يازغۇچىلار مۇنبىرى مىنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقۇمنى قوغداشقا ياردەم قىلالايدىغان قانۇنلۇق ئاپراتمۇ ؟
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم يازغۇچىلار مۇنبىرىنى باشقۇرۇپ قىلۋاتقان ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ياخشىمۇ سىلەر ؟
ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن .
كەمىنە ھەسەنجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالاملار بولسۇن،
گەپنى نەدىن باشلاشنى بىلمەي قالدىم شۇنداق بولسىمۇ ئېغىر كۆرمەي بۇ تېمامنى چىقىرىپ بىرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. .
يازغۇچىلار مۇنىردىكى بىر قانچە تونۇش دوستلىرىم بىلىدۇ . مەن بىر يىلدىن بۇيان ئىزچىل ناخشا تېكىستى يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتىمەن . ھەم يازغانلىرىم گەرىچە ئاز بولسىمۇ دوستلىرىمنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن يزاغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللاپ كىلۋاتىمەن . بۇ مۇنبەرگە يوللاشتىكى مەقسىتىممۇ يازغۇچىلار مۇنبىرىنى باشقا بىكەتكە قارىغاندا نوپۇزلۇق تور بىكەت دەپ قارىغىنىمدا ئىدى .ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ تېكىسىتلىرىنى كومپىزىتۇرلار كۆرسە مەندىن رۇخسەت ئىلىپ مۇچىكا ئىشلەپ باقسا دەپ ئويلىغان ئىدىم .
لېكىن بۈگۈن ئويلىمىغان بىر ئىش بولدى . ئۇدۇن تورىنى ئاچسام يېڭى ناخشىلار تېزىملىكىدە « چۈشىنەرسەنمۇ » دىگەن بىر ناخشىنى ئۇچرىتىپ قالدىم . شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈمنىڭ ئىلگىرى شۇ تېمىدا بىر پارچە تېكىسىت يازغىنىم ئېسىمگە كىلىپ ناخشىنى قويسام دەل مىنىڭ تېكىستىم ئىكەن .
http://www.mp3uy.com/play_user_music.asp?id=89912
بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى ئىلگىرى مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللىغان
forum.php?mod=viewthread&tid=14564
ئەمدى نەق گەپكە كەلسەم ، مەن ھازىر رۇخستىمسىز تېكستىمنى ئىشلىتىۋالغان بۇ ناخشىچىنى ئىزدەۋاتىمەن . ئەگەر ناخشىچىنى تېپىپ قالسام تېكىسىتنىڭ ئاپتورلۇق ھوقۇقىنىڭ مىنىڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرۋالسا ، مەن ئەرىز قىلىپ قالسام يازغۇچىلار مۇنبىرى ماڭا گۇۋاھچى بولۇپ بىرەرمۇ ؟
ئېغىر كۆرمەي مۇشۇ ھەقتە پىكىر تەكلىپىڭلارنى بەرگەن بولساڭلار ؟ سىلەردىن مىننەتتار بولغان بولاتتىم .