يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 483|ئىنكاس: 2

كارخانا ھەققىدە كىمنىڭ سۆزلىگىنى تۈزۈك؟- تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىمنىڭ سۆزلىگىنى تۈزۈك؟


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


كارخانا توغرىسىدا گەپ بولسا، ھەممىنىڭ ئاغزى ئېچىلىپلا كېتىدۇ. كارخانىنى تەتقىق قىلىپ تالاي كىتاپلارنى يازغانلارمۇ ئاز ئەمەس، خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىمۇ ئۆزئارا ئەركىن تاللاش تامامەن مۇمكىن. لېكىن پىكىر بىرلىگى بولمىغان پەقەت مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنلا تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامى ھەر ئىككى تەرەپكە پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. كارخانىچى بولۇش ئۈنچە ئاسان ئىش ئەمەس، "سۈتتىن بۇرۇنراق ئايرىلغان" ياشلارلا ئۆز ئېھتىياجىدىن ئۆزى چىقىشنى بالدىر بىلىۋېلىپ كارخانىچى بولۇش يولىغا ئاتلانغان.
ئادەمنىڭ قۇرساق توق ۋە ئاچ چاغدا قىلغان تەپەككۇرى ئوخشىمايدۇ. كارخانىچى ئۆز قورسىقىنى توقلاپ بولغان، باشقىلارنىڭمۇ قورسىقىنى توقلاش يولىدا پىكىر يۈزگۈزىدۇ. تېخى قورسىقىنى توقلاپ بولالمىغان ئادەم كارخانىچىنىڭ نېمىلەرنى ئويلايدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلەلمەيدۇ. كارخانىچىلارغا پەتىۋە چىقارغۇچىلار ئالدى بىلەن بىر كۈن ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاپ باقسۇن؛ مائاشىمدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلاتتىم دېگەننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۇپ باقسۇن؛ ئاتا ئانامنىڭ ياردىمى بولمىسا قانداق قىلاتتىم دېگەنلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باقسۇن.
ئىدىيە، ئۇ ھامان ئىدىيە، ئۇنىڭغا قورساق تويمايدۇ. كارخانىچىدىمۇ ئىدىيە بولىدۇ، لېكىن ئۇ قورساق تويغۇزۇش ئۇسۇلىنى گەپ سېتىشتىن ئەۋزەل بىلگەن. "قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ"، ئاۋال ئۆز قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ قىلىشقان ھەرقانداق مۇنازىرە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋە ئۇچۇر تارقىتىش ئەۋزەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىشى يېڭىدىن نۇرغۇن بىكارچىلارنى بارلىققا كەلتۈرگەندەك قىلىدۇ. كارخانا توغرىلىق گەپ قىلىش ھەرقانچە ئاسانلاشقان تەغدىردىمۇ بۇ گەپنى يەنىلا كارخانىچىنىڭ ئېيتقىنى تۈزۈك. ئىدىيە قاتماللىقىغا مەھكۈم بولغان نەزىرىيىۋىچىلىرىمىزنىڭ قورساق توقلاش غېمىدا كارخانا توغرىلىق سەپ- سەتە تۈزۈشى سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق بولماي نېمە. شۇڭا كارخانىچىنىڭ گېپىنى يەنىلا كارخانىچىنىڭ قىلغىنى تۈزۈك.
بېكار ئولتۇرۇپ مائاش ئالىدىغان ھەرقانداق خىزمەتچى ھامان بىر كۈنى خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. قانداق قىلغاندا لاياقەتلىك خىزمەتچى بولغىلى بولىدىغانلىقىنى ئويلاشماي، ھە دېسە كارخانىچىدىن قۇسۇر ئىزدەيدىغان ياشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك خىزمەتكە ئېرىشمىكى تەس. ئۆمۈر بويى تومۇر تاۋاقلىق تەمىناتتىن ئايرىلىپ باقماي تۇرۇپ ياشلارغا كارخانىچىلار توغىرلىق گەپ ساتىدىغان پىشقەدەملىرىمىزدىن ئۆرگىلەي.
گەرچە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بولۇشى ياخشى ئىش بولسىمۇ غەيۋەت شىكايەتكە ئىمكان بەرمەسلىك كېرەك. يالغان گەپنى دەۋەرسە ئاڭلىغۇچىدا راستەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. ئاخىرى چىقمايدىغان مۇنازىرىنىمۇ قىلىۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى گەپتە ئۇتىۋالغانغا قورساق تويمايدۇ. ھايات ھەقىقەتلىرىنىڭ ھېچقاندىقى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ مۇنازىرىسى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلگەن ئەمەس. كارخانىچىنىڭ ھەر زامان ھەر ۋاقىت پايدا غېمىدە بولىدىغانلىقى راست. ۋاقىتنىڭ قىممىتىنى ئەڭ يۇقىرى ھالەتكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوت سوقىدىغان كىشىلەرلا كارخانىچى ئاتىلىشقا لايىق. پايدا تېگىدىغان ئىش ئۈچۈن كېچىنى كېچە، جاپانى جاپا دېمەيدىغان، يۈز چۈشۈپ كېتىشتىن ئەنسىرىمەيدىغان كىشىلەرلا كارخانىچى بولۇشقا لايىق.
روھى ئاسارەتتىن قۇتۇلالمىغان، كەلگۈسى يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئويلاشنىڭ ئورنىغا ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنىڭلا زارىغا يىغلايدىغان، ئالدىغا داغدام چامداشنىڭ ئورنىغا تولا ئىككىلىنىپ جۈرئەتسىزلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كارخانىچى بوللالىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.
كارخانىدا پايدا يارىتىشقا يېتەكلەيدىغان ئۇسۇلدىن باشقىسى قۇرۇق سەپسەتە، قۇرۇق كۆرەڭلىگەنگە، يوق ئىشقا دارۋاڭ سالغانغا كارخانا تەرەققىي قىلىپ قالمايدۇ. "ئەلى بابا" گوروھىنىڭ قۇرغۇچىسى مايۈننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، كەلگۈسى ئىقتىسادنىڭ غوجىلىرى ھازىرقى بايلارمۇ ئەمەس، شۇنداقلا ھازىرقى نامراتلارمۇ ئەمەس، دەل ئىشنىڭ يولىنى بىلگەن، ئىلىمنى ئۆزىگە قورال قىلغان، ئىلمىي ياشاشقا ئادەتلەنگەنلەردۇر. شۇڭا كارخانا توغرىلىق پاراڭلىرىمىزمۇ ئىلمىيلىقتىن ھالقىپ كەتمىسۇن، ئەمەلىي نەپ ئەپكېلىشتىن چەتنەپ كەتمىسۇن. كارخانىچىغا باھا بەرگەننىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش توغىرلىق كۆپرەك ئىزدىنەيلى. چۈنكى ھەقىقىي ئىقتىدارلىقلارغا كارخانىنىڭ ئىشىكى ھەردائىم ئوچۇق. كارخانا توغىرلىق گەپنى كارخانىچىغا بېرەيلى.

2014-يىلى 12-فېۋرال ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى "كارخانىچىلار مۇنبىرى" بېتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-3 22:56  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-4 00:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ،
ماۋۇ ماقالىڭىزنى ھەقىقەتەن  ياقتۇردۇم. ھازىر بىزدە ئەدىب تونىغا كىرىۋالغانلار ئاشپەزلىك، سۇچىلىق، ئۇغۇتچىلىق، بېلىقچىلىق، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، كېۋەزچىلىك، تۇپراقشۇناسلىق... قاتارلىق ئىلىملەردە لىكسىيە سۆزلەيدۇ. ئۇلارنىڭ لىكسىيەسىنى جەنۇبنىڭ قۇم بارخانلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان توپا چىراي ئاق كۆڭۈل دېھقانلار ئاڭلايدۇ. ھەتتا ئۇلار ئۆزىنىڭ كىتابلىرىنىمۇ سېتىشى مۇمكىن.
بۇ ماقالىنى ئەسلىدە نەچچە مىسال بىلەن يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ئوبدان بولاتتىكەن. تەكلىپىم، مۇشۇ ساھەدە باشقىلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان بىرەر نەزىريىۋى ئەمگەكنى ئويلىشىپ باقسىڭىز بوپتىكەن.
ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم!
ۋاقتى: 2014-11-4 10:15:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تولىمۇ ئىلمى گەپلەر بىلەن چۈشىنىشلىك خاتىرىلەنگەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، يېڭى پىكىرلەرنى ئويلاندىم، مۇشۇ تۈردىكى ماقالىلەتنى يېزىپ كېلىۋاتقان تۇردى لېتىپنىڭ ماقالىلىرىدىكى يارقىن پىكىرلەر كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. بولسا يەنە كۆرۈپ كارخانا توغرىسىدا قىسقىچە بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ تۇرايلى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش