ئىككى غەزەل
مۇختار داۋۇت
لېۋىمگە ئاستا سۆي، ئاستا...
كېچەمگە ئاستا كىر، ئاستا... تېنىم گۈلخانغا ئايلانسۇن،
لېۋىمگە ئاستا سۆي، ئاستا... دىلىڭ لوقمانغا ئايلانسۇن.
ئۇزۇن تۈنلەر دوزاق بولدى، ماڭا زىنھار يورۇق ھەم يوق،
ئوماق قوي كۆزلىرىڭ بۇندا سېھىر-چولپانغا ئايلانسۇن.
سېنىڭ ئىشقىڭدا بىر سەيياھ پىراقنىڭ دەشتىگە كىردى،
ۋىسال مەنزىلىدە مەزمۇت پىرى-سۇلتانغا ئايلانسۇن.
پەرىشتە چۈش كۆرۈپ قانسۇن، جىمى ئالەمگە تۇيدۇرما،
ئىشىق سەۋدالىرى بۇندا بۈيۈك ئېھسانغا ئايلانسۇن.
قېشىڭ پەيكانىنى ئاتساڭ، توساي كىرپىكلىرىم بىرلە،
سېغىنچىمدا يۈرەك دەردى مېھىر-قالقانغا ئايلانسۇن.
چېچىڭ زەنجىرلىرى چىرماپ قەدەملەرگە كىشەن بولدى،
كىشەنلەرنى چاقار ئەھدىڭ سېخىي ئالقانغا ئايلانسۇن.
يۇتاي غەم-دەردلىرىڭ بولسا، كېچەلمەس سەۋرىدىن ئۆزيول،
ئوماق تەشۋىشلىرىڭ بۇ كەچ ۋاپا-تالقانغا ئايلانسۇن!
ئوتۇڭدا ئۆلتۈرەي دەمسەن...
ئوتۇڭدا ئۆلتۈرەي دەمسەن، يىغاڭدا كۈلدۈرەي دەمسەن؟
قىيانلار ئەۋجىدە بىر پەس لېۋىڭدە ئۈزدۈرەي دەمسەن؟
كوچاڭدىن قانچە تۈنلەردە مۇساپىردەك تۈنەپ ئۆتسەم،
ياساپ تۈگمەن سۈكۈت تاشى بىلەن بىر پەس ئېزەي دەمسەن؟
دىلىڭ مەستخۇشلىقى قانماس چىمەنلەر ئاھىغا ئەپسۇس،
يۈرەكنىڭ جەھرىگە دەسسەپ ناۋا ئەيلەپ يۈرەي دەمسەن؟
كۆزۈڭدىن يامرىغان ئۇچقۇن سۆڭەكىمدە ياسار گۈلخان،
ئۆزۈڭ بىر شاھ، قۇلۇڭنى يا لاۋاغا ئىتتىرەي دەمسەن؟
جېنىم ئاھ! لەھزىگە يەتتى، پىراقنىڭ ئوقلىرى تەندە،
سولۇشقا باشلىغان گۈلگە جۇدالىقنى بېرەي دەمسەن؟
ساڭا مەنسۇپ مېنىڭ جان ھەم تېنىمنىڭ زەۋقى ــ بۇ ئەھدىم،
ئىشىق سەۋدالىقى ــ كۈلپەت، بۇلارنى بىلدۈرەي دەمسەن؟
قېنى ئېيت، لەۋزىگە سادىق ۋاپادار ئىت كەبىي ئۆزيول،
ۋىسال دەشتىدە مەنزىلگە ئاپارماي بەزدۈرەي دەمسەن؟!...
2014-يىل 8-نويابىر، ئۇچتۇرپان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۆزيول تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-9 01:37