۈرگەن، ئوتلۇق نىگاھلار بىلەن قاراپ مۇھەببىتىمىزنى، ئەسلىمىلىرىمىزنى ئۆڭدۈرمەي، ماڭا سۆيگۈ بېغىشلىغۇچى، شەرەپ بېغىشلىغۇچى، كېچىك ۋەتەن، ئانىلىق قەدىر – قىممەت، سۆيۈملۈك پەرزەنت، تۈگۈمەس ئىپتىخار ۋە غۇرۇر، بەخت بېغۇشلىغۇچى ئەزىزىم، ساڭا ئىھتىرام !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-6 00:09