يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 352|ئىنكاس: 1

ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات - تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات


تۇردى لېتىپ


ئىقتىساد بولغاندىلا تەرەققىيات بولىدۇ، شۇنداقلا تەرەققىيات بولغاندىلا ئىقتىساد بولىدۇ.
ھېلىلا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ يۇرتقا قايتىپ كەلگىنىمدە، تۇنجى تەسىرات تەرەققىياتسىزلىق؛ مەيلى يۈك-تاقلىرىمنى تېپىۋالغۇچە بولغان ۋاقىت قىسلىقىدىكى ئۇدۇللاشماسلىق ياكى كىرا ماشىنىسى ساقلاشتىكى تەرتىپسىزلىك، ھەتتا قول يۇيۇش ئۆيىگە كىرىپ چىقىشلارنىڭ ھەرقاندىقىدا تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى بىلەن بولغان روشەن سېلىشتۇرما ئادەمنى تولىمۇ بىئارام قىلىدۇ. «ھەي بۇ ئىشنى مۇنداق قىلسا بولماسمىدى» دېگەنلەر كاللىغا كىرىۋېلىپ تاكسى شوپۇرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالىدىغان ئىشلار بولىدۇ. ئاڭلاپ باقسا ھەممىنىڭلا سەۋەبى باردەك، ئاخىرى بېرىپ يەنىلا ئىقتىسادنىڭ كەملىكىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇنچىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشمەكمۇ ئاسان ئەمەس، دەپ ئۆزگە تەسەللىي بېرىشتىن باشقىغا ئامال يوق. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇشۇ يەردە ئۇزاق ياشىغانلارغا ئوخشاشلا كۆنۈپ قالىدىغان گەپ.
ھەرقانداق بىر يۇرتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلالىشى شۇ يۇرتنىڭ قانچىلىك دەرىجىدىكى ئىقتىسادقا ئىگە بولغانلىقىغا قاراشلىق. ئىقتىسادقا ئىگە بولۇش ئۇچۇن يەنە كومپيۇتېر ئىنتېرنېت، ئالەم تەتقىقاتى، كىشىلىك ھايات قاراش- پەلسەپە، ساقلىقىنى ساقلاش- سەھىيە، ئىكىلوگىيىلىك تەتقىقات- مۇھىت ئاسراش، ئوقۇ ئوقۇتۇش- مائارىپ، ھەربىي قورال ياراق- دۆلەت مۇداپىيە، قوغدىنىش، ئېنېرگىيە قېزىش- ئاتوم تەتقىقاتى، ئۆلچەش-لايىھىلەش قاتارلىق ئوبيېكتىپ تەتقىقات تۈرلىرىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ...
* * *

ـ نەچچە باللىرى بار؟ ئۆزلىرى قانچىلىك ئوقۇغان؟- جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەرقاندىقىدىن خەۋەرداردەك كۆرۈنىدىغان شوپۇردىن سوراپ كۆرمەي بولمايدۇ.
ـ بالام ئىككى، چوڭى چەتئەلدىكى پۇكۇنى مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. بالىنىڭ ئانىسى ئۆيدە بىكار، ئۆزەم پۇكۇنى زاۋۇتتىن ئىشتىن قالدۇرۇلغاندىن بۇيان كىراكەشلىك قىلىپ تۇرمۇشنى قامداپ كېلىۋاتېمەن. كىچىك بالام چوڭ بولۇپ قالسا دەپ، يەنە بىر يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغان، بانكىدا قەرزىم بار، كۈندە كىرا تارتىپ تۆت تەڭگە پۇل تاپمىسام ئىشىم چاتاق.
ـ ۋاي خېلى بايدەك قىلىدىكەنلا، مۇشۇ ماشىنىمۇ سىلىنىڭمۇ، بالىلىرى بىلەن سىكايپى(SKPYE) دا پاراڭلىشىپ تۇرىدىكەنلىدە؟
ـ ماشىنا ئۆزەمنىڭ، بالام ئارىلاپ تېلېفون قىلىپ قالىدۇ، پۇلنى تېجەپ ياخشى ئوقۇ، تولا تېلېفون قىلما دەپ جېكىلەيمەن، سىلى دەۋاتقان پاراڭلىشىدىغان نەرسىنى بىلمەيدىكەنمەن.
ـ مەندە بار، قول سومكامغا سېلىقلىق، بالىلىرىنى سېغىنغان بولسىلىرى ئېچىپ بېرەي، پاراڭلىشىۋالسىلا، شۇغىنىسى بالىلىرىنىڭ توردىكى ئاتىلىشىنى بىلىدىغانلا؟
ـ تور دېگەندە قاچانلاردىدۇر شاھمات ئويناپ باققاننى ھېسابقا ئالمىغاندا تازا بىلمەيدىكەنمەن.  
شۇ پاراڭ ئارىلىقىدا مەھەللىگىمۇ كېلىپ قالدۇق، كىرا ھەققىنى بېرىۋېتىپ، شوپۇرغا ھەۋىسىم كېلىپ گەپ قىسقۇردۇم.
ـ بۇ مېنىڭ ئىسىم كارتۇشكام، ۋاقىتلىرى بولسا ئۇچۇر قىلالا، مەن بىكار بولسام جاۋاپ قايتۇرىمەن، بالىلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ قويسام ئەجەپ ئەمەس.
قارشى تەرەپ كارتۇچكىنى تۇتۇپ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى. كېيىن بىلسەم ئۇچۇر دېگەننىمۇ تازا بىلىپ كەتمىگەندەك قىلاتتى.

2002- يىلى باھار ئۈرۈمچى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-4 23:23  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-5 14:13:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق مەزمۇنلار ھەققىدە تىمىلار يوللىنىپ تۇرسا بولغۇدەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش