ئارام ئال موما!
(ھەر مىسرانىڭ باش ھەرپى ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە يېزىلدى)
مۇھەممەدتوختى سەببەت
ئارام ئال موما،
ئەمدى سەن قېنىپ.
بوۋاققا ئوخشاش،
پۇشۇلداپ تىنىپ.
تالدى جىسمىڭمۇ،
جاپالار بىلەن.
چۆچىكىڭ ئاڭلاش،
خوشاللىق-بەلەن!
دەيدۇ قوشنىلار:
«روھلۇق زورىخان.
زەپمۇ ئوڭلۇق ئۇ،
ساددا ھەم ئىشچان.
شۇنچە كۆيۈمچان،
غەيۋەتتىن يىراق.
قاپاق تۈرۈشتىن،
كۈلكىگە ئامراق»
گۈلخۇمار مومام
لەيلىگە ئىجىل.
مودەنگۈل بېرەر،
نەۋرىگە سىجىل.
ھارمايدۇ بېقىپ
ئوماق نەۋرىنى.
ئۇنۇتقاندەكلا،
ئۆزى جەۋرىنى.
ئۈمىدلىك بولۇپ
ۋاقىتنى ئۇتار.
ئېسىل خۇيىغا،
ئىھ، ھەممە خۇشتار.
ياخشى مومام بار،
ھەممىگە ئۈلگە.
دوراپ،چېھرىگە-
يۈگۈرتەي كۈلكە!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-1 20:25