يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1373|ئىنكاس: 5

پارىس لېرىكىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
پارىس لېرىكىلىرى

سېرگىي يېسنىن (رۇسىيە)

1

سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم،
مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىم ئۈچۈن.
سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،
ئايدىڭدا بۇغدايلار ياسايدۇ دۇلقۇن.
سەكىنە،سەكىنە مېنىڭ ئامرىقىم.


مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىم ئۈچۈن.
سۆزلەيمەن ئاندا ئاي يۈز ھەسسە نۇرلۇق.
ھەر قانچە چىرايلىق بولسىمۇ شىراز،
ئاندا كەڭ دالاغا تەڭداش گۈزەل يوق.
مەن ئاشۇ شىمالدىن كەلگىنىم ئۈچۈن.

سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،
ئۆستۈرگەن چېچىمنى قارا بۇغدايلىق.
ئوينىسا بارمىقىڭ بۈدرە چېچىمدا،
سەزمەيمەن ھېچقاچان زەررىچەئاغرىق
سۆزلەيمەن ئۇندىكى كەڭرى ئېتىزنى،

ئۇ يەردە ئايدىڭدا دۇلقۇنلار بۇغداي،
ئوخشايدۇ بۇ دۇلقۇن بۈدرە چېچىمغا.
خۇشاللان،كۈل خەندان،قەدىردان جانان،
ۋە لېكىن سالمىغىن ھەرگىز ئېسىمگە-
ئۇ يەردە -ئايدىڭدا دۇلقۇنلار بۇغداي،

سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم،
شۇ يىراق شىمالدا يەنە بىر قىز بار.
ساڭا بەك ئوخشايدۇ ئۇمۇ ئېھتىمال-
مېنى ياد ئەتكەندۇ  بولۇپ ئىنتىىزار،
سەكىنە،سەكىنە مىنىڭ ئامرىقىم،

2

فوسفور بوغۇزىغا بارمىدىم پەقەت،
سورىما مېنىڭدىن ئۇيەر ھەققىدە.
كۆزلىرىڭ دېڭىزنىڭ دۇلقۇنى سۈپەت،
كۆرىمەن چاقنايدۇ كۈك ئوت رەڭگىدە.

بارمىدىم باغداتقا سودىگەرلەر بىلەن،
تاۋار،زىبۇ-زىننەت ئاپارغىنىم يوق.
نازۇك بەللىرىڭنى ئەگسەڭ ئىدىڭسەن،
يۆلىنىپ تىزىڭغا چىقارسام ھاردۇق.

ھەر قانچە يېلىنىپ-يالۋۇرغان بىلەن،
يەنىلا رايىمغا باقمىدىڭ ھازىر.
شۇ يىراق دۆلەتتە-رۇسىيىدە مەن،
بىلەمسەن نامىم بار،ئۇنتۇلغان شائىر.

ياڭرايدۇ قەلبىمدە گارمۇن ئاۋازى
ئاڭلايمەن ئايدىڭدا ئىت ھۇۋلىشىنى.
پارس قىز،ئىختىيار قىلمامسەن زادى،
شۇ يىراق ئەللەر بىلەن تۇنۇش بولۇشنى؟

كەلمىدىم زېرىكىپ بۇ يەرگە بىراق،
چىللىدىڭ،ئىزىڭنى يۇشۇرۇپ جانان.
گەرئاچسا مامۇقتەك جۈپ قۇلۇڭ قۇچاق،
سېزىمەن ئاققۇنىڭ قانىتىسىمان.

ئەزەلدىن كەلدىم تېنچ ھاياتنى ئىزدەپ،
ئۆتمۈشنى سۆكمەيمەن ئالغۇم يوق ئەسكە.
سەن بەرگىن مەنىلىك ئىشلارنى سۆزلەپ،
سۆزلىگىن شاد ئېلىڭ ھەققىدە قىسسە.

ھەيدەلسۇن شۇ مۇڭلۇق كۈيلەر دىلىمدىن،
ساپ تىنىقلىرىڭدا روھىم مەس بولۇپ.
شىماللىق ئاشۇ قىز چىقسۇن ئېسىمدىن،
ئۇ ئۈچۈن رىيازەت چەكمەي ئاھ ئۇرۇپ.

فوسفور بوغۇزىغا بارمىدىم ئەمما-
سەن ئۈچۈن تەسۋىرلەپ بىرىمەن ئۇنى.
كۆزلىرىڭ دېڭىزنىڭ دولقۇنى گويا،
چاقنايدۇ كۈك رەڭلىك ئوت يالقۇنى.
3
خۇراسان شەھىرىدە بىر ئۆي بار مۇنداق،
ئىشىكى ئالدىدا قىزىل گۈل سانجاق.
تۇرىدۇ بۇ جايدا ئويچان پەرىزات،
خۇراسان شەھىرىدە بىر ئۆي بار شۇنداق،
بۇ يەرگە كىرەلمەي قالدىم مەن بىراق.

قۇدرىتىم يەتمىگەن ئۈچۈن ئەمەس،ياق،
ئالتۇندەك تاۋلانغان چاچلىرىمغا باق.
كېلىدۇ پەرىزات ئۈنى ھەرياندىن،
قۇدرىتىم يەتمىگەن ئۈچۈن ئەمەس،ياق،
بۇ يەرگە كىرەلمەي قالدىم مەن بىراق.

سۆيگۈ قەيسەرلىكىم تاپمىدى روناق،
نە ھاجەت،كىم سالغاي ئىشقىمغا قۇلاق؟
سەكىنە كۈندەشلىك قىلمايدۇ ئەمدى،
بۇ يەرگە كىرەلمەي قالدىم مەن بىراق.
سۆيگۈ قەيسەرلىكىم تاپمىدى روناق.

قايتىمەن روسىيە،ئەي قەدىم تۇپراق،
ئايرىلىپ پارىستىن،تاشلايمەن ئاياق.
يۇرتۇمنى مەجنونچەسۆيگەچكە،بىزنى-
قايتىمەن روسىيە،ئەي قەدىم تۇپراق.

خەير-خوش پەرىزات ،خوش بول ئامان-ساق،
ئۆيۈڭگەكىرەلمەي قالدىم مەن بىراق.
شۇندىمۇ ئاتىدىڭ گۈزەل قايغۇنى،
ئېلىمدا شەنىڭگە ئۇقۇيمەن قۇشاق،
خەير-خوش پەرىزات ،خوش بول ئامان-ساق.
4
پىردەۋس ياشىغان زۇمرەتتەك ماكان،
ئەسلەشتە كەچمىشنى بولغىن سۇغۇققان.
ئۇنتۇلسۇن مۇلايىم نازاكەتلىك دوست،
ھەم ئۇنىڭ پاك،ئويچان نىگاھى ھامان.
پىردەۋس ياشىغان زۇمرەتتەك ماكان.

ئەي پارىس،سەن ئىگە گۈزەل سىياققا،
گۈللىرىڭ ئوخشايدۇ يانغان چىراغقا.
ساپ،نازۇك گۈلۈڭگە باقسام خيالىم-
ئۇچىدۇ شۇ يىراق ئانا تۇپراققا.
ئەي پارىس،سەن ئىگە گۈزەل سىياققا.

پۇرايمەن گۈلۈڭنى ئەڭ ئاخىرقى رەت،
ئۆيۈمدە پىۋىدىن مەست بولغان سۈپەت.
قەدىردان سەكىنە ،ئۈنۈڭنى بۈگۈن،
ئاڭلايمەن ئاداققى بىر قىتىم پەقەت.
بۇ ئېغىر ھېجرانغا كەلدى پەيت-نۆۋەت.

مەن سېنى قانداقچە ئۇنتۇپ كېتىمەن،
تۇراقسىز-داۋالغۇپ تۇرغان ھاياتتا.
دوست-ياران يېقىنغا ۋە ياكى ياتقا،
ھەرتۈرلۈك ھالىڭنى سۆزلەپ ئۆتىمەن،
مەن سېنى تا ئەبەد ئەستە تۇتىمەن.

ئىقبال-تەقدىڭدىن يىمەيمەن ۋايىم،
جۇدۇنغا تاقابىل تۇرسۇن دەپ سېنى.
قالدۇردۇم روسلارنىڭ بىرناخشىسىنى،
ياڭرايدۇ ناخشىدا ئەكس سادايىم….
5

<نىمىشقا ئاي غۇۋا ،نۇر زىياسىدا
يورۇماس خۇراسان بېغى،قەسىرسى؟
سەيلە قىپ يۈرگەندەك روس دالاسىدا،
ئۈستۈمدە شىلدىرلار تۇمان پەردىسى.؟>>

ئارچىلار چۈككەندە سۈكۈتكە كەچتە،
سورىدىم بۇ ھالنى قەدىردان لالە؛
ئارچىلار دىمەستىن لام-جىم بۇ ھەقتە،
تۇرۇشتى بوي سوزۇپ ئاسمان پەلەككە.

<<نېمىشقا ئاي مۇنچە ھەسرەتلىك -مۇڭلۇق؟>>
دەپ گۈلدىن سورىدىم دەرەخزارئارا.
دېدى ئۇ:<< قىزىلگۈل قايغۇسى تۇلۇق_
سۆزلەيدۇ بۇ ئىشنىڭ تەكتىنى ساڭا.>>

توزىغان قىزىل گۈل چۈشمەكتەيەرگە،
ئۇ ماڭا پەس ئۈندە ئەيلىدى ئىزھار؛
<<سەكىنەڭ كۆڭلىنى بەردى ئۆزگىگە،
سەكىنەڭ ئۆزىگە تاپتى باشقا يار>>

سەكىنە دەپتۇدەك:<<بۇ روسنى بۆلەك-
كۆرمەيمەن..ناخشىغا مۇھتاجدۇر يۈرەك
ناخشىغا ھايات ھەم تەن-بەدەن كېرەك..>>
شۇڭلاشقا ئاي غۇۋا،نۇرسىز ۋە ئاپئاق،
نۇرىدا يوق قۇۋەت-كۈچتىن ئىز-دېرەك.

جۇدالىق دەردىنى تارتتىم تالاي رەت،
بۇندا بار كۆز يېشى ،بۇندا بارھەسرەت.
پەرۋاسىز بەزىسى،كۈتەر بەزىسى.
ۋە لېكىن ئالەمنىڭ زەڭگەر كېچىسى
يەنىلا مىسلىسىز گۈزەل تا ئەبەت.



ۋاقتى: 2012-3-28 13:10:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پارىس لىرىكىسى بەكمۇ لىرىك يىزىلغان شېئىې بولغاچقا ھەر ئوقۇسام، يەنە ئوقۇغۇم كېلىدۇ. بۇ شېئىرنىڭ تەرجىمە نۇسخىسى ئۈچ-تۆت خىل ئوخشىمامدۇ؟ مەن دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ  1980- يىلدىن كىيىنكى ئىككى سان ژورنالدا ئوقۇغان ئىدىم. پەرىق باركەن. ئەمما تەرجىمانلىرىمىزمۇ بەك يېقىشلىق تەرجىمە قىلىپتۇ. ئەجرىگە رەھمەت.

ۋاقتى: 2012-4-1 11:17:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىسى مەن ئامراق لىرىكىلار ئىكەن ،ئەمگىكىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2012-4-2 01:07:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  «پارىس لىرىكىلىرى » نى ئوقۇسام لىرىك شائىر مەرھۇم ئارىسلاننىڭ شئېىرلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن.ئارىسلاننىڭ «ياشلىق يۇلتۇزلىرى » ناملىق شئېىرلار  توپلىمىدىكى لىرىكىلار  ناھايىتى يېقىملىق...
      يۇقۇرقىدەك سۈزۈك لىرىكىلار ئۆلمەس شئېىرلاردۇر.ھازىرقى بىر قىسىملارنىڭ شئېىرنى مۇجىمەللىكە ئايلاندۇرىشى
   شئېىرنىڭ سەنئەتلىك خۇسۇسىيىتىنى نابۇت قىلىشى سۈزۈك شئېىرلارنىڭ قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ.

ۋاقتى: 2012-4-9 04:20:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ لىرىكىلار ئۇقۇغان كىشىگە بىر ھۇزۇرلۇق تۇيغۇ ئاتا قىلىدىكەن!

ۋاقتى: 2012-4-9 12:24:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىر ماڭا شۇ قەدەر ئېسىل تۇيغۇلارنى بەخش ئەتكەن ئىدى... شۇندىن بۇيان سەكىنە دېگەن بىر ئىسىم ئېڭىمدا يارقىنلاپ تۇرىدۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش