يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 366|ئىنكاس: 1

كارخانىچى بولاي دېسىڭىز...-تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كارخانىچى


تۇردى لېتىپ ئىزگۈ


كارخانىچى ھەققىدە گەپ بولسا، كۆز ئالدىمىزغا بىز تونۇيدىغان بىرەر كارخانىچى ياكى بىز بىلىدىغان بىرەر داڭلىق كارخانىنىڭ قۇرغۇچىسى كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ خالىغىنىنى قىلىپ، خالىغىنىچە ئويناپ يۈرىدىغانلىقىغا ھەۋىسىمىز كېلىدۇ. نەزىرىمىزدە ئۇلارنىڭ باشلىقى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ سوئال- سورىقىغا جاۋاپ بېرىپ يۈرمەيدۇ، ئۇخلىغۇسى كەلسە ئۇخلايدۇ، ئوينىغۇسى كەلسە ئوينايدۇ... بىراق ماھىيەت زادىلا ئۇنداق ئەمەس.
كارخانىچى ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئۆزى قامداش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان بولىدۇ. بىرەر ئادەمدىن ياردەم تاما قىلمايدۇ. ئۇنىڭ كاللىسىدا دائىم پايدا يارىتىش خىيالى يۈتمەيدۇ، بۇ روھى يۈك بەزى خاراكتىرى ئاجىز كارخانىچىنى بەزىدە ناتوغرا ۋاستىلەرنى قوللىنىشقا ئۈندەپ قويىدۇ-دە ئاخىرى ھالاك بولىدۇ. كارخانىچىنىڭ روھى ھالىتى ئۇنىڭ ھەرقانداق زەربىگە بەرداشلىق بېرىشىگە مەدەتكار بولىدۇ، روھى جەھەتتىن پىشمىغان كارخانىچى يولدا قالىدۇ. روھى جەھەتتە پىشىپ يېتىلىش ئۈچۈن، كارخانىچى جاپالىق تۇرمۇش كەچمىشىگىمۇ، مول، يېڭى بىلىم ئاساسىغىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك.
كارخانىچىدا يەنە يىراقنى كۆرەرلىك خىسلىتى بولمىسا بولمايدۇ. ئۆتمۈش ۋە ھازىرنى ياخشى چۈشەنگەن ھالدا، كەلگۈسىنى توغرا مۆلچەرلەپ، ئۇنىڭغا ئەڭ ئاكتىپ ئىلمىي تەسەۋۋۇرنى يۇغۇرۇپ، كەلگۈسىنىڭ پىلانىنى سوقىدۇ ۋە نىشانغا يېتىش ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ تىرىشىدۇ. كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان، جاھاننىڭ رەپتارىغا كىرىۋالغان، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە تەلپۈنىدىغان، پۇرسەت بولسىلا يېتىۋېلىش كويىدا بولىدىغان ئادەمدىن كارخانىچى چىقمايدۇ. «تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەغدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ» دېگەن ھېكمەت كارخانىچىغا بەك باب كېلىدۇ، چۈنكى كارخانىچى دەل تەقدىرنى ئۆرگەرتىش يولىدا تەر تۆككۈچىدۇر.
كارخانىچى بىلەن باشقا ساھەدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا چوڭقۇر چۈشەنچە ھاسىل قىلمىقى تەس. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئىشقا تۇتىدىغان پۇزىتسىيەسى ئوخشىمايدۇ. شىركەت ئورنىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقوقىنى مىسال ئالساق، باشقىلار: «كارخانا نېمىشقا ئىشخانا ئورنىنى سېتىۋالماي ئىجارە ئالىدۇ، ئۇنى نەچچە يىللىق ئىجارە ھەققىگىلا سېتىۋالغىلى بولىدىغۇ؟» دەپ ئويلىسا، كارخانىچى ئازغىنە پۇلغا شۇنچىۋالا ئورۇندىن پايدىلىنىپ، ئىجارە پۇلىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ پايدا يارىتالىغىنىدىن خوشال بولىدۇ. ھەتتا ئىجارە ئالغان ئورۇننى كېڭەيتىشنى ئويلايدۇكى، بىراقلا كۆپ پۇل خەجلەپ كىچىككىنە ئورۇننى سېتىۋېلىشقا ئالدىرىمايدۇ. چۈنكى پايدىنى كارخانا قۇرغان ئورۇننىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى ئەمەس، شۇ ئورۇندىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش يارىتىدۇ. شۇڭا كارخانىچى شىركەت ئورنىنىڭ مۈلۈك ھوقوقىغا كەلگەندە سېتىۋېلىشقا قارىغاندا، ئۇزاق مۇددەت ئىجارە ئېلىشقا بەكرەك قىزىقىدۇ.
كارخانىچى بىلەن كارخانىچى ئوتتۇرىسىدا قويۇق مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈشمۇ بىر قەدەر قىيىن، چۈنكى كارخانىچى باشقا ساھەدىكى ئادەملەرگە قىلغان سۆزىنى باشقا بىر كارخانىچىغا دەپ يۈرمەيدۇ، بەلكى سودا مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. رىقابەت دەل مۇشۇنىڭدىن شەكىللىنىدۇ. قىسقىسى، كارخانىچى بولۇش ئۈچۈن مول تەسەۋۋۇر، ئېنىق پىلان، كۈچلۈك خاراكتىر، تېز ۋە ئىنچىكە ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ھازىرلانمىسا بولمايدۇ.
ئۈرۈمچى كەچلەك گېزىتى "كارخانىچىلار مۇنبىرى" بېتى 2014-يىل 19-فېۋرال
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-3 00:42  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-3 10:51:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پىكىرلەر ھەقىقەتەن بەك ئورۇنلۇق ئىكەن، ماقالىنىڭمۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن مۇئەييەن پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش