كارخانىچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر
تۇردى لېتىپ
كارخانىچىلار – دۇنيادىكى بىردىن بىر قىلغان ئەمگىكىگە قارىتا ھەق تەلەپ قىلمايدىغان، سەھەردە ئۇخلاپ قالمايدىغان، ئانچىكى كېسەل، مىجەزى يوق چاغلاردا خىزمەتتىن دەم ئېلىش سورىمايدىغان، قىلىۋاتقان ئىشى ئۈچۈن بارلىقىنى ھەتتاكى جېنىنىمۇ ئايىمايدىغان، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا سەۋەبىنى پەقەت ئۆزىنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىنلا كۆرۈدىغان كىشىلەردۇر.
كارخانىچىلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان كىشىلەر
1- كوللىكتىپ خىزمەتتە ھەل قىلغۇچ، باشقىلار ئاسانلىقچە ئورنىنى ئالالمايدىغان خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنى ئارزۇلايدىغانلار.
2- شىركەتنىڭ مەھسۇلاتى، مەھسۇلات سۈپىتى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ھەر دائىم كۆڭلىگە پۈككەن ۋە شۇنداقلىقىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىدا بولىدىغانلار.
3- ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسىدىن چەكسىز پەخىرلىنىش ھېس قىلىدىغانلار.
4- ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولالىغانلىقىدىن كۆڭلىدە شاتلىنىش ھېس قىلالايدىغانلار.
5- تالانت تۇغما بولمايدۇ، تالانت تىرىشقانلارغا خاس. تىرىشقاندىلا ئېرشكىلى بولمايدىغان نەتىجە، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق دەپ قارايدىغانلار.
6- ھازىرقى قىيىنچىلىق پەقەت ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، مېنىڭ تىرشچانلىقىملا بولىدىكەن ھامىنى بىر كۈنى تاتقان جاپايىمىڭ ئەكسىچە ھەسسىلەپ راھەت پاراغەتكە ئېرىشەلەيمەن دەپ ئىشىنىدىغانلار.
7- باشقىلارنىڭ ھەيدەكچىلىكىگە قېلىشنى ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدا يالغانچى ئاتىلىپ قېلىشنى ئۆلگەن بىلەن باراۋەر، نومۇسلۇق ئىش دەپ قارايدىغانلار.
8- چوڭ ئىشنىڭ چوڭچە مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ھوقوقنىڭ چوڭ بولۇشى ئەسلىدە شۇ كىشىنىڭ چوڭ ئىشنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ ھوددىسىدىن چىقالىغانلىقىدىن بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلار.
9- باشقىلارنىڭ ئارقىسىدىن ھەسەت قىلمايدىغان، ئەكسىچە باشقىلارنىڭكىنى خاتا دەپ قارىغاندا كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا پېتىنالايدىغانلار.
10- جاپا چېكىشنى ماڭا چېنىقىش پۇرسىتى بېرىلگەنلىك دەپ قارايدىغانلار.
11- سەمىمىيى بولۇشنى ھەرقانداق ھېلىي ئىشلىتىشتىن ئەلا دەپ قارايدىغانلار.
12- باشقىلارغا پايدىلىق بولۇشنى ئۆزىگە پايدىسىز بولۇشتىنمۇ ئەلا بىلىدىغانلار.
كارخانىچىلار ئەڭ ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر
1- خىزمەت ئۈستىدە كەلگەن تېلېفۇندا، خېرىدارغا مەن بىلمەيمەن، بۇ مېنىڭ ئىشىم ئەمەس، مېنىڭ ئامالىم يوق دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار.
2- خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى پەقەت ئاڭلاپلا قويىدىغان، قايتا ئالاقە قىلمايدىغان، قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشمايدىغان، قىيىنچىلىق بولسا دوكلات قىلمايدىغان، بىر تەرەپ قىلمايدىغانلار.
3- دوكلات- يازما ماتېرىياللارغا يۈزەكىلا قارايدىغان، سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ توغرا - خاتالىقى بىلەن كارى بولمايدىغانلار.
4- خېرىدارنىڭ ئالدىدا قارشى تەرەپنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئېسىدىن كۆتۈرۈپ قويۇدىغان، خېرىداردىن كۆپرەك زاكازقا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلمايدىغانلار.
5- ئۆزىنى ئادەتتىكى بىر خىزمەتچى دەپ ھېسابلايدىغان ئەزەلدىن ئۆزىنى شىركەتنىڭ خوجايىنى، ھەل قىلغۇچ ئادىمى قاتارىدا چاغلاپ باقمايدىغانلار.
6- ھەر كۈنلۈك قىلغان خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن سۆيۈنۈش تۇيغۇسى بولمايدىغانلار.
7- ۋاقتىنىڭ بېكار ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئۆكۈنمەيدىغانلار.
8- ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا ئورۇنداشنىڭ شەرتىنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا قول سېلىش ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلار.
9- ئىشنى ۋاقتىدا سۈپەتلىك ئورۇنداشنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈشنى بىلمەيدىغانلار
10- ھەرقانداق بىر ئىشنى ئاڭلىغان ھامان ئالدى بىلەن ئەۋارىچىلىك، ئاندىن ئۇنداق قىلغىلى بولماسمىكىن، بۇ بەك تەسقۇ، دەپ ئويلايدىغانلار.
11- بۈگۈن قىلىپ تۈگەتكىلى بولىدىغان ئىشنىڭ ئەتىگە قالغانلىقىدىن ئىچى ئۆرتەنمەيدىغانلار
12- ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن بولىدىغان زىياننىڭ يۈز بەرگەنلىكىدىن ئىچى ئۆرتەنمەيدىغانلار
13- شىركەتكە پايدىلىقلىقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ ھازىرلا قول سېلىشقا تۇتۇنمايدىغانلار
14- قىلىۋاتقان ئىشىنى تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە تېز ئورۇنداشنىڭ ئۇسۇللىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىغانلار
15- پەقەت تىللاشنىلا بىلىپ، ماختاشنى بىلمەيدىغان، جازالاشنىلا بىلىپ مۇكاپاتلاشنى بىلمەيدىغانلار
باشلىق بىلەن خىزمەتچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت باشلىق ئۆزىنىڭ ئىلغار كۆز قاراشلىرى ئارقىلىق خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئۆزىگە مايىل قىلالىشى، خىزمەتچىلەرنىڭ باشلىققا قايىللىقى، باشلىقنىڭ پىلالىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ھەقىقىي ھىمايىچى بولغانلىقى بىلەن پۇت تېرەپ تۇرالايدۇ. ھەرگىزمۇ باشلىقنىڭ كۈچ قۇدرىتى بەدىلىگە خىزمەتچىلەرنى مەجبۇرىي باش ئەگكۈزۈپ ئۆز ئىرادىسىنى باشقىلارغا تېڭىشى ئارقىلىق داۋام قىلمايدۇ. خوجايىن بىلەن خىزمەتچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ ھەرگىزمۇ خوجايىننىڭ مال مۈلكىنى كۆز-كۆز قىلىش بەدىلىگە خىزمەتچىنى تاڭ قالدۇرۇش، قايمۇقتۇرۇش، مەجبۇرىلاش، خىزمەتچىنىڭمۇ خوجايىن ئالدىدا ساختا مۇلايىم بولۇپ، ساداقەتتىن قىلچە ئەسەر يوق، كۆز بۇياپ كۈن ئۆتكۈزۈش بەدىلىگە قۇرۇلماسلىقى كېرەك. ئۆزئارا مەدەت بېرىش، ئۆز ئارا ھىمايە قىلىش، ئۆزئارا چۈشۈنۈش، ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىش بارلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتنىڭ ئاساسىي.
2013- يىلى نۇيابىر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turdiletip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-2 08:50
|