يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 367|ئىنكاس: 0

كەسىپنى قايتا تاللاش مۇمكىن بولسا - تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كونا مۇنبەردە ئېلان قىلىنىپ بولغان، قايتا يوللاپ قويدۇم.
  
كەسىپنى قايتا تاللاشقا مۇمكىن بولسا...

تۇردى لېتىپ

ياش بىر يەرگە بېرىپ يىل ئۆرۈلگەندە، ئادەم تۇرۇپلا ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ، كەلگۈسى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالىدىكەن. ئويلىغانسېرى، ئۆتكەن كۈنلىرىگە ئۇھسىنىپ، كەلگۈسى ئۈستىدە غەمگە پاتىدىكەن.
ھەر بىر ئىنسان چەكسىز كائىناتتىكى كىچىككىنە بىر جانىدار بولۇش سۈپىتى بىلەن ھاياتىنىڭ قانداق ئۆتىشىنى گەرچە ئالدىن تاللاش مۇمكىن بولمىسىمۇ، شۇ كىشىنىڭ قىلغان ئەتكەنلىرى ۋە ھايات يولىدا كۆرسەتكەن تىرىىشچانلىقى ئاخىرقى ھېسابتا شۇ كىشىنىڭ كەلگۈسىدە قانداق كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. ياش بىر يەرگە بارغاندا، ئەگەر ئۆزىگە قايتا كەسىپ تاللاش مۇمكىن بولسا ئىدى، ھەرگىزمۇ پەقەت «قىلغىلى ئىش بولسا» لا بولماستىن، بەلكىم تۆۋەندىكىلەرنى تاللىغان بولاتتىم.
بىرىنچى تاللاش، مالىيە مۇتەخەسسىسى. بۈگۈنكىدەك مال دۇنياغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان، پۇل كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇ جاھان سورايدىغان، شۇ كىشىنىڭ ھۆتىلىشى ئاسماندا گۈلدۈرماما، چۈشكۈرىشى قار يامغۇرلۇق يېغىن پەيدا قىلىدىغان مۇشۇنداق كۈنلەردە، پۇل مال مۈلۈكنى تەقسىملىيەلەيدىغان كەسىپنى قىلىش، بەلكىم ئەڭ ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك.
ئىككىنچى تاللاش، پىشقان ئاخباراتچى. ئاۋامنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلىشى ياكى چۈشىشى مۇتلەق ھالدا مالىيە كۆرسەتكۈچىنى بەلگىلەيدۇ. ھەرگىزمۇ ئۇ كۈچلۈكلەرنىڭ تەھدىت ۋە بېسىم سېلىشى ئاستىدا مەجبۇرى ئۆسۈپ قالمايدۇ ياكى تۆۋەنلىمەيدۇ. ئاخبارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ خەلقنىڭ رايىغا قوماندانلىق قىلىدىغان زىل خەۋەرلىرى ۋە پاش قىلىش، تەكشۈرۈش دوكلاتلىرى ئاۋامنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆرلەش ياكى چۈشىشىنى بەلگىلەيدۇ.
ئۈچىنچى تاللاش، نوپۇزلۇق ئادۋۇكات. دەرىجە ھالقىغان مەنپەئەت داۋاملىق قانۇننىڭ زىل يەرلىرىگە ئۇتۇقلۇق ئۇيغۇنلاشقانلىقتىن كېلىدۇ. بايلىق مۇئەككىلى چوقۇم قانۇندىن ياخشى پايدىلانغان، ئادۋۇكاتىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرغان بولىدۇ. پىشقان ئاخباراتچىمۇ نوپۇزلۇق ئادۋۇكاتلارنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرى ئالدىدا خاتالىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.
تۆتىنچى تاللاش، قانۇن تۈزگۈچى ئەمەلدار. پۈتكۈل يەر شارى مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قانۇننىڭ قانداق تۈزۈلىشىنى بەلگىلەيدىغان ئەمەلدارنىڭ ئابرويى ئەڭ چوڭ بولىدۇ. يېڭى قانۇنلارنىڭ تۈزۈلىشى بىر دۆلەتنى يا ئۇنداق يا مۇنداق قىلىۋېتەلەيدۇ.
بەشىنچى تاللاش، ئالاھىدە كەسىپتىكى كارخانىچى ــ دائىرىسى ناھايىتى تار، لېكىن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىيالايدىغان كەسىپنى ئىدارە قىلىدىغان كارخانىچى. دۇنيادا ئىككى خىل كارخانىچى ھۆكۈمەت بىلەن دىئالوگلىشالايدۇ ۋە جەمىيەتكە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. بىرى، ھەل قىلغۇچ ئېنىرگىيە بايلىقىنى كونترول قىلىدىغان مەسىلەن، ئاسمان، زىمىن، يەر ئاستى، سۇ ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگىدارلىق ھوقۇقى بولغان كارخانىچى، يەنە بىرى زەنجىرسىمان باغلانما كەسىپ مەسىلەن، ئۇچۇر ئالاقە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە، مال ئوبوروت، ئىنتېرنېت تور بەلباغ قاتارلىق كەسىپلەرنى كونترول قىلىدىغان كارخانا ئىگىلىرى.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش