يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1660|ئىنكاس: 11

‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر تەقدىرلى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-22 17:31:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
  زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلايلى

    مايگۈل ئايتغازى خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى تەقدىرلەش سۆھبەت يىغىنى 13 – ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن فىلىم – ‹‹چىن مۇھەببەت››، تېلېۋىزىيە تىياتىرى – ‹‹ئانارخان››، ناخشا – ئۇسسۇللۇق تىياتىر – ‹‹تەڭرىتاغدىكى مېھىر – مۇھەببەت››، رادىيو دىراممىسى – ‹‹ما لەن قوشىقى››، ‹‹شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار›› ناملىق كىتاب ۋە تېلېۋىزىيە مەخسۇس فىلىمى – ‹‹خوتەنگە سەپەر›› قاتارلىقلارنى ئىشلىگەن ئورۇن ۋە ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەر 5 مىليون 120 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاندى، تەشكىللەش خىزمىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىمۇ تەقدىرلەندى.
مەنبە : شىنجاڭ گېزىتى
    مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنغان 13 – نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى››نى باھالاش پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يەتتە تۈرلۈك كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەملىكەتتىكى 31 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرلەر ئىچىدە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش سانى بويىچە 11 – ئورۇندا؛ مەملىكەتتىكى بەش ئاپتونوم رايون ۋە غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە ئىچىدە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش سانى بويىچە 1 – ئورۇندا؛ غەربىي رايوندىكى 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر ئىچىدە، مۇكاپاتقا ئېرىشىش سانى يۈننەندىن قالسىلا 2 – ئورۇندا تۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۆجۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇن ۋە ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلەرگە مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىك گۇۋاھنامىسى ۋە مۇكاپات پۇلى تارقىتىپ بەردى.

    لى شۆجۈن مۇنداق دېدى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ 13 – نۆۋەتلىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى›› بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنى تەقدىرلەش سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، ئىجادىيەتكە تۈرتكە بولۇش، ئەدەبىيات – سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەتچىلىرى توغرا سىياسىي مەيدان ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى يۆنىلىشىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت باش نىشان ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خەلق مەركەز قىلىنغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە نادىر ئەسەر ۋە ماركا يارىتىشى كېرەك. ھەر مىللەت ئەدەبىيات – سەنئەتچىلىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› تەشۋىقات – تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچ تارقىتىشى كېرەك. ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى چۆرىدەپ، ‹‹بەش بىر قۇرۇلۇشى››نى باشلامچى قىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ۋە تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرىنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

    مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئالتە ئەسەرنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىلىرى ۋەكىللىرى تەقدىرلەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىجادىيەت تەسىراتلىرىنى ئالماشتۇردى.

    ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئاخبارات – نەشرىيات – رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈملىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى قىسمەن فىلىم ۋە تېلېۋىزىيە، مەدەنىيەت، مۇزىكا، نەشرىيات شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
مەنبە        :                      شىنجاڭ گېزىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سەھرا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 17:33  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-22 19:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بلىپ قالساق بولىدىغان ئۇچۇركەن......

ۋاقتى: 2014-10-22 19:41:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ قالساق بولىدىغان ئۇچۇركەن......ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پاسىل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-22 19:41  


ۋاقتى: 2014-10-22 19:42:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشغۇ!

ۋاقتى: 2014-10-23 10:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى،پارتىكوم تەشۋىقات بولۇمى،رايۇنىمىزنىڭ
ئەدەبىيات-سەنئەت،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قوللاپ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى
ئىشلەۋاتىدۇ....بۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۇچۇركەن......تەشەككۈر....!

ۋاقتى: 2014-10-23 10:32:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



           ياخشى ئىش ئىكەن.

ۋاقتى: 2014-10-23 13:06:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ

ۋاقتى: 2014-10-23 20:16:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى،پارتىكوم تەشۋىقات بولۇمى،رايۇنىمىزنىڭ
ئەدەبىيات-سەنئەت،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قوللاپ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى
ئىشلەۋاتىدۇ....بۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۇچۇركەن......تەشەككۈر....!

ۋاقتى: 2014-10-24 13:55:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساپلا قىزىل نەرسىلەر مۇكاپاتلىنىپتىغۇ؟ بۇمۇ بوپتۇ، دەۋىر روھىغا بەك ماس كەپتۇ.

ۋاقتى: 2014-10-24 15:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ

ۋاقتى: 2014-10-24 20:49:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوپتۇغۇ،ئىلگىرلەش بار.

ۋاقتى: 2015-3-26 18:03:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھەقىقەتەن ياخشى پائالىيەت بوپتۇ   شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى،پارتىكوم تەشۋىقات بولۇمى،رايۇنىمىزنىڭ
ئەدەبىيات-سەنئەت،مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى قوللاپ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك خىزمەتلەرنى
ئىشلەۋاتىدۇ....بۇ پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان ئۇچۇركەن......تەشەككۈر....!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش