|
كارخانا مەدەنىيىتى ھەققىدە
تۇردى لېتىپ ئىزگۈ
كارخانا كوللېكتىپى دۆلەتنىڭ قانۇن- پەرمانلىرىغا قەتئىي ئەمەل قىلغان ئاساستا ئۆزگىچە مەدەنىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق، كەڭ ئاممىغا يېڭىچە ئىستىمال يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، خەلقنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە قوللىشىنى كولغا كەلتۈرۈپ، تەسىر دائىرىسىنى داۋاملىق سىجىل كېڭەيتىپ ھەم ئىش ئورۇنلىرىنى كۆپەيتىپ، ياشلارنى يېڭى يولغا باشلايدىغان ئىجتىماىي بىرلىك، بۇ خىل ئىجتىمائىي بىرلىك چوقۇم كۈچلۈك مەدەنىيەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ، يۇقىرى ئۈنۈم يارىتىش مەقسەت قىلىنغان ئىنچىكە ئىش تەقسىماتى ئۇنىڭ يەنە بىر مەزمۇنى، بۇ جەھەتتە كارخانا دۆلەت ئورگانلىرىدىن خىزمەت مۇھىتى ۋە ئۇسۇلى تەرەپتىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ.
ھەقىقىي مەنىدىكى جەلپ قىلارلىق مەدەنىيەت تۇسىنى ئالغان كارخانىلار خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ جان كۆيدۈرۈپ پەرۋىش قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ. بىراق بۇ خىل مەدەنىيەت داۋاملىق مۇستەھكەملىنىشكە، بېيىتىلىشقا، جەلپكارلىقىنى ئاشۇرۇشقا مۇھتاج بولىدۇ. شۇنداقلا ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىنغان بولۇشى كېرەك. ئەمما كارخانا مەدەنىيىتىنى باشقا ئىلغار دەپ قارالغان كارخانىلاردىن كۆچۈرۈپ ئەكىلىشكە بولمايدۇ. ئۇ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات جەريانىدا ئاستا- ئاستا مۇكەممەللشىشىپ ئۆزلىشىشىشى، ھەرگىزمۇ كۈچلۈك تۈزۈم، نازارەت ئاستىدىكى شەكلەن ئەمەل قىلىنىدىغان قېلىپلاشقان مەدەنىيەت بولۇپ قالماسلىقى شۇنداقلا ھەركىم ئۆز خاھىشىغا قاراپ ئىش كۆرۈدىغان چېچىلاڭغۇ، باش- باشتاقلىقتىن خالىي بولمىقى زۆرۈر.
كارخانا مەدەنىيىتى خۇددى مۇشۇ بىز ياشاۋاتقان ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە ئوخشاش كارخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەرنىڭلا ئەمەس، شۇ كارخانىغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، خېرىدارلار ھەتتا ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرەلەيدىغان، ھەممىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن، ھەممە سۆيىدىغان بىر خىل مەدەنىيەت بولۇشى كېرەك، شۇڭا كارخانا مەدەنىيىتى شەكىللەنمىگەن ھەرقانداق بىر كارخانىنىڭ ئۇزاق مۇددەت پۇت تېرەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
2013- يىلى 25- دېكابىر ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى كارخانىچىلار مۇنبىرى بېتى
|
|