|
باشقۇرۇشنىڭ ماھىيىتى
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
باشقۇرغۇچىنىڭ ھوقۇقى ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىك دەرىجىسى ۋە قانچىلىك سالماقتىكى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالايدىغانلىقى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. يىراقنى كۆرەر ئادەم ئەڭ چوڭ باشقۇرغۇچى، كۆز ئالدىدىكى ئىشلارنىلا ئورۇندايدىغان ئادەم ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئىجرا قىلغۇچىدۇر. تۆۋەندىكى ھېكايە بۇ قارىشىمىزنى دەلىللەيدۇ.
ئۈچ ئاكا- ئۇكا تىۋىپ بولغانىكەن، كىچىكى ئوپېراتسىيە ئۇستىسى ئىكەن، شۇڭا ئەل ئىچىدە ھۆرمىتى كاتتا، ئەڭ ئۈستا تىۋىپ ئاتىلىدىكەن. 2-ئوغۇل كېسەل كۆرۈپ دورا بېرىدىكەن، ئادەتتىكى كېسەللەرنى دورا بىلەنلا ساقايتىدىكەن، ئەمما ئەل ئىچىدە ھۆرمىتى ئۇكىسىنىڭكىگە يەتمەيدىكەن. چوڭ ئاكىسى كېسەل كۆرمەيدىكەن، ھەر خىل كېسەللىكنى تەتقىق قىلىپ، ئۇنىڭغا دورا ياسايدىكەن ھەم ئەمەلىيەت سىنىقىدىن ئۆتكۈزىدىكەن، شۇڭا كىشىلەر بۇ كىشىنى ئانچە تونۇمايدىكەن. بىر كۈنى كىشىلەرنىڭ سىلەر ئۈچ ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلارنىڭ ئىچىدە قايسىڭلار ئەڭ يامان، دېگەن سوئالىغا قارىتا كەنجى ئوغۇل مۇنداق دەپتۇ:
ئەمەلىيەتتە چوڭ ئاكام ئەڭ ئۇستا تىۋىپ، چۈنكى كېسەلنى پەيدا بولۇشتىن بۇرۇنلا توسۇشنىڭ ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ياسايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئادەم ئاساسان ئاغرىپ قالمايدۇ؛ كىچىك ئاكام مەندىن ئۇستىراق، ئۇ كېسەلنى پەيدا بولغان ھامان بايقىيالايدۇ ھەم داۋالاپ ساقايتىدۇ. مەن ئەڭ نائۇستا تىۋىپ، چۈنكى مەن ئادەمنىڭ كېسىلى ئېغىرلاپ ئەزالىرى سېسىپ كاردىن چىققاندا، ئاندىن ئۇلارنىڭ قارنىنى يېرىپ كېسەل ئورۇننى ئوپىراتسىيە قىلىمەن.
كۆپ ھاللاردا بىز ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى باشقۇرغۇچى بىلەن ئۇچرىشىمىز ۋە ئۇنى چوڭ بىلىمىز، ئەمەلىيەتتە ئەڭ چوڭ باشقۇرغۇچى – ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشى ھامان سەپنىڭ ئەڭ كەينىدە تۇرغان بولىدۇ.
2013-يىلى 4- دېكابىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-5 08:04
|
|