يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 459|ئىنكاس: 9

تەمكىن:ئېيتامدىمىز ناخشىمىزنى ئەمدى تاق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-31 19:09:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئېيتامدىمىز ناخشىمىزنى ئەمدى تاق؟

ئېسىڭدىمۇ قۇياش مۆككەن ئورماندا
كۈن پاتقىچە سەن تۆتقۇلاق تەرگىنىڭ؟
تاپقان ئىدىڭ راس شۇ كۈنى بەختىڭنى،
بولدى ماڭا كىيىن ئازاپ بەرگىنىڭ.

بولدى ماڭا كىيىن ئازاپ بەرگىنىڭ،
تاتلىق سۆيۈش، ناخشىلارنى ئۇنۇتتۇڭ.
تاللىدىڭمۇ بىلمىدىم ھېچ ئۆزگىنى،
مەن گۈل سۇندۇم، سەن يۈرەكتىن مۇز تۇتتۇڭ.

كەچكۈزدىكى ياپراقلارنىڭ چۈشىدەك،
قالدى سوغۇق ئەسلىمىلەر شۇ پېتى.
دەسسەپ ئۆتتۈڭ ئەقىدەمنى ئېھ گۈزەل،
ئېيتىقىن دەسلەپ كۆيۈپ يۈرگەن كىم ئىدى؟

دەپ باققىنا دەسلەپ كۆيگەن كىم ئىدى،
«مەڭگۈلۈك بۇ...»دىگەن سەنمۇ ياكى مەن؟
ئېيتامدىمىز ناخشىمىزنى ئەمدى تاق؟
ھەر ئىككىمىز يىڭىلگەنگە بېرىپ تەن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-31 19:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-11-1 17:24:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە  ئاپىرىن   بەك ياخشى  يېزىپسىز.ئايرىلىپ  يامان  بوپتۇ،  ئايرىلىش ئازابى  يامان.

ۋاقتى: 2014-11-1 19:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەسلەپ كۈيۈپ يۈرگەنلەر ئاز ئەمەستى ئەسلىدە،
ئاخىرغىچە كۈيۈشنى تەس كۆرگەنتى بەزىلەر.
تەنتەكلىكتە مەڭگۈلەر كۆپ ئىكەنغۇ ۋەدىدە،
يېرىم ئۈمۈر تۈگىسە تەڭشىلىپتۇ پەدىلەر. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىشتىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-1 20:00  


ۋاقتى: 2014-11-1 21:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولدى ماڭا كىيىن ئازاپ بەرگىنىڭ،
تاتلىق سۆيۈش، ناخشىلارنى ئۇنۇتتۇڭ.
تاللىدىڭمۇ بىلمىدىم ھېچ ئۆزگىنى،
مەن گۈل سۇندۇم، سەن يۈرەكتىن مۇز تۇتتۇڭ.

چىن تۇيغۇ بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ كەبىي لىرىكىلار ئۈزۈلمىسۇن!

ۋاقتى: 2014-11-1 21:53:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر ئىككىمىز يېڭىلگەنگە بېرىپ تەن ،
ۋىژىلدىتىپ يۈرەكلەرگە سالدۇق ئەن .
ئۇنتۇلغاچقا تاتلىق ۋەدە ، ناخشا ھەم ،
ئۈششك تەگكەن ياپراق  كەبى تىترەر تەن ...

ۋاقتى: 2014-11-1 22:46:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزاق بوپتىكەن شېئىرلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى. ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. ئىجادىيىتىڭىزگە يېڭى تەم ۋە بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2014-11-1 23:15:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىققان لىرىكىكەن ، ئاپىرىن  !

ۋاقتى: 2014-11-2 12:25:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ ئاچچىق ئەسلىمىلرى ھەر دوقمۇشتا ھەر ئادەمگە ئۇچراپ تۇرۇدۇ.شېئر ياخشى چىقىپتۇ.ئاپرىن!

ۋاقتى: 2014-11-3 18:39:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغۇز كىشىلىك ئېيتقاندىن، قوش كىشىلىك ئېيتقان ياخشى، جاراڭلىق، ياڭراق چىقىدۇ ئاۋازىڭىزلار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-11-3 18:58:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablipiz idiris يوللىغان ۋاقتى  2014-11-3 18:39
يالغۇز كىشىلىك ئېيتقاندىن، قوش كىشىلىك ئېيتقان ياخشى، ...

ھايات سەھنىسىگە بىرگە چىققىلى ئۇنىمىسا ئامال يوق-تە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش