كۆرۈش: 3592|ئىنكاس: 12

قاۋۇل ساۋۇر: قۇياشقا يېقىن كىشىلەر ناملىق ناخشا توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-30 05:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
قاغىلىق قاراقۇرۇم ئۇيغۇر «تاغ پەدىسى» ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن تاجىك خەلق ناخشا- ئۇسسۇلىنىڭ پەرقى
1995- يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قاغىلىق ناھىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن چوڭ تىپتىكى بەدىئىي فىلىم «قاغىلىق ناۋاسى» تارقىتىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى قاغىلىق قارا قۇرۇم ئۇيغۇر «تاغ پەدىسى» نەغمىلىرىنىڭ شۆھرەتلىك ۋارىسى ئابلىز ئابدۇمەت ئورۇنلىغان ۋە بۇ فىلىمدىكى ئۇيغۇر- تاجىك بىرلەشمە توي مەشرىپىگە كىرگۈزۈلگەن قاغىلىق «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرىنى ئۆز پېتىچە كۆچۈرۈپ ئېلىپ، ئۇنىڭغا «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر» دېگەن نام بىلەن تاجىكچە ئۇسسۇل ئىشلىدى. بۇ نۇمۇر بېيجىڭ سەھنىسىدە ئوينالغاندىن كېيىن، گەرچە ئاھاڭلىرىنىڭ شوخ- ئويناقلىقى، تاجىك ئۇسسۇلىنىڭ ئۆزىگە خاس جەزىبىدارلىقى بىلەن پايتەخت ئاھالىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، بىراق، نامىدىنلا «قۇياشقا يېقىن» ئېگىزلىكتىكى «كىشىلەر»گە بېغىشلانغانلىقى ئايان بولغان ۋە قويۇق پامىر پۇرىقى گۈپۈلدەپ تۇرىدىغان بۇ ئۇسسۇلنىڭ «ھۆججەت»لەشتۈرۈپ موھۇر بېسىشى نەتىجىسىدە، قاراقۇرۇم ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ دۇردانىلىرىدىن بولغان قاغىلىق «تاغ پەدىسى» ناخشا- ئۇسسۇلى كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە بىردىنلا تاجىك ناخشا- ئۇسسۇلىغا ئايلىنىپ قالدى.
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى بىلەن قاغىلىق ناھىيەسى بىرلىشىپ ئىشلىگەن يەنە بىر فىلىم «قارا قۇرۇم ساداسى»دا قاغىلىق ئۇيغۇر «تاغ پەدىسى» نەغمىلىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە تاجىك خەلق ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن بولغان پەرقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن «تاغ مەشرىپى» كۆرۈنۈشىگە ياندىن بىر قەدەر مۇپەسسەل بايان بېرىلگەن، ھەتتا كۆرۈرمەنلەرنى ئۇيغۇر تاغ ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن تاجىك ناخشا- ئۇسسۇلىنى سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىش مەخسىتىدە، تاجىكلارنىڭ داڭلىق كەسپىي سەنئەتكارلىرى ئورۇنلىغان «مۇبارەك» ناملىق تاجىكچە ناخشا- ئۇسسۇلمۇ كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ فىلىم ئاران ئىككى- ئۈچ قېتىم تارقىتىلىپلا سوغۇق سارايغا تىقىۋېتىلگەنلىكتىن، بۇ ئۇرۇنۇشلىرىمىزمۇ كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزىرىدىن چەتتە قالدى.
مەن «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر» نامىدا كۆچۈرۈپ تاجىكچىلاشتۇرۇلغان قاغىلىق «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرىنىڭ ئەسلى ئوركىستېرلاشتۇرغۇچىسى، تالانتلىق كومپۇزىتۇرىمىز مەرھۇم ھېكىم ھەسەنگە بۇ ھەقتە باشقىچە پىكرىمنى بايان قىلغىنىمدا، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئىشقا سەھۋەنلىك بىلەن سۈكۈت قىلغانلىقىدىن ئۆكۈنگەن بولسىمۇ، بۇ تالاش- تارتىشنىڭ تار دائىرىدە چەكلىنىپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، مەتبۇئات ياكى باشقا ۋاستىلار ئارقىلىق ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىدىم. ئەمدىلىكتە بولسا، قاغىلىق كىشىلىرى ئارىسىدا تا ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان غۇلغۇلىغا خاتىمە بېرىش، بولۇپمۇ قاغىلىق «تاغ پەدىسى» نەغمىلىرىنى «قاغىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى» توپلىمىغا كىرگۈزۈشكە توغرا كەلگەنلىكتىن، بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلدى.
قاغىلىق ئۇيغۇر «تاغ پەدىسى» ناخشا- ئۇسسۇلىنى تاجىك ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن ئارىلاشتۇرۇۋېتىشتەك بۇ خىل ئۇقۇشماسىلىقنىڭ سەۋەبى «قاغىلىق ناۋاسى» فىلىمىدىكى «تاغ مەشرىپى» (ئۇيغۇر- تاجىك بىرلەشمە توي مەشرىپى) بولسا كېرەك. مەن بۇ فىلىمنىڭ سىنارىيەسىنى يېزىشتا، قاغىلىقنىڭ شاخاپ، غوجىئېرىق، كۆكيار، چوپان يېزىلىرىدا ياشاپ كېلىۋاتقان تاجىكلار بىلەن بۇ جايلاردىكى ئاساسىي ئاھالە بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم- يىتىم، توي- تۆكۈن، بەزمە- باراۋەتلەردە بىللە بولۇپ كەلگەنلىكى، ھەتتا، ئۆزئارا نىكاھلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭمۇ بولغانلىقىدەك تارىخىي قېرىداشلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئىككى مىللەتنىڭ بىرلەشمە توي مەشرىپى ۋە ئوغلاق تارتىشىش كۆرۈنۈشلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ كىرگۈزگەن ئىدىم. ئۇ چاغدىكى ئېڭىمدا «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر» ناملىق ئۇسسۇلغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىلگەن «ئايخان يارلار»، «ئارزىمەندە گۈل»، «مەن بارايمۇ» قاتارلىق ناخشىلار پەقەت قاغىلىق «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرىدىنلا ئىبارەت بولغاچقا، ئۇنىڭ مىللىي تەۋەلىكىنى ئويلىشىپ ئولتۇرمىغان ئىدىم. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنى ئاددىي ھالدىلا بۇ يەردىكى ئۇيغۇر، تاجىك خەلقلىرىنىڭ ئورتاق تۇرمۇش بۇيۇمى بولغان قاغىلىق چەكمىنى ۋە قاغىلىق چورۇقىدەكلا بىر نەرسە دەپ چۈشىنەتتىم. يۇقىرىدا ئېيتىلغان بەزى تالاش- تارتىشلاردىن كېيىن، قاغىلىق ئۇيغۇر «تاغ پەدىسى» ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن تاجىك ناخشا- ئۇسسۇلىنى ھەر تەرەپلىمە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلاردىكى رۇشەن مىللىي خاسلىق ۋە ئىنچىكە پەرقلەرنى بارغانسېرى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
1.         «تاغ پەدىسى» _ قاغىلىقلىقلار تۈزلەڭ يېزىلاردىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشا- ئۇسسۇلى بىلەن تاغلىق يېزىلاردىكى ئۇيغۇر خەلق ناخشا- ئۇسسۇلىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن قوللانغان نام. ئۇلار ئۇيغۇر تاغ ناخشا- ئۇسسۇلىنى «تاغ پەدىسى»، تاجىك ناخشا- ئۇسسۇلىنى «تاجىك پەدىسى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق كەسكىن پەرقلەندۈرۈپ ئاتاش، ھەتتا تاغلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ، تاجىكلار ئۈچۈنمۇ ئورتاق ئەھۋال.
2.         «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرىنى ئۆز ئىچىدىن يەنە «ئازغانسال پەدىسى»، «مومۇق پەدىسى»، «شىخپۇ پەدىسى» دەپ ئايرىپ ئاتايدىغان ئادەتمۇ بار. ھالبۇكى، «ئازغانسال»، «مومۇق»، «شىخپۇ» دېگەن جايلاردا تارىختىن بۇيان تامامەن ئۇيغۇر ئاھالىلىرى ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن.
3.         قاغىلىق تاجىكلىرى ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان خەلق ناخشىلىرى ئومۇمەن 8/7لىك تاكتتا، كۆپىنچە ئىككى مىسرالىق ۋە قىسمەن تۆت مىسرالىق تۈزۈلۈشتە كېلىدۇ. «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرى بولسا ئومۇمەن  8/5لىك، قىسمەن 8/7لىك تاكتتا، كۆپىنچە تۆت مىسرالىق، ئىككى مىسرالىق ۋە قىسمەن بىر مىسرالىق تۈزۈلۈشتە كېلىدۇ.
4.         بۇ يەردىكى تاجىك خەلق ناخشىلىرىنىڭ كۆپىنچە 8/7لىك تاكتتا كېلىشى 8/7لىك ئاھاڭلارنىڭ ھەر قاندىقى تاجىكچە بولىۋېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەركىبىدىكى خېلى كۆپلىگەن ئاھاڭلار، «گۈللە گۈزەل گۈللالە» (ئابلەت ئابدۇللا تۈزگەن «قەشقەر خەلق ناخشىلىرى» 1- كىتاب 156- بەت) قاتارلىق بەزى ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى، جۈملىدىن بىر بۆلەك قاغىلىق ئېتىز ناخشىلىرىمۇ مۇشۇ خىل تاكتتا تۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇزىكىدىكى مەلۇم بىر خىل تاكتنىڭ مەلۇم بىر مىللەت مۇزىكىسىغىلا تەۋە بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. يانى ئوركىستېرى ئورۇنلىغان مۇزىكىلاردىمۇ بۇ خىل تاكتتا تۈزۈلگەن ئەسەرلەر بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
5.         قاغىلىق «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرىدا ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىغا خاس پۇراق گۈپۈلدەپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: «ئايخان يارلار» («قاغىلىق ناۋاسى» فىلىمىدىكى «تاغ مەشرىپى»نىڭ بىرىنچى ناخشىسى) بىلەن قەشقەر خەلق ناخشىسى «گۇندىپاي 3» («قەشقەر خەلق ناخشىلىرى» 2- كىتاب 154- بەت)نى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز، بۇ ئىككى ناخشىنىڭ مىلودىك ئوخشاشلىقىدىن ھەيران قالىسىز.
6.         تاجىك ئۇسسۇلى بىلەن قاغىلىق «تاغ پەدىسى» ئۇسسۇلىنىڭ ھەرىكەت شەكلىدىمۇ رۇشەن پەرقلەر بار. گەرچە «قۇياشقا يېقىن كىشىلەر» ناملىق ئۇسسۇلدا رېتىم ھالقىغان بەزى نەپىس ئىجادىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق بۇ خىل پەرقلەر بەلگىلىك دەرىجىدە يۆگىۋېتىلگەن بولسىمۇ، خەلق ئۇسسۇلچىلىرى بۇ ئاھاڭلارغا يەنىلا ئەسلى رېتىمى بويىچە ئۇسسۇل ئوينايدۇ.  8/7لىك تاكتتىكى قول- پۇت ھەرىكىتى بىلەن 8/5لىك تاكتتىكى قول- پۇت ھەرىكىتىدە ئىنچىكە پەرقلەرنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال.
قاغىلىق قاراقۇرۇم ئۇيغۇر «تاغ پەدىسى» ناخشا- ئۇسسۇلىنىڭ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە تاجىكلارنىڭ توي- تۆكۈن، بەزمە- مەشرەپلىرى ئۈچۈن ئورتاق بولۇشى، پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە تېكىست سېلىنغان «تاغ پەدىسى» ناخشىلىرىنىڭ تاجىكلار ئارىسىدىمۇ كەڭ ئومۇملىشىشى، نەغمە  8/7لىك تاكتتىكى تاغ ناخشىلىرىغا يۆتكەلگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۇسسۇل رېتىمىنى تەبىئىي ھالدا ئۆزگەرتىپ تاجىكچىغا مايىللاشتۇرۇپ ئوينىشى، بۇ ئىككى مىللەت تاغلىقلىرىنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدىغان قىسمەن ئوخشاشلىقلارغا كەلسەك، بۇ شۈبھىسىزكى، چارۋىچىلىق ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان قارا قۇرۇم ئۇيغۇرلىرى بىلەن قارا قۇرۇم تاجىكلىرى ئارىسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش ئورتاقلىقى ۋە مەدەنىيەت ئۆتۈشىشىنىڭ مەھسۇلى. شۇڭا، بۇ ئىككى خىل ناخشا- ئۇسسۇل شەكلىدىكى يۈزەكى ئوخشاشلىقلارنى پەقەت ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي دوستلۇق ۋە مىللىي قېرىنداشلىقنىڭ يالدامىسى دېيىش كېرەك. يۇقىرىقى دەلىللەرگە ئاساسەن، قاغىلىق «تاغ پەدىسى» نەغمىلىرى «قاغىلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى» توپلىمىغا «قاغىلىق قاراقۇرۇم ئۇيغۇر <تاغ پەدىسى> نەغمىلىرى» دەپ ئېلىندى.
-قاۋۇل ساۋۇر


بۇ ماقالە (قاغىلىق غەيرى ماددى مەاەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى)  ناملىق كىتابنىڭ ماقالە قىسمىدا بىرىلگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-30 12:51  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-30 14:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىشلىرىڭىزگە كۆز تەگمىگەي.

ۋاقتى: 2014-10-30 15:21:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھازىرغىچە تاجىكلارنىڭ دەپ يۈرۈپتىمەن. بۇ ماقالە ۋاقتىدا ياخشى يېزىلىپتۇ.

ۋاقتى: 2014-10-30 15:33:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن  بۇ پەدىنى بۇرۇندىنلا  ئۇيغۇرلارنىڭ  دەپ بىلەتتىم، لىكىن  ئۇسۇلىنى  كۆرۈپ ئارسالدى  بولاتتىم،بۇ تىما  ناھايتى  ياخشى  ۋاقتىدا  ئىلان قىلنىپتۇ،ئۇستازلارنىڭ ئەجرىگە رەھمەت .مەنمۇ قاغىلىقتىن  بولغاچقا بەكمۇ  پەخىرلەندىم.

ۋاقتى: 2014-10-30 15:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق تەتقىقاتلىق تېمىلارغا خېلى كۈچ كېتىدۇ، ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر!

ۋاقتى: 2014-10-30 17:19:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز قاۋۇل ساۋۇر ئاكا بۇ  مەسىلىنى ۋاقتىدا ئايرىپ ،قاغىلىق تاغ پەدىسى ئۇسۇلىنىڭ تاجىك ئۇسۇلىدىن پەرقىنى ئايرىپ كىشىلەرنىڭ قايمۇقۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالدى .ئەجرىگە رەھمەت.دوستىمىز  مۇختارجانغىمۇ رەھمەت

ۋاقتى: 2014-10-30 19:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجتىھادىڭىز بەركەتلىك بولغاي،ئىلمى ئىزدىنىشلەرگە ئەھمىيەت بىرىلىشى كېرەك زادى،،،،،ھارماڭ!

ۋاقتى: 2014-10-31 16:18:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلمى ئىزدىنىشلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2014-10-31 21:16:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىزدىنىش بىلىمگە ئىنتىلىش، بىزنى مول بىلىم بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە  كۆپتىن _ كۆپ رەخمەت

ۋاقتى: 2014-10-31 23:12:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1995-يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنى مەن ناھىيە بازىرىدىن قايتىپ كىلىپ،چوپان يېزا ئورگاندا مەشرەپ باركەن دىگەن ئۈچۈرنى ئاڭلاپ،يېزىغا كىردىم ئۇستاز ئىتنوگىرافىيە،چۆچەك تەتقىقاتچىسى،داڭلىق مۇخبىر يېزىلىق پارتكومىنىڭ تەشۋىقات كادىرى ئۇستازىم كىرەمنىياز  بۇگۇن يېزىمىزغا شىنجاڭ ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىگىدىن ھىكىم ھەسەن قاغىلىق ناۋاسى بەدئىي فىلىمنىغا تەييارلىق قىلغىلى كەلدى دەپ يۇرتداشلارغا قىسقىچە تونۇشتۇردى،يېزىلىق رادىيو پونكىتىنىڭ سونىي ماركلىق ئۇنئالغۇسىدا يۇرتىمىزدىكى قاراقۇۇرم تاغ تىزمىسى ئارىىسدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئورۇنلىشىدا مەشرەپ باشلاندى،كىيىن بۇ ناخشا كۈرەش رەجەپنىڭ تاجىكچە ئۇسسۇل ئىشلىشى بىلەن سەھنىلەردە پەيدا بولدى.كىيىن شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ئىشلىگەن بىر قىتىمىلق سەنئەت گۇلزارى پىروگىراممىدا مەرھۇم ھىكىم ھەسەن بۇ ناخشىنى قاغىلىق ناھىيە بازىرىدىن 70 نەچچە كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بىر تاغلىق يېزىدا ئىشلىگەنلىكنى قەيىت قىلدى،2002-يىلى نەشپۇتلەر مەي باغلاپ پىشقان ئالتۇن كۈزدە كۈرەش كۈسەن،تىلىمان قادىر بىلەن يېزىمىزغا تۇرمۇش ئۆگىنىش ئۈچۈن كەلدى،مەن مەدەنىيەت-تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلەۋاتقان بولغاچقا شائېر يېزا باشلىقى توختى ھوشۇرنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تويغا ئۇقتۇرۇش تارقتىپ،كەنىت پارتيىە ياچېيكا شۇجىلرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك يەرلىك سەنئەتكارلارنى ئىلىپ تويغا كىلىشىگە بۇيرۇق چۇشۇردۇم.يۇرتىمىزدىكى ناھىيەلىك ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىگىدە ئىشلەيدىغان ئارتىسىنىڭ تويىغا بىز بىر قانچە كىشىنى يىغدۇق،مەن ئۇلارغا مەسئۇل بولۇپ،باغىنىڭ بىر بۇرجۇگىدە تۇردۇم،باغقا سورۇن تۇزۇلۇپ،مىھمانلار ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن يۇرتىمىزدىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدە خىزمەت قىلىدىغان تۇرابا مەرۇپ،مىھنلارنى يۇمۇرۇستۇك تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن مەشرەپ باشلاندى.يەرلىك پىشقەدەم سازا ندىلەر ياشنىپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ،ئىچىلالمىدى،كۈرەش رەجەپ بۇ پاسىپ ۋەزنىيەتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن،يىنىدىن 100 يۈەن پۇلىنى چىقىرىپ،تارئاغزى كەنتىدىكى ئۆمەر ئىسكەندەرنىڭ قىستۇرۇپ كىيىۋالغان قاپقارا تەلپىكىنىڭ قىتىغا قىستۇرۇپ قويدى،بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىزىپ ناۋا قاراقۇرم تاغ باغرىدا ياڭرىدى،كۈرەش ئەپەندىمۇ ئۇسسۇل ئوينىدى،ىئشلىگەن ئۇسسۇلىغا قانداق ئىنكاس بولدى ماڭا قاراڭغۇ،ئۇستاز قاۋۇل ساۋۇرىنىڭ بۇ مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرغىنىغا تەشەككۇر .................  

ۋاقتى: 2014-11-16 23:01:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
من چۈشۈنۈلمەيلا قلدىمغۇ

ۋاقتى: 2014-11-16 23:56:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمو ئاتۇش پەدىسىگە رەيھان ئابلىز ھەدىمىزدەكلا ئوينايمەن ، ئۇيغۇر تىلىنى شۇنچىلىك راۋان سۆزلەيمەن ،ھەتتا ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىجادىيەت قىلىپ كەلگەن بولساممو يەنىلا مەن تاجىك ،تومرۇمدىكى ئۆركەچلەپ ئېقىۋاتقان قان يەنىلا تاجىكنىڭ قېنى. تاجىكلار قەدىمدىن تارتىپ ئۆز مىللىتىنى، ئۆز زىمىنىنى ،ئۆز ئۆرۇپ ئادىتىنى جېنى دەپ بىلىپ كەلگەن مىللەت ئوشۇق گەپ ئېشەككە يۇك  .

سېنىڭ دوپپاڭنى مەن كېيسەم ،
ساڭا ئوخشامدىمەن يارىم.
ئۆزۇمنىڭ بۆكنى كېيىپ ،
ئۆزۇم بولمامدىمەن يارىم.

بولسا ئۆز مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلغان ئاساستا باشقا مىللەتنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى قوبۇل قىلساق ، ھە دېسىلا باشقىلارنىڭ بايلىقىنى مېنىڭ دېۋالمىساق .

ۋاقتى: 2014-11-17 00:25:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمو نۇرغۇن سەۋەپلە تۇپەيلى ئۆز تىلىمنى بىلمەيمەن ، دۇنيادا ئۆز تىلىنى بىلمەسلىكتىنمو بىچارىچىلىق يوقتو ، مېنىڭمو ئۆز تىلىم ،ئۆز يېزىقىم ،مىلىتىمغا ۋەكىللىك قىلالغىدەك بىرەر ژۇرنىلىم بولغان بولسا ئۆزەمنىڭ مىراسلىرىغا ئۆزەم ئېگە  بولغان بولاتتىم ،ھازىرچە ئامال يوق جاھان تەرەققى قىلغان سېرى بېلىق كىتقا يەم بولىدىغان گەپ ،نىمە دېگىڭىز كەلسەشۇناق دەڭ،نىمە يازغۇڭىز كەلسە شۇنداق يېزىڭ .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش