يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 481|ئىنكاس: 8

مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس: ئۇيغۇر ھۆنەر-سەنئەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                  ئۇيغۇر ھۈنەر-سەنئەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى جۇلالىلەر

                                                    مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس

    ئۇيغۇر نەققاشلىق ۋە خەتتاتلىق ھۈنەر-سەنئىتى ناھايىتى ئۇزاق شانلىق تارىخقا ئىگە بولۇپلا قالماي يەنە ئۇ، بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ گۈل تاجى بولۇپ،  مىللىي خاسلىققا ۋە رايون ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئابىدە ھېسابلىنىدۇ.
ئۇزاق تارىخىي زامانلاردىن بۇيان، ئەجدادلىرىمىز  ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتىنى بىلەن شۇغۇللىنىپ ئۇنى داۋاملاشتۇرۇپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ بۈگۈنگىچە بىزگە يەتكۈزۈپ  كەلگەن، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتى ئەل ئىچى قول ھۈنەر سەنئىتى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇ تارىخىمىزنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە ئەمگەكچان، مېھنەتكەش  خەلقىمىزنىڭ ئەجىر-مېھنىتىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.
   ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتى ئەڭ دەسلەپتە  خان ئوردىلىرىنى بېزەش، مەسچىت-مەقبەرىلەرنى زىننەتلەشكە ئىشلىتىلگەن بولسا، كېيىنچە تۇرالغۇ ئۆي مېمارچىلىق(بىناكارلىق)ئىشلىرى، قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى بېزەش، توقۇمىچىلىق مەھسۇلاتلىرىغا رەڭ بېرىش- جۇلالاندۇرۇش، كىتاب-پۈتۈكلەرنىڭ مۇقاۋىلىرىغا  ھۆسن قوشۇش شۇنداقلا  گىلەمچىلىك، توقۇمىچىلىق ، كىگىزچىلىك، سەرگەزلىك (گۈل باسما)قاتارلىق كەسىپ-ساھەلەرگىچە كېڭەيتىلگەن بولسا ، نۆۋەتتە ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ نەپىس، كۆركەم، جەلپكارلىقى  بىلەن مېھمانساراي، رېستوران،  سەيلە-ساياھەت ئورۇنلىرىنى، ئولتۇراق ئۆيلەرنى ئۆزگىچە مىللىي ئۇسۇلۇپتا زىننەتلەشتىن باشقا يەنە قول ھۈنەر-سەنئەت،تۇرمۇش ۋە  ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىدىن  ساپال قاچا-قۇچا، پىچاق، قاپاق قاتارلىقلارنى  بېزەش، تاۋار ماركا،ئېلان-بېزەكچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ روشەن ھالدا  ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا.   
ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتىدىن ئۆزگىچە مىللىي خاسلىق ۋە قويۇق ئەنئەنە پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ.  ئۇ، دىيارىمىزنى جۈملىدىن مىللىتىمىزنى  دۇنيا ئەھلىگە تونۇتۇشتىكى يەنە بىر يورۇق  ۋاسىتە بولۇپ قالماقتا.
    ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتىگە ئوخشاش، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ بىر بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر يېزىقىنى جاھانغا تونۇتۇش، جۇلالاندۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت سەنئەت خەزىنىسىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇرۇپ كەلدى. ئۇستا خەتتاتنىڭ قولىدا نەپىس لايىھىلىنىپ ئىشلەنگەن ھۆسنخەت كىشىگە ئۆزگىچە ھۇزۇر ۋە  ئېستېتىك زوق بەخش ئېتىدۇ.
ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بىلەن   ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن بۇيان ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۈيۈك، نادىر ئەسەرلىرىنىڭ زامانىمىزغىچە يېتىپ  كېلىشىدە مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.
   دېمەك، مەيلى ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتى بولسۇن ، مەيلى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى بولسۇن ئىككىلىسىلا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ، كەسىپ ئەھلىلىرى ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى نامايەندە ۋە  «جۇلالىق گۆھەرلەر»  دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە.
چۈنكى، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ئۇيغۇر نەقىشلىرىنى ئۆزىگە جور قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ جۇلالىنىپ، ئۆز قىممىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرسا، ئۇيغۇر نەققاشلىق ھۈنەر – سەنئىتى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ياندىشىپ ۋە ھەمراھ بولۇپ، نەشرىيات - مەتبۇئات ئارقىلىق  ئەل ئارىسىدا  تېخىمۇ قەدىرلىنىپ جاھانغا تونۇلۇپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. يېقىنقى زامان ۋە ھازىرقى خەتتاتلىرىمىز ھۆسنخەتلىرىنى ئۇيغۇر نەقىشلىرى بىلەن بېزەپ، ئۇيغۇر يېزىقىمىزنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىك بىلەن خەلقىمىزگە بەدىئىي زوق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە.
نۆۋەتتە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتى ئىجادىيەت ئىشلىرى تەدرىجىي مۇكەممەللىشىپ، قول ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان ئەنئەنىۋى يىرىك ھۈنەر-سەنئەت شەكلىدىن، ئىلغار زامانىۋى ئۈسكۈنە ___كومپيۇتېر ئارقىلىق لايىھىلىنىپ ئىشلىتىشتەك ئۇچۇر تەرەققىيات دەۋرىگە ئۇلىشىپ، ئۆلچەم، سۈپەت، سۈرئەت بەدىئىي ماھارەت ۋە يۇقىرى تېخنىكا جەھەتتە يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كۆركەم نەپىسلىكى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، ئەنئەنىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ شانلىق نەتىجىسىنى نامايان قىلدى.
   پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىز مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ گۈل تاجى بولغان ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئەت بايلىقىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى يەنىمۇ چۈشىنىپ، ئۇلارنى غەيرىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇشنى يېقىندىن قوللاپ، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىپ كەلدى.  بۇنىڭ بىلەن، دىيارىمىزدىكى خەتتاتلىق ۋە نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئەت ئۇستىلىرى ، ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بۇ  «جۇلالىق گۆھەرلەر»نى يۇقىرى ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ ۋە بەدىئىيلىككە كۆتۈرۈپ، نەشرىيات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئەلنىڭ ھۇزۇرىغا  سۇنۇش، جاھانغا تونۇتۇش، كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىپ، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئەت كەسپىي بىلىملىرىگە ئائىت مەخسۇس پايدىلىنىش قوللانمىسى، توپلاملارنى ئىشلەپ ، مىللىي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىمىزنى يەنىمۇ جۇلالاندۇردى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر خەتتاتلىقى ۋە نەققاشلىق ھۈنەر-سەنئىتى ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىلىپ، خەلقىمىز قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ ، ئەزىزلىنىپ كەلمەكتە.


‹‹شىنجاڭ پارتىيە مەكتىپى››گېزىتىنىڭ 2013-يىل 11-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-5 10:02  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-5 13:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىقاتىڭىز غا ئۇتۇق تىلەيمەن!
ۋاقتى: 2014-11-5 13:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈنەر كۆپكىمۇ ،كۆككىمۇ يەتكۈزەر،گۆھەرلىك بولۇشتىن ھۈنەرلىك بولۇش ئەۋزەل...مەدەتكارمەن.
ۋاقتى: 2014-11-5 13:53:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەتقىقاتىڭىزنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2014-11-5 21:10:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


تەتقىقات نەتىجىللىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مول بولىشىغا تىلەكداشمەن.
ۋاقتى: 2014-11-5 22:05:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىڭىزنى ئوقۇپ چىقتىم. تەتقىقاتىڭىز خېلى ئەتراپلىق ئېلىپ بېرىلىپتۇ.
بىراق، ماقالە ماۋزۇسىدىكى«جۇلالىلەر» ئاتالغۇسىغا قايتا قاراپ باقامسىزكىن؟
ۋاقتى: 2014-11-6 00:06:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ماقالىڭىز ياخشى چىقپتۇ، ئەمما ماۋزۇ سەل كونا، مېنىڭچە بولغاندا «ھۈنەر-سەنئەت خەزىنىمىزدىكى يارقىن نامايەندىلەر» دەپ ئالغان بولسىڭىز تېخمۇ ياخشى بولاركەن، بۇنداق ئالغاندا ماقالىنىڭ مەنا قاتلىمىنى تېخمۇ كەڭلىككە تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولاتتى دەپ قارايمەن. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق يار بولسۇن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-6 00:06  

ۋاقتى: 2014-11-8 00:20:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە ئوتۇق تىلەيمەن
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-8 11:09:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەيدائى، سەببەت قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ ماقالامغا كۆز يۈگۈرتكىنىگە ۋە سەمىمىي تەكلىبلەرنى بەرگەنلىكىگە ئالاھىدە رەخمەت ئېيتىمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش