تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!
ئەمما ئاۋۇ بىر ماقالىنىڭ تېمىسىنى كۈرۈپلا كۆڭلۈم چىۋىن يەۋالغاندەك غەش بولدى. «ئەنئەنىۋى تىرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇللىرىمىز»؟؟
بۇ ماقالە «پەن ۋە تۇرمۇش» ژورنىلىنىڭ2010-يىللىق 1- سانىدا مەتتۇرسۇن ھەسەن ئاپتۇرلىقىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ تېرىگە ئېلىپ داۋالاش ئۇسۇللىرى» دىگەن ماۋزۇدا ئېلان قىلنىپ بولغان ماقالە ئىدى. ئەمدى نېم بوپ باشقىلارنىڭ نامىدا چىقىدۇ؟ بۇنىڭغا تەھرىرلەر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى. ئۆزى ئەجىر سىڭدۈرۈپ يازماي، قۇراق-قۇراپ ماقالە پۈتتۈرىدىغانلارغا نېمە دىگۈلۈك؟
ئاۋۇ گېزىت يۈزىدىكى ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىتىم. ماقالىنىڭ قىسمەن بۆلەكلىرىنى قىسقارتقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇ ماقالە ئۆز ئەينى شۇ، «تۇرپان گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدىكى جاپاكەش تەھرىرلەرگە تەكلىپىم: بەت يۈزىگە ماقالە تاللىغاندا ئالاھىدە سەزگۈ بولۇشىنى، «ئوغرى چاشقان» لارغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shaidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-5 23:43
|