بىر ۋىسال پەيتى بولارمۇ
سائادەت ساتتار ئايتۇغ
بىر ۋىسال پەيتى بولارمۇ خارۇ-زار يۈرگەن ئۈچۈن؟،
قاپقارا ھېجران دېمى بۇندا قاپاق تۈرگەن ئۈچۈن؟
باغرى چاك-چاك يېرىلىپ ئاھ،تۇرسىمۇ زەرداپ ئېقىپ،
قۇپقۇرۇق دەريا تىگىدىن زەر- گۆھەر سۈزگەن ئۈچۈن؟
بوپ يۈرەكلەرگە ھامان ئارزۇ- ئۈمىدلەر شام- چىراغ،
كۆز يېشى قىرغاقلىرىغا توختىماي ئۈزگەن ئۈچۈن؟
يۈز ئۆرۈپ كەتسۇنكى نە بارچە خۇشاللىق، بەرىبىر،
دىلدا ئىستەك شادىدىن مەشرەپ- ساما تۈزگەن ئۈچۈن؟...
نە ئۈمىد ئۈزگەي ۋىسالدىن تۇرسا يار دىلدا ھامان،
چىن ئەقىدە ھەم ۋاپانى كۆزىگە سۈرگەن ئۈچۈن.
ئېيىت سائادەت، يار كېلۇرلەر بۇ نەزم ئەييامىدا،
ئىشق تۇمارىنى ئۇنىڭكى باشىدىن ھۈرگەن ئۈچۈن.
2014-10-25
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 11:51