ھۆجەيرەم سېنىڭسىز ئۆلۈم سېزىدۇ
ئىمام ئىسمائىل ئىبنۇرى
شائىرلار تالايلاپ ۋەتەن ئىشقىدا،
تۈمەنلەپ نەقىشلەر چېكىشىپ كەلدى.
كۈيىگە ئۇلارنىڭ بولۇپ دوست-قاياش،
دەيمەنكى،گۈللىنەر ۋەتەن-ئەل سۆيگەن.
روھ-تەنگە داۋادۇر سەندىكى ھاۋا،
ۋۇجۇتقا ئاجايىپ سېزىم بېرىدۇ.
بىر دەقىق سېنىڭدىن ئايرىلىپ قالسام،
ھۆجەيرەم ئەشۇ دەم ئۆلۈم سېزىدۇ.
ھاياتىم ئەبەدى ئۆتەلمەس سەنسىز،
ھەر چىمدىم ئەت توپاڭ ماڭا تۇتىيا.
قوينۇڭدا ئەسىرلەپ ياشايدۇ شەكسىز،
ئىشچان پەرزەنتىڭ ئوغۇل ۋە قىزلا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-4 11:16
|