يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8742|ئىنكاس: 13

«ئانا يۇرت » رومانىدىن ھېكمەتلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-24 00:09:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
« ئانا يۇرت » رۇمانىدىن ھېكمەتلەر

ھەممە ئىش ئانىنىڭ.  ئۆي ئىشىمۇ، ئېتىز ئىشىمۇ ئانىنىڭ.ئانىلار يىغلاشقا، ئەجىلىدىن بورۇن ئۆلۈپ كېتىشكە يارالغان. ئەرلەر، كۈلۈشكە، بەخىرامان ئويناشقىلا يارالغان.
                                            39- بەت.
تەبىئەت تىلسىز،لېكىن ئۇ ھەممىنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرالايدۇ.
                                             61- بەت.
بالىلار كۈلكىسى ئاڭلانغان جاي ئەڭ گۈزەل. بالىلار شاتلىقى ھايات شاتلىقى، بالىلار بەختى ئىنسان ئارزۇسى...   
                                            113 بەت.
مۇھەببەتنىڭ كۈچى ھەممىدىن يامان، ئۇ ئادەمنى ئەقىلدىن، ئىرادىدىن، ھەتتا بىر ئۆمۈرلۈك ئىستىقبالدىن مەھرۇم قىلالايدۇ.
                                              120 بەت.
سانسىزلىغان ئادەملەر بۇ دۇنياغا يىغا بىلەن كۆز ئاچىدۇ، دەرت-ئەلەم، ئازاپ-ئۇقۇبەت  بىلەن ياشاپ  ئۇ دۇنياغا كېتىدۇ.
                                            152. بەت.
   مۇقام بىر ئۇلۇغ روھنىڭ چىللىغۇچىسى، بىر گۈزەل تۇيغۇنىڭ ئويغاتقۇچىسى، بىر گۈزەل كىلىچەكنىڭ بىشارىتى...
                                               169 بەت.
نەپرەتنىڭ ئۆزى كۈچ،غەزەپنىڭ ئۆزى قۇرال.
                                             188- بەت.
ئوقۇغۇچىلىق ھايات ئۈمىد، خۇشاللىق ۋە ئىشەنچ بىلەن تولغان.ئۇ ھايات پۈتۈن ئۆمۈر مۇساپىسىنىڭ ھېسيات ۋە ئۈمىدكە باي گۈرەل بابى.لېكىن بۇ مۇساپىنى بېسىۋاتقانلار بۇنى ھېس قىلالمايدۇ.
                                               245- بەت.
دېھقانلارنىڭ قۇلىدىن كەتمىننى تارتىۋالمىسىلا،  ئۇلار خۇشال يۈرىۋېردۇ.كەتمەن ئۇلارنىڭ خۇشاللىقى،بايلىقى،غۇرۇرى...شۇڭا ئۇلارنىڭ ناخشىسى يىغىسىدىن تۇلا،كۈلكىسى خاپىلىقتىن تۇلا...
                                                 265- بەت.
ھايات ئەنە شۇنداق ھەم مۇرەككەپ،ھەم ئاددىي نەرسە.چۈشەنمىسەڭ ھېسياتقا بىرلىسەن،چۈشەنسەڭ ،يول تاپالىساڭ ئاددى نەرسە.
                                           282- بەت.
ھايات شۇنداق: خۇشاللىق،خاپىلىق،ئامەت،پاجىئە،رەسۋاچىلىق،مەرتلىك بىر – بىرىنى قوغلىشىپ يۈرىدىغان بۇ چوڭ زېمىن نى-نى شادىمان كۈنلەرنى كۆككە ئۇچۇرۇۋەتكىنىگە ئوخشاش،پاجىئە ۋە ئار-نۇمۇسلۇق چاغلارنىمۇ يۇتۇۋېتەلەيدۇ.
                                             315- بەت.
  تۇرمۇش ئادەملەرنى سىنايدىغان بىر مەيدان،تۇمۇرلىرىدا ساپ قان ئاققان ئادەم ھەقىقىي پاكلىقنى قۇبۇل قىلالايدۇ.ھەقىقەت ئادەمنى بەزىدە قەھرىمان قىلىۋېتىدۇ،بەزىدە بىچارە قىلىپ قۇيىدۇ.لىكىن ئۇ ئادەمنى ھەرگىز رەسۋا قىلىۋەتمەيدۇ!
                                       317- بەت.

ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ،ئۆز تارىخىنى ئۆزى يارتىدۇ.ياكى ئۆلمەس،  ئەرزىمەس، تارىخى بىلەن خاتىرە قالدۇرغانلار مىلىيارت، مىلىيارت.لېكىن ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئىز- دىرەكسىز.بىرلىرى ھايات چېغىدا كىشىلەرگە تاغ بۇلۇپ كۆرنىدۇ، لىكىن ۋاپات بولغاندىن كېيىن چالمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بەزىللىرىچۇ، لېكىن ئۆلگەندىن كېيىن يىللار ، ئەسىرلەر ئۇنى تاغقا، ھەتتا قارساڭ بۆكۈڭ چۈشكىدەك بۈيۈك تاققا ئايلاندۇرۇپ قۇيىدۇ.
                                 343- بەت
  ھايات شۇنداق ،ساپلىق بىلەن ساختىلىق خۇددى كېپەك ئالتۇن بىلەن قۇمدەك بىر-بىرىگەبى-بىرىگە ئارلىشىپ كەتكەن.ساڭا بىرى لازىم بولسا يەنە بىرىمۇ بىللە قولۇڭغا چىقىدۇ.قاسساپ پاكىز قۇلىدىكى پىچاق بىلەن تىرىك جاننىڭ جېنىنى ئالىدۇ،شىرىن مېۋىلىك دەرەخ نىجاسەتنى ئوزۇق قىلىدۇ...
                                          354 بەت.
خۇدا بۇ دۇنيانى بەندىلىرى ئۈچۈن نېمەت قىلىپ ياراتقان. خۇدا گۇناھكار بەندىلىرىنى چىن كۆڭلىدىن تۇۋا قىلسىلا ھەرقانچە گۇناھى بولسىمۇ كەچۈرىدىغۇ!...
                                              376- بەت.
ياشىماق، ياشاتماق، كەچۈرمەك، كەچۈرۈلمەك  ئىسلامنىڭ  ئۇلۇغ پەلسەپىسى. ياشا ، لېكىن باشقىلارنىڭ ياخشى كۈن كۆرۈشىنىمۇ ئويلا ، قوللا. قولۇڭدىن كەلسىلا ياخشىلىق قىل. كەچۈر ھەم كەچۈرۈل. كەچۈرۈش كەچۈرلۈشنىڭ بېشى.  كەچۈرگۈچىنى باشقىلارمۇ كەچۈرەلەيدۇ.  بۇ بىر ئىسىل پەزىلەت.
                                         377- بەت.

گۇگۇم ئۇلۇغ قۇياشنىڭ جۇدالىق بەلگىسى، تۈن ھۆكمىرانلىقنىڭ ئەلچىسى. ئۇ ساڭا غەپلەت، جۇدالىق، لەززەت سۇۋغا قىلىدۇ.  مۇشۇ گۇگۇمنىڭ يادنامىسىنى باغرىڭغا بېسىپ،كىلىچەكىڭ توغرىسىدا شىرىن چۈش كۈرسەن. چۈشۈڭدە مەڭگۈ ئىرىشەلمەيدىغان شان –شەرەپ چۇقۇسىغا چىقالايسەن.  يەنە بەزىدە تىك چوقىدىن سالغا تېشىدەك يېراقلارغا ئۇچىسەن...
گۇگۇم بىلەن ھاياتىڭنىڭ بىر بېتى ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر بەت-سۈبھى ئۈچۈن زېمىن تەييارلىنىدۇ. يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇقتىن تۇغۇلىدۇ، گويا سەن ئاناڭنىڭ قاراڭغۇ قورسىقىدىن يۇرۇق دۇنياغا كۆز ئاچقاندەك.شۇڭا گۇگۇممۇ خاسىيەتلىك،ئۇنى ھەرگىز قارغىما،...بولۇپمۇ گۇگۇم ۋاقتىدا...
                                           445- بەت
ھەي ئىنسان ،ھاياتقا سەمىمىي مۇئامىلە قىلساڭلا ھەممە يەردە خۇشاللىق تاپالايسەن،غەم-غۇسسە يالقۇنلىرى ئىچىدىمۇ كۈلۈلەيسەن،يەنە شۇنداقلا تاغدەك لەززەتنى ئۆز زىممەڭ ئادا قىلىدىغان ئىش ئۈچۈن چۆرۈپ تاشلاپ،غەم قايغۇ ئىچىگە شۇڭغۇيالايسەن.سەمىمىي ئادەملەر ھېچنىمە ئىزدىمەيدۇ .بەخىتىمۇ،بالايىئاپەتمۇ  ئۇنى ئەگىشىپ يۇرىدۇ. قايسىسى  چاققان بولسا ئىنسان شۇنىڭ ئەسىرى...
                                                466- بەت.
   ھەممىگىلا ئىرشىپ قەلبىدە نازۇك خاتىرلەردىن ئىزنا قالمىغان ئادەملەر باشقىلارنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ.
                                                 497- بەت.
ھايات رەھىمسىز،رېئاللىق بىر خىل تەلۋە كۈچ، ئۇنىڭ باش ئەگدۈرش كۈچى تۇلىمۇ يۇقىرى،قورقۇنچلۇق. رېئاللىق ھامان ئىنسان خاھىشىنى مەنسىتمەيدۇ، خارلىيالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاياتنىڭ مۇھەببەت بابىدا ئەقىلدىن ئازمايدىغان ئادەملەر كەم بۇلىدۇ. ھېسيات سېنى يۈزسىزلىككە قىستىغاندا سەن ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالىسەن.پۇشايمان دېگەن ئاتالما شۇنىڭ ئۈچۈن پەيدە بولغان-دە!
                                          505- بەت.
ۋەھشىىيلىك جەمىئىيەتتە،گۈزەللىك تەبىئەتتە، ئىنسان قالتىس نەرسىلەرنى ئىجاد قىلىش جەريانىدا ئۆمرىنى قىسقارتىدىكەن.تىز ماڭىمەن دەپ ماشىنا ئىجاد قىلىۋاتقان،نەيزىنى ياراتماي مىلتىق ياساۋاتقان،پايدا قۇغلىشىپ،بىر- بىرنى ئۆلتۈرىۋاتقان،نىمىشقا مۇنۇ قۇشلاردەك،تۇشقانلاردەك تەبىئەتنىڭ بەرگىنىگە شۈكىرى قىلىپ،جىم ياشىمايدۇ؟!
                                              570- بەت.
  سۈيۈملۈك بالىلىرىغا  بەخىت ئىزدەش دۇنيادىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇچى.ئۇلار شۇ بۇرۇچنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھاياتنىڭ مۈشكۈل يۇلىنى تاللىۋالغان.
                                         582- بەت.
خەلق تەشنالىقىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان نەچچە مىڭ ئوغلانى بار بىر مىللەتنىڭ گەلگۈسى پارلاق.
                                          619- بەت.
گۇناھكار ئىنسانغا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن دائىم سۆز تېپىلىدۇ.
                                          620- بەت.
بەخىتنىڭ مەنبەسى قەلب،بىر-بىرىنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرىدىغان جانلار بىر ئۆيگە جەم بولسا، ئۇ ئۆيدە بەخىت دەريا بۇلۇپ ئاقىدۇ.تەمەلىرى ھەرخىل ،بىر-بىرىنى شۇتا قىلىش كۇيدىكى ئادەملەر بىر ئۆيگە جەم بولسا،ئۇ ئۆيدە بەخىت تامچىسىمۇ بولمايدۇ،بالايىئاپەت كەلكۈن بۇلۇپ ئاقىدۇ.
634-  بەت.
بىر مىللەتنىڭ دۈشمىنى يەنە بىر مىللەت ئەمەس.شۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئەزگۈچىلەر بىلەن ئۆز مىللىتىنىڭ ئىچىدىكى ئەزگۈچىلەر بىر ئائىلە،ئىزىلگۈچىلەر بىر ئائىلە.
                                         802- بەت.
ئىنسان ئۈچۈن ئەركىنلىك ئەڭ چوڭ بەخىت.تۇرمىدىكى ھايات ئىنسانغا بۇ ئەركىنلىكنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى تۇلىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ.
                                        813- بەت.
خائىنلار قاچىدۇ،ئوق تەگسە دۈم ياتىدۇ.باتۇرلار ئالدىغا ماڭىدۇ،ئوق تەگسە ئوڭدا ياتىدۇ.
                                   884- بەت.
دېھقان دىگەن ئاسراشنى كەسىپ قىلغان.زىرائەت،ئورمان،چارۋا،ئۆي بىسات ھەممىسىنى كۆز قارچىقۇدەك ئاسراپ قوغداش،ئۇنىڭ بۇرچى.شۇڭا ئۇلار رەھىمدىل،مىھرى-شەپقەتتىن لەززەتلىنىدىغان خەلق.مانا بۇ ئۇلارنىڭ خۇسۇسىيتى ھەم ئاجىزلىقى.
                                           928- بەت.
بايرام بولغان كۇچىلاردىن تاۋۇت كۆتەرگەن ھازىدارلار ئۆتىدۇ.بۇ ھاياتنىڭ قانۇنىيتى.
                                         961- بەت.
ئۇرۇش رەھىسىز،ئوقنىڭ كۈزى توق،دۈشمەن ساڭا ئۈلۈمدىن باشقىنى تىلىمەيدۇ.
                                          967- بەت.
ئاددى پۇقرالار خۇشال بولغان چاغلىرىدا ،ھامان ئارمانغا يېتەلمىگەن  يېقىنلىرىنى  يادلاشقا ئادەتلەنگەن.لېكىن كاتتىلار ئۇنداق ئەمەس،ئۇلار ئارمانغا يەتكەن چېغىدا چوڭ ئارمان ئۈستىدە ئويلايدۇ.كۆمۈش تەخىتكە ئولتۇرغانلار ئالتۇن تەخىتنى .مىڭ ئەسكەرگە باش بولغانلار يۈز مىڭ ئەسكەرگە باش بولۇشنى ئويلايدۇ.ئۇلارنىڭ ئارمانلىرى چەكسىز بۇلىدۇ.
                                                969- بەت.
جاھان ئىنسانلارنىڭ يۈگۈرۈشلىرىگە،رېتىملىق قەدەملىرىگە كۆنۈككەن.
                                               1032- بەت.
بىر ئاجىز بىچارىلىكىدىن  پايدىلىنىپ روھى ئۈستۈنلۈك،جىسمانىي راھەتكە ئىرىشىش يېركىنىشلىك بىر قىلمىش.
                                                  1077- بەت.
ئىنسان ئۆز-ئۆزىدىن قانائەت تېپىش ئۈچۈن دائىم ئۆز ھاياتىنىڭ يۇرۇقلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدۇ. ھېچكىم ئۆزىگە نەپرەتلەنمەيدۇ.گەرچە ئاغزىدا دېسىمۇ ،ھېچكىم باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن چۇقۇنمايدۇ،ھېچكىم ئۆزىگە ئۆزى پالاكەت تىلىمەيدۇ.
                                           1118 بەت.
تۇرمۇش ھېچكىمنى رازى قىلغان ئەمەس.گەرچە چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر بولۇپ،بىرلىرىگە تاج،بىرلىرىگە كىشەن –كويزا ھەدىيە بولۇپ تۇرسىمۇ ھايات ھامان قېلىپىدىن چىقالمايدۇ.
                                        1141- بەت.
ئىنسان روھىنىڭ نازۇك سىرلىرىنى تىل چۈشەندۈرۈپ بىرەلمىگىنى بىلەن ،مۇزىكا بىلەن ناخشا چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدىكەن. سېغىنىش، ئېچىنىش، كۆيۈش، پۇشايمان،  تەقەززالىق دىگەنلەر ھەممىنىڭ بېشىغا كەلگەن.لېكىن ئۇلارنى ناخشا بىلەن ساز تېخىمۇ سىرلىق ئىپادىلەيدىكەن.
                                         1159- بەت.
لەززەت بىر خىل بھۇشلۇقنىڭ  بەلگىسى. ئۇ ئەقىل ۋە جاسارەتنى رەت قىلغۇچى ئاپەت،ئۇنىڭغا مەستانە بولغۇچىلار ياراتقۇچىلار قاتارىدىن ئۆزىنى قاچۇرغىچىلار.بىر ئىنسان لەززەت بىلەن مەست بۇلىۋاتقان شۇ پەيتتە،يەنە بىر ئىنسان قەلبىدە نەپرەت يالقۇنى ئۆرلىگەن بۇلىدۇ.
                                            1162- بەت.
دېھقان تەقدىم قىلىدۇ، ھۆكۈمەتكە، بايلارغا، تەبىئەتكە، ھەر گىياھ، ھەر دەرەخكە بىرىدۇ. ئۇنىڭ قوللىرى،  پۇتلىرى شۇنىڭ ئۈچۈن تىنىمسىز.لېكىن ئۇ ھەق ،مۇكاپات ۋە ياخشى جاۋاپ تەلەپ قىلمايدۇ.ئۇنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ.ئويلاشنى نۇمۇس بىلىدۇ،ئىنسان ئەخلاقى مانا مۇشۇلارنىڭ بەدىنىدە كۆكلەيدۇ.
                                       1164- بەت.
ھايات شۇنداق.ئىنسان كۆمۈلىدۇ،ئۇلۇغ غايىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇپا ئاستىدا ياتىدۇ.ئۇ غايىسنى ئەكىتىدۇ،غەم-قايغۇسىنىمۇ ئەكىتىدۇ.ئۇنىڭ جىسمى تۇپىغا ئايلىنىدۇ.لېكىن غايىسى،قىساسى ۋە غەم- قايغۇسىنى تۇپراق سىغدۇرمايدۇ.ئۇ يەر ئاستىدىن چېقىۋېلىپ،يوقالغان جىسمىنىڭ مىراسخۇرلىرىنىڭ باشلىرىغا كىلىپ قۇنىۋالىدۇ.
                                           1208 –بەت.
  دېھقان خۇشلىقى ئېتىزدا،ئۇنىڭ قاۋۇل بىلەكلىرى بايلىق بىلەن بىللە خۇشاللىقنىمۇ يارتىدۇ.ئۇنىڭ شىرىن خىياللىرىمۇ شۇ قىرلاردا ئېتىز گۈل-گىياھلىرىدەك ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.
                                       1284- بەت.
بەزىدە يېقىن ھېسابلانغان  ئادىمىڭ دوسلۇق بەلگىسى قىلىپ،يۈرۈكىنى كۆرسىتىدۇ.ئەمما بەزىدە بۇ يۈرەك بىر پارچە گۆش بولۇپ،چىقىدۇ.سېنى ئۆمۈر بۇيى تىللىغان ئادىمىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،ئۇ سېنىڭ ئەڭ كۆيۈمچان دۇستۇڭ بولۇپ قالىدۇ.
                                    1439- بەت.
سايە تاشلايدىغان دەرەخ قۇرۇيدۇ.سايىسى قۇرىمايدۇ.
                                      1491- بەت.
ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىدىن ئەنسىرىشى تۇرغان گەپ.
                                      1581- بەت.
بىر ئادەمنىڭ قىممىتى نېمىگە ئىرىشكەنلىكىدە ئەمەس،خەلقىگە نېمىلەرنى تەقدىم قىلغانلىقىدا.
                                         1635- بەت.
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلى بۇلىدۇ.بىرلىرى راھەت غەمىدە، بىرلىرى مۇشاقەت ئىزدەيدۇ. يىغىنچاقلىغاندا مۇشۇ ئىككى ئىنتىلىش ئىنسانلارنىڭ ھەركەت نىشانى. ئىلگىركىلىرى كۆپ، مۇتلەق كۆپ، كىيىنكىلىرى ئاز، يوقنىڭ ئورنىدا...
                                      1728- بەت.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-24 01:18:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەن سۆيگەن كىتاپ.

ۋاقتى: 2014-10-24 01:31:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-10-24 09:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2014-10-24 09:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللا .....لاپ قو

ۋاقتى: 2014-10-24 10:07:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ رۇماننى بەك ئەستايدىل ئوقوپ چىققان.چۈنكى بۇ رۇماندىكى مەزمۇنلار ئانا يۇرت ھەققىدىكى پاكىتلار-دە.بۇ ھىكمەتلەرنى ساقلىۋالدىم.

ۋاقتى: 2014-10-24 11:07:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىز ئۈچۈن رەھمەت. روماندىن ئېلىنغان بۇ ھېكمەتلەر مىنى يەنە ئاشۇ رومان ئىچىدىكى ئەجداتلار تارىخىغا ئېلىپ كەتتى!...

ۋاقتى: 2014-10-24 13:04:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئانا يۇرت»نى قانچە قازساق  ئەرزىگەي ئۇ،
دۇر-جاۋاھىر تولۇپ ياتقان بەتلىرىگە.
دىلىڭ مۇڭغا پېتىپ قالسا،قويغىن ئوقۇپ،
تەسەللىي ئۇ ، دىل ئازارى-دەرتلىرىڭگە!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   م.توختى سەببەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-24 13:05  


ۋاقتى: 2014-10-24 13:17:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ«ئانا يۇرت» رومانى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى باھاسىز بىر ئەڭگۈشتەردۇر. بۇنى يوللاپ ناھايىتى ياخشى قىپسىز قېرىندىشىم. لېكىن تەكلىپىم :« ھېكمەت» بولالمايدىغان بەزى بايانلارنى زورلاپ « ھېكمەتلەر» قېتىغا قىستۇرۇۋالمىغان بولساق. مەسىلەن: تۇنجى بايانغا قاراپ بېقىڭ، بۇمۇ ھېكمەت بولارمۇ؟ سەمىمىيىتىمنى توغرا قوبۇل قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2014-10-24 15:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلشات مەتنىياز يوللىغان ۋاقتى  2014-10-24 13:17
مەرھۇم يازغۇچىمىز زوردۇن سابىرنىڭ«ئانا يۇرت» رومانى ئ ...

راست، راست، بىر قىسىم تەسۋىرلەر ئەسەردىكى پىرسوناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن يېزىلغان بەزى سۆزلەرنى ھېكمەت دەپ تونۇساق تازا قاملاشماس.

ۋاقتى: 2014-10-24 19:55:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە بارىكاللاھ!. .. . ھارمىغايسىز...

ۋاقتى: 2014-10-24 20:44:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.

ۋاقتى: 2014-10-27 23:38:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنى ئەڭ ئۇزۇن سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان كىتاپ دەل - ئانا يۇرۇت  رومانى

ۋاقتى: 2015-2-4 21:47:36 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
انقۇش يوللىغان ۋاقتى  2014-10-27 23:38:23
مىنى ئەڭ ئۇزۇن سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان كىتاپ دەل -

راست دەيسىز.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش