كۆرۈش: 655|ئىنكاس: 5

ئابلاجان مۇھەممەد: ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ بالا ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇر  دولانلىرىنىڭ بالا ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى

ئابلاجان مۇھەممەد

ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ئۇلار ئىنسان ھاياتىدىكى جەريانلارنى تۇغۇلۇش،ياشاش،ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچلۇق ھالەت شەكلىدە ئىپادىلەپ كەلگەن.شۇنداقلا يەنە بۇ ھالەتلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ «مۇراسىم»دەپ ئاتاپ،ئۇنىڭ شەكلى،مەزمۇنىغا قاراپ ئۆمۈر مۇراسىمى،ئىشلەپچىقىرىش مۇراسىمى ۋە دىنىي مۇراسىم دەپ ئۈچ خىلغا بۆلگەن.بۇ مۇراسىملارنىڭ تۈرىگە ئاساسەن ئۆزىگە خاس ئۆتكۈزۈلىش شەكلى،تەرتىپى،قائىدىسى،ئەمەل قىلىدىغان دىنىي مىزان-ئۆلچەملىرى،پەرھىزلىرى بولغان. ئەمما بۇ خىل« مۇراسىم» شەكىلگە ئۆتەلمىگەن،بىراق ئۇيغۇر تۇرمۇشىدىن موھىم ئورۇن ئالغان يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر خەلقىمىزنىڭ تۇرمۇشىدا ساقلىنىپ كەلگەن.بولۇپمۇ بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش پائالىيىتى شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى،تەلەپلىرىنىڭ خىلمۇ-خىللىقى بىلەن تۇرمۇشىمىزدىن ئۇرۇن ئالغان بولسىمۇ نېمە سەۋەپتىندۇر «مۇراسىم»شەكلىگە ئۆتەلمىگەن.
خەلقىمىزدە بوۋاق تۇغۇلغاندىن كىيىن ئانا سۈتىدىن باشقا مۇۋاپىق يىمەكلىك بېرىلىدۇ.بۇ ئادەتتە بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرۇش دېيىلىدۇ.خەلقىمىزنىڭ بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى ھېچقانداق دىنىي ئىتىقاد ئارىلاشمىغان ساپ مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن چۈشىنىشكە بولىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتتۇر.
بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى ئۇيغۇرلاردا قاچاندىن باشلاپ شەكىللەنگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئابدۇلئەھەد ئەمىر قۇتلۇقنىڭ « 99 ئىسىمنىڭ ئىزاھاتى»دېگەن كىتابىنىڭ 112- بېتىدە مۇنداق بايانلار بار:«  ‹ئېغىزلاندۇرۇش› دېگىنىمىز. چاينالغان نەرسىنى بۇۋاقنىڭ ئاغىزىغا سېلىپ ئاغزىنى ھەرىكەتلەندۇرۈش دېگەنلىكتۇر. بۇۋاق شۇ نەرسىنى يۇتقىچە ئۇنى ئوڭ-سولغا ئاستا-ئاستا ھەرىكەتلەندۇرۇپ تۇرۇشتۇر. بۇنىڭ ھېكمىتى،شۇكى بۇ ئارقىلىق بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى تىل ھەركىتى ئارقىلىق كۈچلىندۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانىسىنى ئىمىشتە قىينالماي ياخشى ئېمەلەيدۇ. بۇۋاقنى ئېغىزلاندۇرغاندا ئەڭ ياخشىسى سالىھ،تەقۋا كىشىنىڭ ئېغىزلاندۇرغىنى ياخشى. بۇھەقتە مۇنداق ھەدىس شەرىق بار:ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن:مىنىڭ پەرزەنتىم تۇغۇلغاندا،ئۇنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ يىنىغا ئېلىپ باردىم،پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا ئىبراھىم دەپ ئىسىم قويۇپ بولۇپ،خورما بىلەن ئېغىزلاندۇردى ۋە ئۇ بالا ئۈچۈن بەركەت تىلەپ دۇئا قىلدى(سەھىھۇلبۇخارىي،سەھىھۇلمۇسلىم ۋە مۇسنەدۇ ئەھمەدتىن) بەزى كىشىلەر مۇشۇ قاراشلار ئاساسىدا بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەرەبلەردىن بىللە قوبۇل قىلغان دەپ قارىشدۇ، بىراق ئىسلام دىنىدىكى خۇيزۇلارغا قارىساق بۇ خىل ئادەت ئۇلاردا يوق.شۇنداقلا تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولدىكى خەلقىمىزدە خورما بىلەن ئېغىزلاندۇرۇشمۇ ئاساسىي جەھەتتىن يوق.ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىغان قېرىنداش مىللەتلەردىن قازاق،قېرغىز،ئۆزبىك قاتارلقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قارىساق ئۇلاردىن قازاقلار قوي مېيى بىلەن،قېرغىزلار سارماي(سېرىقماي)بىلەن ئېغىزلاندۇرىدۇ.ئۇلارنىڭ بولۇپمۇ قىرغىزلارنىڭ «ماناس»داستانىدا ماناس تۇغۇلغاندا ماناسنى ئېغىزلاندۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى مۇرەككەپ جەريانلار ۋە سىرلىقلاشتۇرۇلغان بايانلار بار. بىراق« ‹ماناس›ئىجاد بولغاندا قېرغىزلار تىخى ئىسلام دىنىغا ئۆتمىگەن ئىدى.» (لاڭ يىڭ:«جوڭگۇ» (1994-2005)ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى) دېمەك: بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن بىر قىسىم تۈركىي مىللەتلەردە بار ئىدى. شۇڭا بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن ئەرەبلەردىن قوبۇل قىلىنغان دېگەن بۇ قاراشمۇ تازا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
شۇڭا مەن بۇ ماقالىدە ئاشۇ خىل «مۇراسىم»تۈسىنى ئالمىغان،دىنىي قاراش ئارىلاشمىغان،بىراق ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ تۇرمۇشىدا،ئاڭ-چۈشەنچىلىرىدە تەسىرى زور بولغان بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.
(مەن2009-يىلى،2011-يىلى،2013-يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق، قىزىلئاۋات، تۈمەنتال،ھاڭغىتلىق قاتارلىق يىزىلىرىدا مۇشۇ ھەقتە ماتىرىيال توپلىدىم ۋە باشقا ماتىرىياللارغىمۇ مۇراجەت قىلدىم.شۇڭا تەكشۈرۈش دائىرىسى مەكىت ناھىيەسىدىكى دولانلارنىڭ ئارىسىدىلا ئېلىپ بېرىلغاچقا ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا ماقالىنىمۇ دولانلارنىڭ بالا ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى دەپ ئالدىم.)
ئۇيغۇر دولانلىرىنىڭ بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتىدە تەكشۈرۈلگەن ئۆلچەم،تۈرلەر ۋە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە:
1.        ئېغىزلاندۇرۇش تەرتىۋى
بالا تۇغۇلۇپ بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ.ئالدى بىلەن پاكىز،يۇمشاق بولغان پاختا،داكا،ياكى خەسە بىلەن بالىنىڭ يۈز-كۆزلىرى،ئېغىزى ئېرىغدىلىدۇ.ئاندىن مۇئەييەن مەقسەد بىلەن تەييارلانغان نان،زاغرا نان بىلەن قوينىڭ قۇيرۇق يېغى،شىكەر،بادام،ياڭاق،خورما،يېمىش،پىستە بادام،ئۆرۈك مېغىزى ،قەنىت،گۆش قاتارلىق يىمەكلىكلەرنىڭ خالىغان بىرى يۇمشاق چاينىلىپ،بالىنىڭ ئېغىزىغا قول ياكى قوشۇق بىلەن سېلىنىدۇ. بەزىدە ئوغۇللارنىڭ ئېغىزىغا پىچاق بىسى بىلەن سېلىنىدۇ ئاچچىق،تۇزلۇق يىمەكلىكلەر بىلەن ئېغىزلاندۇرۇشتىن پەرھىز قىلىدۇ.بالىغا نىسبەتەن« ئاغزىڭىز تاتلىق بولسۇن»،«قۇلىقىڭىز يۇمشاق بولسۇن»،«ئۆمىرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن» دەپ تىلەك تىلىنىدۇ.
2.        بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرغۇچى كىشىگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر
بوۋاقنى ئېغىزلاندۇرغۇچىغا ئادەتتە ئەر-ئايال دەپ چەك قويۇلمايدۇ.ئەمما كۆپىنچە ياشتا چوڭراق ،تەجرىبىسى بار ئاياللار ئېغىزلاندۇرىدۇ.بەزى ئوغۇل بوۋاقلارنى دادىسى ئېغىزلاندۇرىدىغان ئادەتمۇ بار.كۆپ قىسىم ئەھۋالدا  شۇ بالىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەنلا چەكلىنىدۇ،بەزىدە شۇ مەھەللىدىكى ئابرويلۇق ئالىم،موللا،ئاقساقاللار،تەقۋادار،ئەخلاقلىق كىشىلەر تەكلىپ قىلىنىپمۇ ئېغىزلاندۇرۇلىدۇ. ئۇندىن باشقا كەسىپ،ياش،خۇلق-مىجەز جەھەتلەردىنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە چەكلىمە بار.
خەلقىمىزدە « كىم ئېغىزلاندۇرسا شۇ  كىشىنى دورايدۇ» دەيدىغان قاراش بار بولغاچقا ئېغىزلاندۇرغۇچى ئەخلاقىي جەھەتتە دۇرۇس،ھالال ياشايدىغان،كىشىنىڭ ھەققىنى يېۋالمايدىغان،روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ساغلام، ئېغىر-بېسىق، كەمتەر، مۇلايىم، جۇشقۇن، باشقىلار بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان،لەۋزىدە تۇرىدىغان،مەرد،سىخىي،ئەل ئارىسىدا ھۆرمىتى بار،دوسىتلۇققا يارايدىغان كىشى بولۇشى كېرەك.ئادەتتە بالا ساق-سالامەت تۇغۇلغاندىن كىيىن بالىنى زادى كىم ئېغىزلاندۇرۇشى ھەققىدە كېڭەش بولىدۇ.ۋە يۇقىرىقى شەرتلەرگە ماس كېلىدىغان كىشىنى چاقىرىپ بالىنى ئېغىزلاندۇرىدۇ.ئۇرۇشقاق،ھازازۇل،خۇيى يامان،مەلۇم ئەيىب-نۇقسانى بار كىشىلەرنىڭ ئېغىزلاندۇرۇشى قاتتىق پەرھىز قىلىنىدۇ.
3. بالا ئېغىزلاندۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە خەلقىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرى
بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەد  بالىنىڭ ساق-سالامەت بولۇشىنى تىلەش شۇنداقلا بالىنىڭ چېچەن،سۆزگە ماھىر،ئەدەب-ئەخلاقلىق،خۇش پېئىل بولۇشىنى تىلەشتىن ئىبارەت.بوۋاق ئېغىزلاندۇرۇلغاندا ئالدى بىلەن بالىنىڭ باش-كۆز،ئېغىزىنىڭ پاكىز،يۇمشاق رەخىت بىلەن سۈرتۈلىدۇ،ئاندىن بالىنىڭ ئېغىزى پاكىزلىنىدۇ مانا بۇ  بالىنىڭ ساغلام بولىشىنىڭ ئىلمىي ئاساسىدۇر ۋە دەسلەپكى كاپالىتىدۇر.
بۇ ھەقتىكى خەلقىمىزنىڭ چۈشەنچە-قاراشلىرىغا كەلسەك،نان بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلسا بالىنىڭ رىسقى پۈتۈن بولىدۇ دەپ قارايدۇ،پىستە بادام بىلەن ئېغىزلاندۇرغاندا بالا چاقماقتەك سۆزلەيدىغان بولسۇن،مىس-مىس،ئەزمە بولۇپ قالمىسۇن دېگەننى مەقسەد قىلىدۇ.تاتلىق نەرسىلەر بىلەن ئېغىزلاندۇرغاندا تاتلىق سۆزلۈك، مۇلايىم، يېقىشلىق بالا بولسۇن دېگەننى مەقسەد قىلىدۇ. ياغ، مېغىز بىلەن ئېغىزلاندۇرغاندا بالا مېغىزدەك گەپ قىلسۇن،ياغدەك تاتلىق گەپ قىلسۇن دېگەننى مەقسەد قىلىدۇ. بالىنىڭ ئېغىزىغا يىمەكلىكنى پىچاق بىسى بىلەن سالغاندا بالا كېسىپ گەپ قىلىدىغان،ئۆتكۈر سۆزلۈك بولسۇن دېگەننى مەقسەد قىلىدۇ. كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بالا تاتلىق يىمەكلىك بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلۇپ،بالىنىڭ شىرىن سۆزلۈك، سۆزمەن، چىقىشقاق، ئەقىل- پاراسەتلىك بولىشى ئارزۇ قىلىنىدۇ.ئاچچىق،تۇزلۇق ياكى تۇزسىز نەرسىلەر بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلسا بالا جاھىل،جىدەلخور،ئۇرۇشقاق،سەپرا مىجەز،كىشىلەر بىلەن ئاسانلىقچە چىقىشالمايدىغان ئادەم بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىلىدۇ.
تەكشۈرۈش جەريانىدا ئەھۋال ئىگەللىگەن 80-90ياشلىق كىشىلەرنىڭمۇ «مەن تۇغۇلسام مۇشۇنداق ئادەت بار ئىكەن ،ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇنداق قىلىپ كەپتىكەن» دېگەنلىرىگە قارىغاندا بالا ئېغىزلاندۇرۇش مەكىتتىكى دولانلار ئىچىدە خىلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە.بىراق بۇ خىل ئادەتنىڭ مۇقۇملاشقان مۇراسىم شەكلى يوق.بەزىلەر بۇ خىل ئادەت بالىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن مۇھىم بولغاچقا داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىكەن .يەنە بەزىلەر خەلقىمزنىڭ مەنىۋى فولىكلور چۈشەنچىلىرى بويىچە بالا دىلى يۇمشاق،ئەقىللىق ،ئەخلاقلىق بولىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق قىلىنىدۇ دەپ قارايدىكەن.
مانا بۇنىڭغا ئوخشاش ھەرخىل قاراشلار تۈپەيلى بۇ خىل ئادەت خەلقىمىزدە جۈملىدىن مەكىت دولھنلىرىدىمۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ بەلكىم خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تۇرمۇش جەريانىدكى يەكۈنلەنگەن تۇرمۇش تەجرىبلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە خەلقىمىزنىڭ بالا تەربىيىسىگە بالا تۇغۇلىشىدىنلا باشلاپ ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
پايدىلانمىلار:
1.        «ئۇيغۇر ئېتنوگىرافىيىسى» ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2004-يىلى 4-بېسىلىشى
2.        «ئۇيغۇرلادا بوۋاقلارنى ئېغىزلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش»
ياسىن مۇھەممەد نىياز تىكە،نىزاجى قادىر،شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى.2009-يىلى 2-سان
3.        2009-يىلى،2011-يىلى،2013-يىلى مەكىت ناھىيەسىنىڭ يانتاق، قىزىلئاۋات، تۈمەنتال،ھاڭغىتلىق قاتارلىق يىزىلىرىدىن تەكشۈرۈش خاتىرەم.

( «دولان مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 2-سانىدىن ئېلىندى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-3 22:31  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-4 03:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدەنىيەتكە ئائىت ياخشى ،قىممەتلىك ئەسەرنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپسىز  ئەركزات ئەپەندى ،رەخمەت سىزگە .

ۋاقتى: 2014-11-4 09:22:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر تېما ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-11-4 10:55:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
”ئۇيغۇر دولانلىرى“مۇ ياكى ‹‹دولان ئۇيغۇرلىرى››مۇ؟....
دولان يەر- جاي نامى،ئۇيغۇر بولسا مىللەت نامى،خۇددى قەشقەر ئۇيغۇرلىرى دېگەننى ئۇيغۇر قەشقەرلىرى دېسەك بولمىغىنىغا ئوخشاش،دولان ئۇيغۇرلىرى دېگەننى ئۇيغۇر دولانلىرى دېسەك بولمايدۇ.بەلكىم ماقالە ئاپتۇرى ھېلقى‹ دولان قەبىلىسى› دېگەن ئاتالمىش ۋېۋىسكىغا ئاساسەن يازغان بولۇشى مۈمكىن.بىراق ئۇ ۋېۋىسكىنىڭ ئۆزىلا خاتا ھالدا ئاتالغان.تارىختا ئۇيغۇر مىللىتى تەركىبىدە دولان قەبىلىسى دەيدىغان قەبىلە بولۇپ باقمىغان.
ماقالە ئاپتۇرىنىڭ ئۇقۇمنى توغرا ئاتشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ـــــــــــــــــــــــــــ
مېنىڭچە ماقالىنى ۋاكالىتەن تورغا  يوللىغۇچى ياسىنجان ئوسمان  ئەركزات بۇ ماقالىنىڭ ئىنتايىن خام،پىششىقلاشتىن ئۆتمىگەن،ئىلمىيلىكى تۆۋەن،پاكىت ئاساسى ئاجىز، يۈزەكى  يېزىلغان ماقالە ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلمايلا يوللاپ قويغاندۇر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghenizatuyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-4 11:15  


ۋاقتى: 2014-11-4 18:13:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ئاداشنىڭ گېپىچە بولغاندا خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق... ئەيتاۋۇر شۇنىڭدەك باشقا دولانلارمۇ بار ئوخشىمامدا....

ۋاقتى: 2014-11-5 19:28:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بۇ ماقالە «دولان مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا-«دولانلارنىڭ بالا ئېغىزلاندۇرۇش ئادىتى» دىگەن ماۋزۇدا ئىلان قىلىنغان. ئەركىزات تەھرىرلەشتىن بۇرۇنقىسىنى يوللاپ مۇشۇنداق ئۇقۇم جەھەتتىكى خاتالىق كىلىپ چىققان بولسا كېرەك. شۇڭا تورداشلارنىڭ تۈزىتىپ چۈشىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش