كۆرۈش: 1950|ئىنكاس: 19

غوجىمۇھەممەد: شېئىر بىزگە ناتونۇش ئەمەس (سۆھبەت خاتىرىسى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-20 15:59:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شېئىر بىزگە ناتونۇش ئەمەس


- مەتسىلىم مەتقاسىم بىلەن سۆھبەت


سۇئال: سىز بىر تۈركۈم ياخشى شىئېرىلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئېرىيىتىمىزدە خاسلىق ياراتقان ئۈمىدلۈك ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى. مەزمۇن ۋە شەكىلدىكى يېڭىلىق، پىكىردىكى چوڭقۇرلۇق، ھېسىياتتىكى قۇيۇقلۇق سىز ئىجات قىلغان شىېئرلارنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىگىدۇر. مۇشۇ مەۋقە ئاساسىدا سىز ئۆزىڭىزنىڭ شىئېرىيەت قارىشىڭىزنى ئەتراپلىق شەرھىلەپ باقسىڭىز؟ سىزنىڭچە ھەقىقى مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شىئېر شائىردىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟
جاۋاب: شېئىر ھەققىدە سۆزلەشكە تىلىم يايرايدۇ، ۋەھالەنكى سۆزلىمەك بولغاندا ناباب تىلىم ھەرقاچان مېنى ئوسال قىلىدۇ. ئىلگىرىكىلەر شېئىرنى  «تىل سەنئىتى» دەپ شەرھىيىلەپ ئۆتۈشكەن، مەنمۇ ھەم بۇ شەرھىدىن ھىچقاچان تانمايمەن. ئىچىمدىكى مالامەتلەر، قايناپ تۇرغان ھاياجان، ۋەسۋەسە ۋە ئىزتىراپلارنى بايان قىلىۋاتقاندا تىلىم تىلغا ناقىستۇر. ھاياتنىڭ ئىزگۈلۈكلىرى ۋە تەبىئەتنىڭ مۆجىزىلىرى ئىچىمدىكى يورۇق ئەينەكتە قۇياشتەك ئاياندۇر، ۋەھالەنكى مەن ئىچىمدىكى ئايان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئەينەن كۆرسېتىشكە ئاجىزمەن. سىلەرنىڭ كۆرگىنىڭلار قەلبىمنىڭ ئەينى ئەمەس بەلكى ئاشۇ ئەينەكتىن يانغان شولىسىدۇر. ئەڭ كامىل شائىرنىڭمۇ شېئىر ئارقىلىق قەلبىنى ئايان قىلىش ئۈچۈن تىلغا قىسىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. «ئادەمىي تىل» ھاجىتىتىمىزدىن چىقالمىسا... ئەجەبا، بىز «ئىلاھىي(تەبىئى) تىل»غا مۇھتاجدۇرمىزمۇ؟! بۇ بىز تەكىتلەۋاتقان «شېئىرىي تىل»مىدۇ؟!...
قاچان، قانداقلارچە شېئىرىيەت كوچىسىغا كىرىپ قالغانلىقىم ھەققىدە ئىنىق مەلۇمات بېرەلمەيمەن؛ قاچان بۇ كوچىنىڭ ئاخىرىرغا چىقىشىنىمۇ بىلمەيمەن؛ بۇ بىلمەسلىكلەر مېنى شېئىرنىڭ مەڭگۈلۈك لەھزىلىرىگە تۇتاشتۇرىدۇ. بۇ كوچىدا تەم- تۈم مېڭىپ يۈرگەن چاغلاردىن ھازىرغىچە 2000 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر يازدىم ۋە ئېلان قىلدىم، ئېسىمدە قالغانلىرى تۇرمۇشتىكى نامراتلىق، يەكلىنىش، جەبرۇ- جاپالار... ئېسىمدىن كۆتۈرۈلمەيدىغىنى تۇنجى يارنىڭ ساھىبجامال ھەسرىتى... ئۇزاق ۋە قاراڭغۇ كېچىلەر. شېئىر يېزىشنى تاماق يېيېشتەك مۇھىم بىلگەن چاغلىرىمدا جەمىئىيەت ئىلگىرىلەپ يىراقلاغا كېتىپ بولغان ئىكەن. يول بويىدىكى بىر- بىرى بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان ئىگىز ئىمارەتلەر، يوللاردىكى ئۇچقۇر ماشىنىلار، بانكىلاردىكى پىچىتى بۇزۇلمىغان قىپقىزىل پۇللار، بەزمىخانىلار، ئىشرەتخانىلار... مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. رېئاللىقتىكى يەككە- يىگانىلىق مېنى شېئىرنىڭ ئازغۇن چۆللىرىگە ھەيدىگەن ئىكەن. ئەنە شۇ چاغلاردا  مەن ئىسمى- جىسمىغا لايىق «ئاشىق بەندە» ئىكەنمەن. نۇرغۇن يىللاردىن كىيىن ياشاش تەرتىپىم بۇزۇلغاندا «نان»نىڭ تەھلىكىسىگە ئۇچرىدىم. ئىنسان بولماقنىڭ مۇشەققىتىنى سەزدىم. رېئاللىقتىكى ئۆزۈم بىلەن قەلبىمدىكى ئۆزۈم ئوتتۇرىسىدا زىددىيەتلىك توقۇنۇشلار باشلاندى، بۇ توقۇنۇشلارنىڭ شېئىرلىرىمدىكى ئىنكاسى ئەينى چاغلاردىكى «30 ياش»  قاتارلىق شېئىرلىرىمدۇر. ئىجادىيەت جەريانىم باشتا ئاددىي، داغدۇغىسىز ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ كىيىن بىر قاتار غەلۋە- پاراڭلاردىن چەتتە قالمىدى. ماختاش- سۆكۈشلەردىن ئۆزۈمنى دەڭسىدىم- يۇ، قەلبىم زىنھار تەۋرىمىدى. قانداق بولۇشۇمدىن قەتئى نەزەر، شېئىر يېزىشنىڭ ئۆمۈرلۈك ھايات پائالىيىتىم ئىكەنلىكى بارغانسىرى ئايان بولدى.
شېئىر ھەققىدە كىشىلەر تۈرلۈك تەبىرلەرنى بېرىشتى.
ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىر- ئەل- خەلقنىڭ تەقدىرى، ئاۋامنىڭ قايغۇ- شادلىقى بىلەن زىچ باغلانغان شېئىرلاردۇر، دەيدۇ كىمدۇ بىرى. بىراق ئۇ ئۆز گېپىدىكى «باغلانغان» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىگە دىققەت قىلمايدۇ، ئەجەبا ئۇ بىلمەمدىكىنە، باغلانغان نەرسىلەرنىڭ ئەركى بولمايدىغانلىقىنى، شېئىرنىڭ مەنىۋىي پائالىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن چەكسىز روھىي ئازادلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى...
ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىر- مەنىدىن قۇرۇغدالغاندۇر، مەنىسىسىزلىك ئۇنىڭ بىردىنبىر مەنىسىدۇر، دەيدۇ يەنە بىرى چالۋاقاپ. بىراق ئۇ بىلمەمدىغاندۇ، ھەرقاندەك شەكىلنىڭ مەنىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھەرقانداق مەنىنىڭمۇ شەكلى بولىدىغانلىقىنى؟... ھەر بىر تىل(سۆز)نىڭ مەلۇم نىسبەتتە شەكىل ۋە مەنە ئىھتىياجى ئۈچۈن ياسىلىدىغانلىقىنى؟!...
ھەقىقىي مەنىدىكى شېئىر-  پەقەت ۋە پەقەت شېئىر ئۈچۈنلا يېزىلغان شېئىردۇر، ئۇنىڭدا نە سىياسىي، نە دىداكتىكا، نە بىر مەقسەت- مۇددىئا بولسۇن؟!... دەيدۇ يەنە بىرى گېلىنى قىرىپ، لىكىن شۇنداق دېگۈچى كۆز قاراشلىرىنى ئەجدادلاردىن مىراس قالغان ئىخچام ۋە مەنىلىك «ماقال- تەمسىل»لەر ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئامراق. ئۇ كىشى ئەقىدە- ئىتىقادنى ئۇلۇغلايدىغان، مىللىي خاسلىقى گەۋدىلىك بولغان بىر مىللەتنىڭ پۇشتى. يۈكسەك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان مەدەنىي جەمىئىيەتتە ياشاۋاتقان بۇ كىشىنىڭ رېئاللىقى قەلبىدىكى ئەينەكتىن ئاز- تولا ئەكسىلىنىپ چىقماسمۇ؟!...
ھەقىقىي مەنىدىكى شېئىر... دەپ كىمدۇ بىرى شالىنى چاچىدۇ ۋە غەرب مودېرىنىزم شېئىرىيىتىنىڭ بىر نەچچە پىشىۋاسىنى ئالدىمىزغا باشلاپ كېلىپ بىزنىڭ بۇ پىشىۋالارنىڭ شېئىرلىرىدىن ھەيرەتتە قىلىشىمىزنى، ۋاھ! دەپ لەۋ تامشىتىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە قەۋمىمىزنىڭ ئاشۇ شائىرلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان بىرنەچچە شائىرىنى سەھنىگە چىقىرىپ بىزنى ئۇلارغا قول كۆتۈرۈشكە ئۈندەيدۇ. "ئۇ يېڭى شېئىرىيەتچى ئەمەس، ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەنئەنىنىڭ ئاسارەتلىرى ئىغىر!" دەيدۇ ئۇلار مېنى ياكى باشقا بېرىنى كۆرسىتىپ، "چۈنكى ئۇ مىللىيلىكتىن قول ئۈزمىگەن..."... دەرۋەقە،  غەربنىڭ مودىرىنىزىم پىشىۋالىرىنى ئىتىراپ قىلىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئالەمشۇمۇل شېىرىيەت نەتىجىلىرىگە ئاپىرىن ئىيتىمىز، بىزنىڭ بۇ ئىتىراپىمىز ۋە ئاپىرىنىمىزنىڭ ئارقىسىغا يەنە بىر ئىتىراپ ۋە ئاپىرىن يوشۇرۇنغانكى- ئۇلار ئۆزلىرى ھەركەت قىلىۋاتقان مەدەنىيەت تىرىتورىيىسى ۋە مۇھىيىتىنى، ئۆزلىرى نەپەس ئېلىۋاتقان جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسىي ھاۋاسىنى شېئىرلىرىدا سەنئەتلىك تۈس بىلەن ئىپادە قىلغان.    ئۆزلىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە ئىتىقاد ئەندىزىسىنى شېئىرلىرىنىڭ تەگ- تېگىگە كۆمۈۋەتكەن. ئۇلار شېئىرلىرىدا پۈتۈن دۇنيا، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى سۆيگەن ۋە ئۇلار ئۈچۈن قايغۇرغان. ۋەھالەنكى ئۇلار سۆيگەن دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت غەرب ۋە غەرب ئەللىرىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان ماكاننى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان قەۋمنى دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت بالاغىتىدە سۆيەلىگەن. مودېرىنىزم ئۈچۈن مىللىيلىكنى تازىلاشنىڭ ھاجىتى يوقكى، تىخىمۇ چوڭقۇر قېزىش ۋە يۈكسەك سەنئەت نۇرىدا جۇلالاندۇرۇش زۆرۈردۇر.
يەنە بەزى شائىرلار باركى، ئۇلار " شېئىرنى پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا يازىمەن، شېئىر- شائىرنىڭ ئۆزىگە بولغان يۈكسەك مۇھەببىتنىڭ ھاسىلاتىدۇر" دەيدۇ. ئەلسۆيەر ئوبزۇرچىلار بۇنداق قاراشقا ھەرگىز سۈكۈت قىلىپ تۇرمايدۇ، " شائىر- مىللەتنىڭ ۋىجدانى، شېئىر- دەۋرنىڭ ئاۋازى" دەيدۇ ئۇلار چىڭقىلىپ، " ئاھ- ۋاھ، كۆيدۈم- پىشتىم... بىلەن تولغان بۇ شېئىرلار قانداقمۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئاچقان يىرىگە بارسۇن؟ خەلقنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى، غايە- ئىستەكلىرىنى ۋە تەقدىر- قىسمەتلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرەلمىگەن بۇ شېئىرلارنى قانداقمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىر دېگىلى بولسۇن؟!..." دەيدۇ ئوبزورچىلار يەنە چوڭقۇر ئۆكۈنۈش بىلەن. ئەجەبا، ئۆزىنى چوڭقۇر سۆيمىگەن كىشىدىن مۇھەببەتنىڭ يالقۇنلۇق جۇلاسىنى تاپقىلى بولسۇنمۇ؟ ئۆزىنى سۆيمىگەن كىشىنىڭ باشقىلارنى سۆيۈشىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولسۇنمۇ؟ ئەمەلىيەتتە شېئىردىكى ئاھ ئۇرغان، پەرياد چەككەن، شادلانغان، تەنتەنە قىلغان كىشى شۇ شېئىرنى ئوقۇغان ئاۋامدۇر. ئاپتۇر يېزىلىپ بولغان شېئىرىدىن راھەتلىنىدۇ ۋە يىنىكلەيدۇ، خالاس! «ئۆزۈم ئۈچۈن...» دېگەن شائىر ئۆزى ئۈچۈن ۋەتەننى سۆيۈشى، ئۆزى ئۈچۈن خەلقىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى، ئۆزى ئۈچۈن ئىكولوگىيىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئەنئەنىنىڭ ياتلىشىشى، مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى قاتارلىق تىراگىدىيەلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشى مۈمكىن. قاراڭ، ئۆزى ئۈچۈن چەككەن بۇ ئىزتىراپلار نىمە دېگەن سەمىمىي؟! ئەل- ئاۋامنىڭ، يۇرت- قەۋمنىڭ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىراگىدىيىسىنى ئۆز قايغۇسىغان ئايلاندۇرغان بۇ شائىر نەقەدەر سۆيۈملۈك ۋە جەلىپكار؟! ئۆزى ئۈچۈن يېزىش ۋە خەلق ئۈچۈن يېزىش دېگەنلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ماھىيەتلىك پەرقى يوق. كۆپىنچە ھاللاردا بىز بۇلارنى بۇرمىلاپ قويىمىز.
شېئىر ھەققىدە گەپ قىلغۇچىلارنىڭ كۆپلىكى ۋە قىلىنغان گەپلەرنىڭ خىلمۇ- خىللىقىدىن بۇ يەردە بىز ھەمىسىسنى نەقىل كەلتۈرۈپ بولالمايمىز. شۇنداقتىمۇ ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىر شائىردىن نىمىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ؟ دېگەن سۇئالغا ئىككى ئېغىز سۆز كەلتۈرىمىز؛ يۇقۇرىدىكى بايانلاردىن ئايانكى- ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىر شائىردىن ئۆزىگە نىسپەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ مۇھەببەت پۈتۈن تەبىئەت ۋە ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شائىرنىڭ قەلبىدە يالقۇنلاۋاتقان ئوت مەشۇقى بولغان «ئىنسان»لىقنىڭ پىراقىدۇر. مۇھەببەت بولغان بىلەنلا كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇ يەنە مۇھەببەتلىك قەلبىگە سادىق بولۇشى، راستچىل ۋە سەمىمىي بولۇشى كېرەك. ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىرنىڭ شائىردىن تەلەپ قىلغانلىرى بەلكىم يەنە بىر تالايدۇر، بىلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى مۇنەۋۋەر شېئىرنى يازالمايۋاتساق كېرەك!
سۇئال: نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدا ئەسەرلەرنىڭ پۈچەكلىشىش ھادىسىسى يۈز بىرىۋاتىدۇ. جۈملىدىن شېئىرىيىتىمىزدە يۈز بىرىۋاتقان ھېسىياتتىكى سۈسلۈق، شەكىلدىكى قاتماللىق، مەزمۇندىكى تەكرارلىك كىتاپخانىلارنى بەزدۈرمەكتە. سىز يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ياش شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، شىئېرىيىتىمىزنى نۆۋەتتىكى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىجادى يوللىرى ھەققىدە قاراشلىىڭىزنى ئوتۇرغا قۇيۇپ باقسىڭىز؟
جاۋاب: ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆزۈمگە ئەڭ بەك چىلىققىنى- نۆۋەتتىكى  رومان پاخاللىقى بولدى. ساۋادىم چىققاندىن كىيىن رومان ئوقۇپ چوڭ بولغان بالىمەن. گەرچە ئىلگىرى ۋە ھازىر ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن بولساممۇ رومان ئوقۇش ئادىتىمنى ھېلىھەم تاشلىغىنىم يوق. بەختىمگە يارىشا چوڭ بولغىنىمچە كىتابخانىلار رومان بىلەن تولۇپ بارماقتا، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ رومانلىرى ھەسسىلەپ كۆپىيىپ كۆزۈمنى ئالا چەكمەن قىلماقتا. بالىلىقىمدا ئوقۇغان «تۈلكە رېنارت»، «ياغاچ قونچاقنىڭ ئاجايىب سەرگۈزەشتىلىرى»، «نىلىسنىڭ غاز ئۈستىدىكى ساياھىتى»، ئۆسمۈرلۈكۈمدە ئوقۇغان «ھېكلىبىررىفىننىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ»، «نەسرىدىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسىسە»، «سۇ بويىدا»، «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»، «چالا تەككەن ئوق»، ياشلىقىمدا ئوقۇغان «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن»، «قىيامەت»، «مەمەت ئاۋاق»، «قۇم باسقان شەھەر»، «ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى»، «جىنايەت ۋە جازا»، «گراف مونتى كىرىستو» قاتارلىق رومانلارنى تامشىيمەن. يىقىندا ئوقۇغان «چاڭ- توزان بېسىققاندا»، «ئانا يۇرت»، «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل»، «باھادىرنامە»، قاتارلىق رومانلارنى پات- پات ۋاراقلاپ قويىمەن. مەن ئۇلارنى «نادىر رومان»لار دېمەكچى، لىكىن باشقا يۈزلىگەن ياخشى رومانلارنى چەتكە قاقمايمەن. بۇ سۆزۈم ئارقىلق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ، بولۇپمۇ پىروزىچىلىقنىڭ نۆۋەتتىكى سەۋىيىسىنى نوقۇل رومان ئارقىلىق ئۆلچەش ئويۇممۇ يوق. دەرۋەقە، ئەدەبىياتىمىزدا نۇرمۇھەممەد توختى ۋە مۇھەممەد باغراشلار كەبى رومان يازمىغان سەركىلەرمۇ بار. مەن بۇ يەردە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ياكى تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى ئاددىي بىر كىتابخانلىق سالاھىتىدە سۆزلەۋاتقانلىقىم ئۈچۈن نۆۋەتتە خەلىقىمىزدە باش كۆتۈرگەن رومان ئوقۇش قىزغىنلىقى،  كىتابخانىلارغا رەت- رېتى بىلەن تىزىلىپ كەتكەن، تېما، قۇرۇلما ۋە ئىپادىلەش جەھەتتە گويا بىر قىلىپتىن چىققان خىشتەك رومانلار ۋە رومانسىراپ كەتكەن كىتابخانلارنى نەزەردىن ساقىت قىلالمىدىم. نىمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ مىللىتىمىزنىڭ تولىمۇ يىراقلاردىن باشلانغان شانلىق مەدەنىيەت تارىخى، تىلسىماتلاردەك سىرلىق ۋە مۇرەككەپ روھى تىندۇرمىسى،  يىقىنقى جاھالەت ۋە داۋاملىشىۋاتقان تىراگىدىيە، نۆۋەتتىكى پىسخىك بۆھران... يەنە نىمە كەملىك قىلىدۇ؟ تىلمۇ؟!... ياق، ئىپادىلەش دائىرىسى كەڭ، مەنە قاتلىمى چوڭقۇر ۋە پاساھەتلىك ئۇيغۇر تىلىغا گۇناھ ئارتىشقا يۈز قىزىرىدۇ. نىمىدۇر بىر نەرسە كەملىك قىلغاندەك قىلىدۇ، شۇنداق، بىر نەرسە كەم، ئۇ- مۇھەببەت، ئۇ- شىجائەت! مەن ھىچقاچان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ماھارىتىدىن گۇمان قىلىپ باققان ئەمەس، مەن يەنە ھېس قىلغانكى- زور كۆپچىلىك ماھارەتلىك يازغۇچىلىرىمىز ئۆزىدىن ھالقىيالمىدى، قەلبىدىكى چىگرالارنى بۇزۇۋىتەلمىدى، تىخىمۇ كەڭلىككە، چوڭقۇرلۇققا ۋە يۈكسەكلىككە يۈزلىنەلمىدى. مەنپەئەت، شۆھرەت، ئىمتىياز قاتارلىقلارنى چۆرۈۋىتىپ چىن ئاشىقلىق سۈپىتىدە مۇھەببەت ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتەلمىدى. مۇشۇ سۆزلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ يازغۇچىلىرىمىزدىن ئەقىدە، ئىخلاس بىلەن قەلەم تەۋرىتىشنى، سان ۋە مۇكاپات قوغلاشماسلىقنى ۋە ئۆزىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت، تەبىئەت، ئەل- يۇرت تەرىقىسىدە چوڭقۇر سۆيۈشنى تەلەپ قىلىمەن. چۈنكى، قەلبىدە مۇھەببەت بولغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ھارارەت قەلبىمىزنى ئىللىتىدۇ.
شېئىرىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىجادىي يوللىرى ھەققىدە سوراپسىز، بۇ ھەقتە سېستىمىلىق بىر نەرسە دەپ بېرەلمەسلىكىم مۈمكىن، بىراق بۇ شېئىرىيەت ئۇيغۇرنىڭ شېئىرىيىتى بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ھەر بىر ئۇيغۇر ئەدىب ۋە ئوقۇرمەننىڭ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىش ھوقۇقى بار دەپ قاراپ ئىككى كەلىمە گەپ قىلاي؛ مەن ھازىرنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يەنە بىر قىتىملىق يېڭېلىنىشقا تولغاق يەۋاتقان پەيتى، دەپ چۈشىنىمەن. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ كىيىنكى يىرىمىدا ئەخمەتجان ئوسمان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى دەبدەبە- ئەسئەسە بىلەن تىز سۈرئەتتە كېڭىيىپ قىسقىغىنە بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئومۇملاشتى ۋە ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق يۆنۈلۈشىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. بۇ شېئىرلار ئۆزىنىڭ ئىپادىلەشتىكى غۇۋا ۋە تۇتۇق بولۇش ئالاھىلىكىگە ئاساسەن شېئىرىيەت ئوبزۇرچىلىرى ۋە شېئىرىيەت ئەھلى تەرىپىدىن «گۇڭگا شېئىر» دەپ ئاتالدى. يېڭى شېئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتى شېئىرىيەت بىلەنلا چەكلەنمەي پىرۇزا ھەمدە سەنئەتنىڭ باشقا ساھەلىرىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ مىللىي ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ يېڭى باھارىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىدى ۋە ئاۋامنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسىدە مۇئەييەن ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەتكە قارىغاندا پەرقلىنىدىغان ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىلىكى- شەيئى ياكى ھادىسىنىڭ سىرىتقى ھالىتىنىلا تەسۋىرلەشتىن ماھىيەتلىك تەرەپلىرىنى تەسۋىرلەشتە، سۆزنى بىر ياكى بىر نەچچە مەنىنىلا ئىپادىلەش بەخشەندىلىكىدىن ئازاد قىلىپ، چەكسىز مەنە مۈمكىنچىلىكىگە ئىگە قىلىشتا ۋە مەنىنى چەكلىمىسىز ئىپادىلەشكە ماس ھالدا شەكىلنىڭ ئەركىن بولۇشىدا ئىپادىلەندى. يېڭى شېئىريەت ئىجادىيىتى شېئىرىيەت ئوبزورچىلىقى بىلەن ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىلغاچقا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تىزلا يېڭى قان بولۇپ قوشۇلدى ۋە مۇۋەپپىيەتلىك ھالدا ئۆزىنىڭ زور بىر تۈركۈم ئىجادىيەت قوشۇنىنى ياراتتى. يېڭى شېئىرلار شەكىل جەھەتتە ئۇيغۇر شېئىرىيىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە يات ھالەتتە، غەرب مودىرىنىزم شېئىرىيىتىنىڭ ئىپادىلەش ئۇسلۇبىدا يېزىلغانلىق سەۋەبىدىن ئوقۇرمەنلەرگە تاسادىپىي تۇيۇلغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سىرلىق سىھرى كۈچى ۋە مەپتۇنكارلىقى ئاساسىي ئىپادىلەش ئوبىكتى قىلىنغاچقا ئوقۇرمەنلەر ۋە شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا ئانچە يات تۇيۇلمىدى. ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا بىر تۈركۈم «ساختا گۇڭگا شائىر»لارمۇ مەيدانغا كەلدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە شېئىر قانچە چۈشىنىكسىز ۋە غەلىتە بولسا شۇنچە قالتىس بولۇپ، بۇ شېئىرنى رەت قىلغۇچىلار بولسا ئۇلار تەرىپىدىن «يېڭىلىقنى قوبۇل قىلالمايدىغان مۇتەئەسسىپلەر» ھېسابلاندى. يېڭىدىن ئىجادىيەت سېپىگە قەدەم قويغان ھەۋەسكارلارنىڭ زور تۈركۈمدە ئۇلارنىڭ ئالا- جۇقا سۈرەنلىرىگە مەپتۇن بولۇپ قارىغۇلارچە ئەگىشىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى مۇئەييەن دەرىجىدە بۇرمىلاندى. بۇنىڭ بىلەن ئەنئەنىنى ياقلايدىغان پىشقەدەم شائىرلار بىلەن يېڭى شېئىرىيەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرە جېڭى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەنئەنىنى ياقلايدىغان پىشقەدەم شائىرلار يېڭى شېئىرىرىيەتچىلەرنى  " ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەچچە ئەسىرلىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسىگە ئاسىيلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىسە، يېڭى شېئىرىيەتچىلەر «ئەلشىر نەۋائىدىن ھازىرغىچە بولغان 500 يىلدا ئۇيغۇر شېئىرىيتى بولغان ئەمەس" دەپ ئەنئەنىچىلەرنى كەسكىن رەت قىلدى.  شۇ چاغلاردا «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى ئەل رايى بويىچە «مەشھۇر 3 شائىر»نى تاللاپ چىقتى. ئاتاقلىق خەلق شائىرى روزى سايىت «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا «ھەسەتنامە» تىمىسىدا شېئىرىي چاقچاق ئېلان قىلىپ 3 شائىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللانغان ئەخمەتجان ئوسمان ۋە ئۇ ۋەكىللىك قىلغان «ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى»گە مۇنداق چاقچاق قىلدى؛
" خەق سېنى گۇڭگا دېسە گۇڭگا دېدىم،
گۇڭگىنى سۈرتەر بىزنىڭ لوڭگا دېدىم..."
پەرھات تۇرسۇن، تاھىر ھامۇت قاتارلىق ياش شائىرلار شەكىل جەھەتتە ئەنئەنىۋى شېئىرلارغا قارىغاندا زور دەرىجىدە ئەركىن، ئىپادىلەش جەھەتتە تۇيغۇنى رەڭ- بوياقلاردىن خالىي، دەل ئىپادىلەپ بەرگەن بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بىلەن ناھايىتى تىزلا «گۇڭگا شېئىر»چىلاردىن ئايرىلىپ چىقتى ۋە «يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن» ماۋزۇلۇق سۆھبەت خاتىرىسى شەكلىدىكى ماقالە ئېلان قىلىپ «گۇڭگا شېئىر»چىلارنى تەنقىدلىدى. ئۇلار يازغان شېئىرلار غەرب كىيىنكى مودېرىزىم شېئىرىيىتىدىكى «ئۆزىنى ئاشكارىلىغۇچىلار ئىقىمى»غا يىقىن بولۇپ، ئىنسان پىسخىكىسىكى يوشۇرۇن ئىستەكلەرنى ئىپادىلەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلغان ئىدى.
كىيىنكى ۋاقىتلاردا ئەنئەنىۋىي شېئىرىيەت بىلەن يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا يازىدىغان بىر تۈركۈم ياش شائىرلار مەيدانغا كەلدى ۋە شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى ئەركىن ئىپادىلەش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مۇرەككەپ مەنىۋى قاتلاملىرىنى سەنئەتلىك ئەكىس ئەتتۈرۈشتە مۇئەييەن ئۇتۇق قازىنىپ، «ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ 3- ئەۋلاد ۋەكىللىرى» دەپ ئاتالدى. (شېئىرىيەت تەنقىدچىلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ل. مۇتەللىپتىن باشلاپ بوغدا ئابدۇللا، ئوسمانجان ساۋۇتقىچە بولغان شائىرلارنى «1- ئەۋلاد»، ئەخمەتجان ئوسماندىن باشلاپ ئادىل تۇنىيازغىچە بولغان شائىرلارنى «2- ئەۋلاد»، ئادىل تۇنىيازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىيىنكى شائىرلارنى «3- ئەۋلاد» ئۇيغۇر يېڭى دەۋر شېئىرىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى دەپ ئاتىدى).
ئۆتمۈشنى سۆزلىشىم ھازىرنى چۈشىنىش ئۈچۈندۇر. شۇنداق، ئۇيغۇر يېڭى شېئىرىيىتى ئەنە شۇنداق مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىك كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرغا ئۇلاشتى. سىزنىڭ شېئىرىيىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسى دەپ ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شېئىرلار ۋە نەشىر قىلىنىۋاتقان شېئىر توپلاملىرىنى ۋە بۇ شېئىر ۋە توپلاملارنىڭ كىتابخانلارنىڭ ئاچقان يىرىگە بارالمايۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىڭىز ماڭا ئايان. دەرۋەقە شۇنداق، «3- ئەۋلاد شائىرلار»دىن كىيىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتى بىر ئىزدا توختاپ قالدى. تىما ، مەزمۇن ۋە شەكىل تەكرارلىقى ئوقۇرمەنلەرگە ھەركۈنى بىرلا خىل تاماق يېگەندەك مەزىسىز تۇيغۇ بەردى. قارىغۇلارچە ئەگىشىش ۋە تەكرار تەقلىدچىلىك نەتىجىسىدە «يېڭى شېئىرىيەت ھەركىتى»نىڭ دەسلەپكى ۋەكىللىرى ۋە ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بىلەن يېڭى شېئىرىيەتنىڭ ئاكتىپ ئامىللىرىنى بىرلەشتۈرگەن كىيىنكى ئاۋانگارت شائىرلارنىڭ خاسلىقى بارا- بارا سۇسلاپ، يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالدى. پۈتكۈل ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئىغىر سۈكۈنات ئىچىدە ئۆزىنى تەكرارلاشقا باشلىدى. يىزىقچىلىق، بولۇپمۇ شېئىر يىزىقچىلىقى ئۈزلۈكسىز دەرىجىدە ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەدىبلەردە زور دەرىجىدە تەۋەككۈلچىلىك روھى بولۇشى كېرەك. ئىجادىيەتتىكى يېڭىلىك- ئىلگىرىكى ھەرقانداق نەتىجە ۋە شان- شەرەپلەرنى ئىنكار قىلىش بەدىلىگە مەيدانغا كېلىدۇ... ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى بۇ جىمجىتلىق ئىچىدە تىنىمسىز قىمىرلاۋاتقان بىر روھنى بايقىغاندەك قىلدىم، بۇ قىمىرلاش تور ئەدەبىياتىدا تىخىمۇ گەۋدىلىك ۋە رۇشەندۇر. مەسىلەن: ئوسمانجان مۇھەممەد پاسئاننىڭ «ھىچنىمىزم» دەپ بىلجىرلاشلىرى، شاھىب ئابدۇسالام نۇربەگنىڭ سۆزلەرنىڭ تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ شېئىرىي جۈملە تۈزۈشلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى. ئۇلارنىڭ شېئىرىي ماھارەتلىرى بىر قەدەر «خام»، ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان قاراشلىرى «مۈجىمەل» بولسىمۇ ئىپادىلەش جەھەتتىكى ئۆزگىچىلىكلىرى بىزنى ئويلاندۇردى. ئۇلار مەتبۇئاتلارغا يۈزلىنىپ ئاۋامنىڭ ئىتىراپىغا ئىرىشەلمىگەن «ئاتاقسىزشائىر»لار بولسىمۇ لىكىن نۆۋەتتىكى سۈكۈتلۈك كەيپىياتنى مەلۇم دەرىجىدە تەۋرەتتى. ئۇلار بۇ يولدا ئاخىرىغىچە ماڭالامدۇ- يوق؟ ئۇلار ئاخىرى تور ئەدەبىياتى كاتىگورىيەسىدىن ھالقىپ نەشىر- ئەپكارچىلىققا يۈزلىنلەنەمدۇ يوق؟ بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس. چۈنكى ئۇلار ساپ شېئىرىيەتنى تەرغىب قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەرقانداق ئەقىدە، ئەخلاق، مىزان قاتارلىق ئەقەللىي ئىنسانلىق چەكلىمىلىرىنى كېرەك قىلمىدى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ چىقىلىشقا بولمايدىغان نازۇك تۇيغۇلىرىغا چىقىلدى. ئەلۋەتتە، ئەقىدە، ئەخلاقنى چوڭ بىلىدىغان خەلقىمىز ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز. مېنىڭچە ئۇلارمۇ بۇنى بىلىدۇ، ئۇلار بۇ يولدا غەلىبە قىلسۇن ياكى مەغلۇب بولسۇن، بەرىبىر، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ «بىھۇدە» ئۇرۇنۇشلىرى ئارقىلىق ھەۋەسكارلارنى  زەرەتلەپ، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە يېڭى بىر جانلىنىش ئېلىپ كەلسە ئەجەب ئەمەس. بۇ جانلىنىش نەتىجىسىدە يېڭى بىر ئەۋلاد مۇنەۋۋەر شائىردىن بىرنەچچىسى مەيدانغا كېلەمدۇ تىخى؟!
مەن ئۆزۈمنى بۇرۇندىنلا ھىچقانداق ئىزىمغا تەۋە ئەمەس دەپ قارايمەن ۋە ھېس- تۇيغۇلىرىمنى  ئەركىن- ئازادە ئىپادىلەشكە تىرىشمەن. لىكىن ئۆزۈم چوڭ بىلگەن شائىرلارنىڭ مۇنەۋۋەر شېئىرلىرى ۋە چەتئەلنىڭ نادىر تەرجىمە شېئىرلىرىنى ئوقۇش جەريانىدا  ئىجادىيىتىمگە ئۇلاردىن ئازدۇر- كۆپتۇر ئوزۇق ئالمىدىم دىيەلمەيمەن. دەرۋەقە، ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتى- تەسىر كۆرسىتىش، زەرەتلەش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. بۈگۈنكىلەرنىڭ ئىجادىيىتىدە ئىلگىرىكىلەرنىڭ تەسىرى ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن ساقلىنىدۇ. نەسىرىي ئەسەرلەردىكى تەسىرلىك ئابزاسلار ياكى شېئىرلاردىكى گۈزەل مىسرالار ئېسىمىزدە ئۇزۇنغىچە ساقلىنىدۇ ۋە ئىجادىيىتىمىز جەريانىدا تۇيغۇلىرىمىز بىلەن ئارىلىشىپ ئۆزگىچە سىياقتا ئاشكارىلىنىدۇ. بىر يازغۇچى ياكى بىر شائىر بىر پۈتۈن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى يارىتالمايدۇ، ئەكسىچە بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار ۋە شائىرلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىجادىيەت قىلىشى ۋە بىر- بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىز تەنقىدلەۋاتقان «ناباب» ئەسەرلەردىمۇ مەلۇم ئىلغارلىق تەرەپلەر بار، ماختاپ كۆككە ئۇچۇرۇۋاتقان «نادىر» ئەسەرلەر بولسا ماختالغىنىدەك تاكامۇللۇققا يەتكەن بولۇشى ناتايىن. ۋەھالەنكى، بىز تولىمۇ كەسكىن. دىتىمىزگە ياقمىسىلا قىلچە سۈكۈت قىلماستىن ئۇ ئەسەرنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىمىز ۋە نەپرىتىمىزنى جامائەت پىكرىگە ئايلاندۇرۇپ بىچارە ئاپتۇرنى چالما- كېسەك قىلىمىز (بۇ قۇرلاردا كۆز ئالدىمغا پەرھات تۇرسۇن ۋە ئۇنىڭ «ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى» ناملىق رومانى كېلىۋاتىدۇ) ، ئوقۇغان ئەسەر ئانچىكى ھاياجانلاندۇرسا «ئۇششاق- چۈشەك» كەمچىلىكلىرىنى نەزىرىمىزدىن ساقىت قىلىۋىتىپ ئۇنى كۆككە كۆتۈرىمىز. كىشىلەر تەنقىىدلەنگەن ئەسەردىكى ئۇتۇقلار ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن قورقىدۇ، ئېغىز ئېچىپلا قالسا  ئىنىقكى ئۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ، يىتىم قالىدۇ. ماختالغان ئەسەرلەردىكى كەمچىلىكلەر ھەققىدە ئېغىز ئېچىش تىخىمۇ قىيىن، بۇ چاغدا «مەشھۇرلارغا چىقىلىپ نام چىقارماقچى بولغان» قالپاقنى كىيىۋالىدۇ(مۇشۇ قۇرلاردا يالقۇن روزى ئېسىمدىن كەچتى).
تۇيۇقسىزلا شېئىرىيىتىمىزنى نۆۋەتتىكى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئىجادى يوللىرى ھەققىدىكى سۇئالىڭىز ئېسىمدىن كەچتى. بۇ ھەقتە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئۆزۈمنىڭ كىيىنكى ئامانلىقىم ئۈچۈن ئىككى ئېغىز ئىزاھات تەرىقىسىدە گەپ قىلىشىم كېرەك. بىز كىشىلىك تۇرمۇشتا ۋە ئىجادىيەت جەريانىدا باشقىلارنىڭ تۈرلۈك سۇئاللىرىغا دۇچ كېلىمىز، ھۆرمەت قىلغانغا ئىززەت كۆرسېتىش بۇرچىمىز بار، شۇ سەۋەبتىن بىز خۇشاللىق بىلەن ئۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىمىز. جاۋاب بېرىش جەرياندا سۆزىمىزنىڭ قايىل قىلىش دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەبىئى ھالدا ھۆكۈم خارەكتىرلىك سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنالمىز، لىكىن بىزنىڭ جاۋابلىرىمىزنىڭ ئاشۇ سۇئاللارنىڭ بىردىنبىر جاۋابى بولۇشى ناتايىن. ھازىر مەن بەرمەكچى بولغان جاۋابمۇ سىز سورىغان سۇئاللارنىڭ بىردىنبىر جاۋابى بولماسلىقى مۈمكىن، بىراق كۆڭلۈمدىن كەچكەنلىرىنى سۆزلەش ئارقىلىق بۇرچۇمنى ئادا قىلاي. كىتابخانلىرىمنىڭ ئىنكاسلىرىغا قارىغاندا نۆۋەتتىكى شېئىر ئىجادىيىتىم چوڭقۇر كىرزىسقا پېتىپتۇ، بۇ شېئىرلىرىمنىڭ  ئوقۇرمەنلەرنىڭ دېتىغا ياقمىغانلىقى، شۇنداقلا مېنىڭ كەلمىگەن ئىلھامنى ساقلىماي جاھىللىق بىلەن توختىماي شېئىر يازغانلىقىمنىڭ نەتىجىسى. كىرزىس مېنى ئويلاندۇردى، بىراق قۇتۇلۇش ھەققىدە ئويلانمىدىم. نىمىشقا؟ چۈنكى قۇتۇلۇش ئۈچۈن بىر مەزگىل ياكى ئۇزاققىچە شېئىر يازماسلىقىم كېرەك. ئۇزاق داۋاملاشقان شېئىر يېزىش ئادەتلىرىمدىن زىرىكتىم، شېئىرلىرىمدىكى تەكرار سۆزلەر، جۈملىلەر، رەڭلەر، پۇراقلار قەلبىمنىڭ كونا دۇنيانىڭ ئاسارەتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئاسارەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاۋال قەلبىمنى قۇرۇغدىشىم كېرەك.... شائىر ئۈچۈن شېئىر يېزىشتىنمۇ مۇۋاپىقراق بولغان ئۆزىنى ئۆزگەرتىش ۋاستىسى يوق.  بۇ جەرياندا ئېلان قىلىنغان شېئىرلىرىمدىن كىتابخانلىرىم ئۆزى تونۇيدىغان «غوجىمۇھەممەد»نى تاپالمىدى ۋە «شېئىر بىلەن غوجىمۇھەممەد» ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى ئۆلچەپ چۈچۈپ كەتتى، نەقەدەر يىراق، نەقەدەر يىراق... بىلىشىمچە بۇ دەۋردە مەن بىلىدىغان بىر تۈركۈم ياش شائىرلار بۇ خىل كىرزىسقا دۇچ كەلدى، بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىلگىرى ئىرىشكەن شان- شۆھرەتلىرىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن بىر مەزگىل سۈكۈت قىلىشنى لايىق تاپتى. زور كۆپچىلىك كىشىلەر شېئىرىيەتنى كىرزىستىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ يولى- ئوقۇرمەنلەرنىڭ رايىنى بىلىش، يەنى- ئەسەر يازغاندا زور كۆپچىلىك ئوقۇمەنلەرنىڭ قوبۇل قىلىش- قىلالماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك، دەپ قارىشىدۇ. مېنىڭ قارىشىم ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇنداق بولغاندا كىتابخانلارنى ئاسانلا زىرىكتۈرۈپ قويىمىز، ئوقۇرمەنلەرنى يىتەكلەش رولىمىزدىن ئايرىلىپ قالىمىز، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرۇپ قالىمىز ياكى ئارقىدا قالىمىز، بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر پاجىئە! ئۇ چاغدا دائىم باشقىلارنىڭ كۆزىگە قاراپ ئىش قىلىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز. ئۆزىمىزگە خاس بولغان تەنھا قەلبىمىز، قايغۇ- ھەسرەتلىرىمىز ۋە شاد تەنتەنىلىرىمىز ئاستا- ئاستا توزۇپ كېتىدۇ، بۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ مۇدھىش تىراگىدىيە! پەقەت ئۆزىمىزگە بولغان كۈچلۈك مۇھەببەتلا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا قىلچە ساختىلىق ۋە زورۇقۇش يوق. ئاخىرىدا دېمەكچى بولغىنىم، يالغان شېئىرلار بىزنى ھالاك قىلىدۇ، مۇھەببەت- كىرزىستىن قۇتۇلۇشىمىزنىڭ بىردىنبىر- بىر يولى.
سۇئال: سىز شىئېرىيەتنىڭ كىشىلەردە ئادىمىيلىك پەزىلەت يىتىلدۈرۈش رولىغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: سەنئەت نۇقتىسىدىن ئالغاندا شېئىرىىيەتنىڭ ھىچقانداق بۇرچ ياكى مەجبۇرىيىتى يوق، لىكىن ئۇ يېزىق ۋاستىسى ئارقىلىق ئامما بىلەن ئۇچرىشىشتەك تارقىلىش شەكلىگە ئاساسەن تەبىئى ھالدا جەمىئىيەتكە ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شېئىردىكى ئىدىيەنىڭ سېڭىشى ۋە كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىنى ئۆزگەرتىشى مائارىپ ۋە باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا ئاستا، لىكىن چوڭقۇر بولىدۇ. ھەقىقىي شېئىر دىداكتىكا ئەمەس، ئۇ بىۋاستە پەندى- نەسىھەت ئارقىلىق ياخشى- ياماندىن ئۈگۈت قىلمايدۇ، لىكىن كىشىلەرگە گۈزەل تۇيغۇلارنى بىغىشلاپ، يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ھاياتقا، ئىنسانغا ۋە تەبىئەتكە نىسپەتەن مۇھەببەت ئويغىتىدۇ. مۇھەببەتلىك قەلىب- ئىزگۈلۈكنىڭ بۆشۈكىدۇر. شائىر- يۈرىكى ئىزگۈ مۇھەببەتكە تولغان ئادەمدۇر. شائىر- ئىزگۈلۈك ۋە مۇھەببەت تارقاتقۇچىدۇر. ئىنسانىي تاكامۇللۇقنىڭ تۇنجى قەدىمى ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى تونۇش بىلەن باشلنىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىنسانلىقىنى تونۇغان كىشى ئاستا- ئاستا ئىنسانىي تاكامۇللۇققا قاراپ يۈزلەنگۈسىدۇر. ئىنسانىي تاكامۇللۇققا يېتىشنىڭ يوللىرى خىلمۇ- خىل ۋە مۇشكۇلاتلارغا تولغان بولۇپ،  دىندار ئۆمۈرلۈك ئەمەل- ئىبادەتلىرى، جەڭچى جەڭگاھلاردىكى مىسلىسىز قەھرىمانلىقلىرى، ئالىم جاھانشۇمۇل كەشپىياتلىرى بىلەن بۇ پەللىگە يتەلمەسلىكى مۈمكىنكى، دېھقان تۇپراققا بولغان چەكسىز مېھرى- مۇھەببىتى، ھۆنەرۋەن كەسپىگە بولغان چوڭقۇر ئىشتىياقى، ئانا پەرزەنتىگە بولغان كىرسىز كۆڭلى بىلەن يېتىشى مۈمكىن. ئادىمىيلىك- سانسىزلىغان گۈزەل پەزىلەتلەرنى ئۆزىگە يار قىلغان، گۈزەل پەزىلەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى سەمىمىي ۋاپادارلىقتۇر. شەكسىزكى، ئۆزىگە ۋاپا قىلمىغان كىشى ھىچكىمگە ۋاپا قىلماس.
ئايانكى، بىر دەۋردە شېئىرىيەتنىڭ سۇسلاپ كېتىشى ياكى قۇيۇق شېئىرىي ھاۋانىڭ بولماسلىقى شۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ ماددىيەتكە بولغان چوقۇنۇشىنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈرىدۇ. قەلىبتىكى نازۇك تۇيغۇلار ۋە گۈزەل ئەستىلىكلەر ماددىي مەنپەئەتنىڭ  رەھىمسىزلەرچە ئاياغ ئاستى قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. شېئىرىي تۇيغۇ بولمىغان قەلىبتە ئىزگۈلۈككە ئورۇن يوق، بۇنداق قەلىب ئىگىسى ياخشىلىق ۋە مۆرۈۋەتتىن تىخىمۇ يىراقتۇر. بۈگۈنكىدەك يۈكسەك دەرىجىدە ئىجتىمائىيلاشقان، ئادەملەر بىر- بىرىدىن يىراقلىشىۋاتقان، ھەر بىر مۇناسىۋەت مەلۇم مەنپەئەت ئاساسىدا قۇرۇلۇۋاتقان دەۋردە شېئىر خۇددى تۇزدەك مۇھىمدۇر. ئىنسان ئۈچۈن بارلىقىنى بىغىشلىغۇدەك بىر ئارمان، تايانغۇدەك بىر رەھنىما بولۇشى كېرەك، ۋەھالەنكى- بۇلار ئاشۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىدۇر. ئۆزىگە ھاجەتمەن بولمىغان، ئىلتىجا قىلمىغان كىشى شەكسىزكى باشقىلارغا ھاجەتمەن بولىدۇ، ئىلتىجا قىلىدۇ... مەن باشتىن ئاخىرى مۇھەببەتنى تەرغىب قىلىمەن. مۇھەببەت- مۇھەببەتسىزلىك ئاپىرىدە قىلغان ئەينى قىيامەتتىكى نوھنىڭ كىمىسىدۇر.
مەن شېئىرلىرىم ئارقىلىق باشقىلارنى تەربىيىلەشنى، ئىددىيىسىنى ئۆزگەرتىشنى مەقسەت قىلمايمەن، مېنىڭ خەلقىمگە شېئىر يېزىپ بېرىش مەجبۇرىيىتىممۇ يوق، مەن پەقەت مۇھەببەت سەۋەبىدىن شېئىر يازىمەن، ئوقۇرمەنلىرىمنىڭمۇ شېئىرلىرىمنى مۇھەببەت سەۋەبىدىن ئوقۇيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مېنىڭچە شېئىر سىياسى ئەمەس ئەمەس، شۇڭا ئۇ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدۇ؛ دىنىي تەرغىبات ئەمەس، كىشىلەرنى مەلۇم بىر ئىدىيىگە باش ئۇرۇشقا چاقىرمايدۇ، شېئىر- بۈيۈكلۈك ئەمەس، شۇڭا ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزدا؛ شېئىر بىزگە ناتونۇش ئەمەس، شۇڭا يۈرىكىمىز ئۇنىڭ تىۋىشلىرىنى تونۇيدۇ. مېنىڭچە شۇنداق،  شېئىر ئىزگۈلۈكتۇر، شېئىر مۇھەببەتتۇر!


2011- يىلى 15- ئاپرىل. خوتەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-20 16:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-20 16:13:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھىرىرلەش جەريانىدا ئابزاسلارنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، قۇرلارنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قاتارلىق جايلاردىكى سەھۋەنلەرنى ئوڭشاشقا كۈچۈم يەتمىدى. مۇھەررىرلەرنىڭ ئۆلچەملىك تەھرىرلەپ قويۇشىنى سورايمەن.

ۋاقتى: 2014-10-20 19:46:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد، بۇ سۆھبەت بىرەر مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغانمۇ-يوق؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-20 22:31:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاستانە، بۇ سۆھبەتنى تىخى بىرەر مەتبۇئاتقا بەرمىدىم. مەن ئەزەلدىن مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمنى توردا چقارمايمەن.

بۇ بۇ سۆھبەت 3 يىرىم يىل ئىلگىرى يېزىلغان بولسىمۇ، «يېڭى ئەسەر» قاتارىدا مۇنبەرگە يوللىدىم. كۆپچىلىك سۆھبەتتىكى قاراشلىرىم ۋە ئۆزىنىڭ خاس شېئىرىيەت قاراشلىرى ھەققىدە كەڭ- كۇشادە ئىلمىي مۇنازىرىلەردە بولغاي!

ۋاقتى: 2014-10-21 00:05:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىر ھەققىدە يەنە بىر قىتىم دەرس ئاڭلىغاندەك بولدۇم ئۆز ئېغىزىڭىزدىن.ئامان بولۇڭ!

ۋاقتى: 2014-10-21 10:51:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىلىك ۋەزنى بار سۆھبەت بولۇپتۇ،راستىنلا شېئىر بىزگە ناتونۇش ئەمەس،ئەمما شېئىرغا بىز ناتونۇش بولۇپ قالماقتىمىز...

ۋاقتى: 2014-10-21 13:51:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجىمۇھەممەد يوللىغان ۋاقتى  2014-10-20 22:31
ئاستانە، بۇ سۆھبەتنى تىخى بىرەر مەتبۇئاتقا بەرمىدىم. م ...

مەن مۇتەللىپ ئىقبال، ئابلەت ئەخمەت ۋە چوغلان مۇنبىرىدىكى تورداشلار سىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان نۇسخىسىنى ساقلاپ كەلگەن، بۇ خاتىرىمۇ بىرەر ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان بولسا، دەپ ئويلاپ قالدىم؟!

ۋاقتى: 2014-10-21 18:10:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ بېشىدىلا «سۇئال سورىغۇچى پالانى، جاۋاب بەرگۈچى پالانى» دەپ ئەسكەرتىش بېرىلگەن بولسا دەپ ئويلاپ قالدىم.

ۋاقتى: 2014-10-21 20:27:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم غوجىمۇھەممەت ئاكا، مۇنبەر يۈزىدە بولسىمۇ سىز بىلەن گەپلىشىش پۇرسىتى بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال، شىئېر ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بەكمۇ زوقلاندىم، شىئېرغا ئىخلاس قىلىش، مۇھەببەت بىلەن مۇئامىلە قىلىش بۇ سۆھبەتنىڭ ئاساسى مەۋقەسىكەن دەپ ئويلىدىم.
سىلىنىڭ شىئېرلىرىنى بولۇپمۇ غەزەللىرىنى تولىمۇ قىزىقىپ، ھەۋەسلىنىپ، ئاغزىمنى تامشىتىپ تۇرۇپ ئوقۇيمەن، نىم دىگەن ئىسىل-ھە؟! دەپ كىتىمەن، ئاللاھ قەلەملىرىگە تىخىمۇ بەركەت بەرسۇن!

ۋاقتى: 2014-10-21 20:29:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىدىن ئۇزۇندىن بۇيان سوراشنى ئارزۇ قىلغان بىر سۇئالىم بار ئىدى، سىلىنىڭ شىئېرلىرىدا خۇددى مەشرەبنىڭكىگە ئوخشاش بىر خىل ئىسيانكار روھ باردەك سىزىمەن، بۇ خىل ئىسكيانكارلىقىنى مەشرەبنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىق دەپ چۈشەنسەك بولۇرمۇ ياكى ئۆزلىرىگە مەلۇم بولغان بىرەر سەۋەب بارمۇ؟ بۇ ھەقتىكى بايانلىرىنى ئاڭلاپ باققۇم بار.

ۋاقتى: 2014-10-21 20:40:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوغدىل يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 18:10
ئەسەرنىڭ بېشىدىلا «سۇئال سورىغۇچى پالانى، جاۋاب بەرگۈ ...

‹‹مەتسىلىم مەتقاسىم بىلەن سۆھبەت›› دېگەن ئىزاھتىن سۇئال سورىغۇچىنىڭ خوجامۇھەممەت ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ، سۆھبەت خاتىرىلىرىدە بېرىلىدىغان ئىزاھتا ‹‹ئاساسىي ئوبېيكت›› ئىزاھلىنىشى كېرەك! يەنە بېرى، مۇشۇنداق سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى بەك قاتمال-دە!؟ بىر ئېغىز سۇئال سورىسا، مىڭ ئېغىز جاۋاپ بەرگەن، سۇئال سورىغۇچىمۇ ئۇخلاپ قالغان...
ئاڭلىشىمچە ۋە كۆرۈشۈمچە، بەزىلەر تېخى سۆھبەت خاتىرىسى دەپ، سۇئالنى يېزىپ پوچتىدىن ئەۋەتىپ بەرسە،  جاۋابىنى يېزىپ ئەۋەتىپ بېرىدىكەن. سۆھبەتمۇ يۈز-تۇرانە بولۇشى كېرەكتە، ئاخىر!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-21 21:24:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 20:40
‹‹مەتسىلىم مەتقاسىم بىلەن سۆھبەت›› دېگەن ئىزاھتىن سۇ ...


ھۆرمەتلىك تارال ئەپەندى، بۇ نۇقتىدا سەۋەنلىك ئاۋۋال مەندىن ئۆتۈپتۇ، ئاندىن كىيىن سىزدىن...
مەندىن دېگىنىم: مەن سۆھبەتنى يوللىغاندا مەتسىلىم مەتقاسىم بىلەن غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ سۆھبىتى دەپ ئىنىق ئالماپتىمەن. مەتسىلىم مەتقاسىم سۇئال سورىغۇچى، مەن جاۋاب بەرگۈچى ئىدىم، چۈنكى مەتسىلىم مەتقاسىم شائىر ئەمەس، بەلكى تونۇلغان يازغۇچى ۋە مۇھەررىر(«يېڭى قاشتىشى» يۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى)ئىدى. سۇئال سورىغۇچى ۋە جاۋاب بەرگۈچىنى ئىنىق ئەسكەرتمىگەچگە سىزدە ۋە بىر قىسىم ئوقۇرمەنلەردە ئىگىسىنى تاپالماسلىقتەك ئۇقۇشماسلىق كېلىپ چىقىپتۇ.

سىزدىن ئۆتكەن سەۋەنلىك چوڭ ئەمەس، پەقەت سۆھبەتنى ئوقۇمايلا ئىنكاس يازغانلىقىڭىزدا كۆرۈلىدۇ. ئوقۇغان بولسىڭىز سۆھبەتتىكى مەن ۋە شېئىرلىرىم تىلغا ئېلىنغان جايلارغا قاراپلا سۇئال سورىغۇچى ۋە جاۋاب بەرگۈچىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان بولاتتىڭىز.

ھەممىنى ئىنىق يازماي سېلەرنى جاپاغا سالغان خاتالىق يەنىلا مەندە. ئەپۇ قىلغايسىلەر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   غوجىمۇھەممەد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-21 21:26  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-21 21:38:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdukayyum يوللىغان ۋاقتى  2014-10-21 20:29
سىلىدىن ئۇزۇندىن بۇيان سوراشنى ئارزۇ قىلغان بىر سۇئال ...

ئابدىقەييۇم ئىنىم، شېئىر- غەزەللىرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغىنىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.

ئىجادىيەتكە كىرىشكەن دەسلەپكى ۋاقىتلىرىمدا كىلاسسىكلارنىڭ ئىچىدە مەشرەپنىڭ شېئىرلىرىنى ئەڭ كۆپ ئوقۇغان ئىدىم، شۇڭا مەندە مەشرەب شېئىرلىرىنىڭ تەسىرى چوڭقۇر ئوخشايدۇ. لىكىن ئۇنى ئىز بېسىپ ماڭدى دېگىلى بولماس. چۈنكى مەندە مەشرەپنىڭكىدەك جاھانكەشتى قەلەندەرلىك كەچۈرمىشلىرىم بولمىسىمۇ  ئەقلىمگە كەلگەندىن ھازىرغىچە نۇرغۇن روھىي سەرسانچىلىقلارنى باشتىن كەچۈردۈم. بۇ سەرسانچلىقلار جەريانىدا دۇنياغا، ھاياتقا ۋە ئىنسانغا ئۆزۈمگە خاس نەزەردە قاراشنى بىلدىم. دەيدىغىنىم شۇكى- سىزنىڭ يۇقارقى ئۈچ تەرەپكە بولغان قاراشلىرىڭىز شېئىرلىرىڭىزنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى بەلگىلىسە كېرەك.

ھەركىمنىڭ قەلبى- ئىلھامنىڭ قايناق بۇلىقىدۇر!

ۋاقتى: 2014-10-22 01:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غوجى مۇھەمەدكە،
سىزنىڭ ياخشى بىر ئوقەرمەنىڭىز بولۇش سۈپتىم بىلەن ئىككىلىك تەكلىپ بەرسەم، مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز ئويلۇنۇپ بېقىڭ.
نەزىيەۋىي تەربىيلىنىشىكىمۇ سەل قارىماڭ. بولۇپمۇ سىزدە مۇستەقىل ئىستىتىك قاراش بولسۇن. ئىستىتىك قاراش بولدى دىگەنلىك ، مۇستەقىل بىر پەلسەپىۋى كۆز قارشى بولدى دىگەنلىك بولدى. چۈنكى ئىستىتىكا پەلسەپىدىن ئۆي ئايرىپ چىققان، گەرچە ئۇنىڭ دېرىزىسى پەلسەپىگە داۋاملىق ئوچۇق بولسىمۇ .
ۋاقتىڭىزنى ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى پاخپاق كىتابلارغا زايە قىلماي ھېچ بولمىسا تۈرك تىلى ئۈگۈنۈپ قويۇڭ. ئىككى يىلدا كىتاب كۆرگىدەك بولالايسىز. بۇنىڭ پايدىسىنى شۇ چاغدا كۆرۈسىز.
مەشھۇر چەتئەل شائىرلىرىنى( جۈملىدىن مۇدېرنىزىمنى) كىمدە كىم سىزگە ئۈگۈنۈشنى تەكلىپ قىلىپ شالىنى چاچراتقان بولسا ئۇ سىزنىڭ  دوستىڭىز ئىكەن. سىزنى بىر ئاز ئالغا باسسۇن دەپتۇ، دۇنياۋى ئېقىملارغا، دۇنياۋى شائىرلارغا ياندىشىپ باقسۇن دەپتۇ. ئەپسۇس سىز شۇنچىلىك ئاددى ئىشارەتنىمۇ چۈشەنمەپسىز( جاۋابىڭىزدىكى ئاچچىق كىنايە بۇنىڭغا ئىسپات) كۈنىمىزدە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارغا «شائىر»بولماق بەك ئاسان، بىراق شېڭشىيانىڭ( ئارا يۇلتۇزنىڭ) ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىپ مانا مەن ئۇيغۇر شائىرى دىمەك بەك تەس، تولىمۇ تەس.
خوش سىز قايسسىغا تۇرىسىزكىن، ئۇنى ئۆزىڭىز تاللاڭ.
ئامان بولۇڭ.

ۋاقتى: 2014-10-22 22:37:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈنكى ئۇلار ساپ شېئىرىيەتنى تەرغىب قىلغۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇسىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەرقانداق ئەقىدە، ئەخلاق، مىزان قاتارلىق ئەقەللىي ئىنسانلىق چەكلىمىلىرىنى كېرەك قىلمىدى........


ھېچنىمىستلارنىڭ تەرغىب قىلىۋاتقان ‹‹ساپ شېئىرىيەت››ى قانداق شېئىرىيەت؟ تەپسىلىيرەك جاۋابىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىپ، ئاندىن قالغان سوئاللارنى سورارمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش