تۈگىمەيدۇ بىر ئۆينىڭ غېمى
ئەخەت ئىسمائىل تەركى
يىلتىزى بار ھەربىر گىياھنىڭ،
سۇ بەرمىسەڭ ئاينىمايدۇ ئۇ.
قازىنى بار بىر ئۆي دېگەننىڭ،
قاش ئاتقانغا قاينىمايدۇ ئۇ.
قالۇغىدەك كۆمۈرۈڭ بولسىمۇ،
ئەسقاتىدۇ ئوتۇن يېرىپ قوي.
يەتمىسىمۇ قولۇڭ شاخلارغا،
غولۇچىڭنى پات-پات كېرىپ قوي.
ئېغىر شۇنچە تۇرمۇشنىڭ يۈكى،
ئېزىلگەنگە ئىشىڭ ئاينىماس.
ئەركەك دېگەن ئۆينىڭ تۈۋرىگى،
چىرىگەنگە دىيەك پايلىماس.
توققۇزۇم تەل دېمە كۆرەڭلەپ،
تۈگىمەيدۇ بىر ئۆينىڭ غېمى.
تاپقىنىڭنى تېجەپ تۇتمىساڭ،
تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ تېمى.
بورتالا گېزىتى ‹‹سايرام›› ئەدەبىي بېتى2014.17-ئۆتەبىر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-28 19:57
|