قۇشمىدىم كۆندۈرگىلى
بەك ئۇزاق بولدى نېگار كۆيدۈرگىلى،
بىر نىگاھتا كۈندە مىڭ ئۆلتۈرگىلى.
چىقىرىپ ئاتسىز چاناڭغا سۆرىدىڭ،
غەم بالاسىغا غەرق چۆمدۈرگىلى.
چاڭقىسام بىر تامچە ھىجران بەرقىدە،
سۆيمىدىڭ يا قويمىدىڭ سۆيدۈرگىلى.
سايرىتىپ دەمدەر كەبى ئېيتقىن جانان،
ياكى مەن بىر قۇشمىدىم كۆندۈرگىلى.
قالمىدى تەمكىندە ھەسرەتتىن مادار،
كەلگىنە بىر رەت تىرىك كۈلدۈرگىلى...
2014-يىل 16-ئۆكتەبىر خوتەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەمكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-18 10:47
|