كۆرۈش: 1496|ئىنكاس: 0

ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-20 00:05:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
1-ahmat yusup serdahi.jpg


ئەھمەد يۈسۈپ سەرداھى 1975-يىلى قويۇق رىۋايەتلەر بىلەن تويۇنغان قەدىمى يۇرت كەلپىن ناھىيىسىنىڭ ئاچال يېزا چىلان كەنتىدە دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز يۇرتىدا تاماملاپ، 1991-يىلى ئاقسۇ پىداگوگىكا مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىگە قۇبۇل قىلىنغان ۋە 1994-يىلى ئوقۇشىنى تاماملاپ،خىزمەتكە قاتناشقان ۋە 2001-يىلى ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىپ، ئالىي تېخنىكوم مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى ھازىرلىغان. ھازىر چىلان يېزا مەركىزى مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ.
ئاپتۇر 1993-يىلى ‹‹ئاقسۇ گېزىتى››دە ئېلان قىلىنغان ‹‹چېچەك پەسلى››دېگەن شىئېرى بىلەن ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ياش قەلەمكەش ئىزچىل ئىزدىنىپ ۋە تىرىشىپ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ‹‹تارىم››، ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››، ‹‹تەڭرىتاغ››، ‹‹شىنجاڭ ياشلىرى››، ‹‹تۇرپان››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹جوڭگۇ مىللەتلىرى››، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››، ‹‹كىرورەن››، ‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى››،.... قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا ‹‹يۈرەكسىز ئۆلۈش››، ‹‹كېسەلخانا››، ‹‹كۆز بىلەن كۆڭۈلنىڭ ئارىسى››، ‹ناتونۇش ئايال››، ‹‹قەلبىمدە چاراسلاپ كۆيمەكتە قىزلار››، ‹‹روھ چېچەكلىرى››، ‹‹گۈلنىڭ سايىسى››، ‹‹تاملاردا ئاپتاپنىڭ جاراھىتى بار››، ‹‹ھىجران ساھىلى››، ‹‹سېغىنىش تەلقىنلىرى››،‹‹چېچەكلەش››، ‹‹چوغ ياپرىقى››، ‹‹ئىچىمدىكى دەرەخ››، ‹‹بىر ئاشىق ئۆزىنى ئاسىدۇ دارغا››، ‹‹مۇھىت ئېڭى ۋە تەبىئەتنىڭ كۆز يېشى››، ‹‹بالىنىڭ مېھرى، كىتابنىڭ سېھرى››، ‹‹ ئوغلۇم، ساڭا كىتاب سېتىۋالدىم››....قاتارلىق 300پارچىگە يېقىن شىئېر، داستان، نەسىر ۋە ماقالىلەرنى ئېلان قىلدۇرغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى ‹‹تارىم ناۋاسى››ناملىق كوللىكتىپ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. ‹‹كىرپىكتىكى قار›› (باشقىلار بىلەن بىرلىكتە) ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ‹‹سەن ھېچنىمە دىمە›› ناملىق بىر پارچە نەسىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ‹‹مىللەتلەر ئەدىبىياتى››دا ئېلان قىلىنغان. ئاپتۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. ناھىيلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 00:57  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش