شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى، «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «قومۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن «دەۋر مىلودىيەسى شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى --- قومۇل مۇشائىرە پائالىيىتى» ۋە «‹تارىم› ژۇرنىلى قومۇل ئاپتورلىرىنى تەربىيەلەش پائالىيىتى» 2014 –يىلى 10–ئاينىڭ 14- كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە قومۇلدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ياسىن سىدىق قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى. پائالىيەتكە «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
10-ئاينىڭ 14–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قومۇل ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپتە «دەۋر مىلودىيەسى شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى --- قومۇل مۇشائىرە پائالىيىتى» رەسمىي باشلاندى. پائالىيەتكە ئۈرۈمچى، تۇرپان قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن يازغۇچى، شائىرلار، قومۇلدىكى قەلەمكەشلەر، قومۇل ۋىلايەتلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، 500دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ھەيئىتى ياسىن سىدىق قاتارلىق رەھبەرلەر مۇھىم سۆز قىلدى. پائالىيەتتە قومۇل شەھەرلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابىي شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ «جۇڭگو» ناملىق شېئىرىنى، قومۇل ۋىلايەتلىك 1–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شائىر تىيىپجان ئېلىيۇفنىڭ «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» ناملىق شېئىرىنى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە دېكلاماتسىيە قىلدى.
پائالىيەتتە يەنە ئۈرۈمچى، تۇرپان ۋە قومۇلدىكى بىر قىسىم شائىرلار ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. چۈشتىن كېيىن قارادۆۋە بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەيدان مۇشائىرە ۋە سۆھبەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پىروفېسسور ئازات سۇلتان ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنى كەلگۈسىدە ياراملىق ئەۋلادلاردىن بولۇشقا يېتەكلەش تېمىسىدا سۆز قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارغا ناھايىتى زور ئىلھام بەردى. شېئىرىيەت سەپىرىدىكى ئەدىبلەر قارادۆۋە بازىرىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات مەنزىرىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
10–ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى قومۇل مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش مەركىزىدە «‹تارىم› ژۇرنىلى ئاپتورلارنى تەربىيەلەش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. تەربىيەلەش پائالىيىتىگە 50تىن ئارتۇق قەلەمكەش قاتناشتى. «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئازات سۇلتان، ياسىن زىلال قاتارلىق ئەدىبلىرىمىز ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالى، ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر، قومۇل ئاپتورلىرىدىن كۈتىدىغان تەلەپلەر، جۈملىدىن، قومۇل ئاپتورلىرىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قالماي، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش روھىنى تۇرغۇزۇش، ئىجادىيەتتە ئىزچىل بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكى، مىللىي مەدەنىيەت جەۋھەرلىرىنى قېزىش، ئۆز ئەسەرلىرىدە مىللىي مەدەنىيەت روھىنى گەۋدىلەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىدى. قومۇلدىكى قەلەمكەشلەر ئەدىبلىرىمىزنىڭ لېكسىيەلىرىدىن ناھايىتى زور نەپكە ئېرىشتى.
شېئىرىيەت سەپىرىدىكى ئەدىبلەر 10-ئاينىڭ 15–كۈنى چۈشتىن كېيىن قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى غۇنچەم سەيدۇللا، قومۇل ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپ ئەھەت ئىبراھىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاراتۈرك ناھىيەسىگە بېرىپ مۇشائىرە پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇردى.
ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى مۇشائىرە پائالىيىتى 10-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئاراتۈرك ناھىيەلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى قەلەمكەشلەر، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ھەر ساھەدىكى زىيالىلاردىن بولۇپ، 400دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
ئاراتۈرك ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسكەندەر ياقۇپ قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى.
پائالىيەتكە «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال رىياسەتچىلىك قىلدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پىروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ھاياتنى قەدىرلەپ، ئەل – يۇرت ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيەتىنى گۈللەندۈرۈش، ناچار ئادەت – ئىللەتلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، ئېسىل ئۆرپ –ئادەت ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش، مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق تېمىلارنى چۆرىدەپ مول مەزمۇنلۇق لېكسىيە سۆزلىدى. ئازات سۇلتاننىڭ لېكسىيەسىنى ئاڭلىغان ئامما تەسىرلەنگىنىدىن ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى.
ئاخىرىدا شائىرلار ئەل–يۇرت مەدھىيەلەنگەن ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسىدىكى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. پائالىيەت جەريانىدا شېئىرىيەت سەپىرىدىكى قەلەمكەشلەر ئاراتۈرك ناھىيەسىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى، باي يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتى مۇقام مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدى.
بۇ قېتىمقى «دەۋر مىلودىيەسى --- شىنجاڭ شېئىرىيەت سەپىرى» قومۇل مۇشائىرە پائالىيىتى قومۇلدا ئەھمىيەتلىك باشلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. پائالىيەتنىڭ تەسىرى زال ئىچىدىن ھالقىپ قومۇلنىڭ شەھەر-بازارلىرى، يېزا-قىشلاقلىرى، تاغ-تۇرا، يايلاقلىرىغىچە كېڭەيدى.
نەق مەيداندىن كۆرۈنۈشلەر
ياش نوتىلار -ئۆركەش جاپپار فوتوسى
ئازات سۇلتان سۆز قىلماقتا -ئەركىم فوتوسى
ياسىن زىلال پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلماقتا -ئۆركەش جاپپار فوتوسى
قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ھەيئىتى ياسىن سىدىق مۇھىم سۆز قىلدى -ئۆركەش جاپپار فوتوسى
شئېر دېكىلىماتسىيە ۋە مۇشائىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
ئوقۇتقۇچىلار شئېر دېكىلىماتسىيە قىلدى ئۆركەش جاپپار فوتوسى
ئوقۇغۇچىلار شئېر دېكىلىماتسىيە قىلدى - ئۆركەش جاپپار فوتوسى
شائىر نەمەت ناسىر -ئەركىم فوتوسى
تۇرپانلىق شائىر مۇھەممەت شاھنىياز -ئەركىم فوتوسى
پىشقەدەم مائارىپچى، شائىر ئابدۇرېقىپ تۆمۈر جۈبەيرى -ئەركىم فوتوسى
تۇرپان ژورنىلىدىن ياش شائىر تۇرغۇن جالالىدىن -ئەركىم فوتوسى
شائىر سەمەت ئابدۇراخمان قۇچىغۇن -ئەركىم فوتوسى
شائىر ئۆمەر تالىپ -ئەركىم فوتوسى
شائىر ئەخمەت ناسىر بۇلاق -ئەركىم فوتوسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەركىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 16:14
|