يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 712|ئىنكاس: 17

ئابلىمىت ئابدۇقادىر: خوتەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-16 17:40:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
خوتەن  
ئابلىمىت ئابدۇقادىر
ئاق قەغەزگە سىزىپ خەرىتە،  
ئىشىكىنى ئاچتىم جەنۇپنىڭ.  
ئۆزۈم كەچكەن ئىقىننى بويلاپ،   
چىقىپ قالدىم چىتىگە چۆلنىڭ.  

تۆكۈلىدۇ گۈلنىڭ كىرپىكى،  
ئاڭلانغاندا شائىر ئاۋازى.  
بىرەر سائەت ماڭسا نىيىدىن،  
توختاپ قالار قۇشلار پەرۋازى.  

شولىسىغا قاراپ تىرەكنىڭ،  
مەن شەرىققە كىتىمەن ئۇزاپ.  
چىقار شائىر قىمارخانىدىن،  
مەيدىسىنىڭ تۈكىنى ساناپ.  

كۆچەت تىكىپ يۈرگەن خەلىق بۇ،  
بولغاچ خوتەن دىڭىز بويىدا.  
كاۋىكىدا قىرى ياڭاقنىڭ،  
گىلەم توقار خوتەنلىك ئانا.  

مەن سىياھتىن ئىچىپ بىر يۇتۇم،  
ۋاراقلايمەن دەريانى تىمەن.  
قاشتىشىنى تىزىپ ئالدىغا،  
كەچمىشىنى سۆزلەيدۇ خوتەن.  

2014-6-8
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-16 21:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-16 21:56:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىياھتىن ئىچىپ بىر يۇتۇم،  
ۋاراقلايمەن دەريانى تىمەن.  
قاشتىشىنى تىزىپ ئالدىغا،  
كەچمىشىنى سۆزلەيدۇ خوتەن.

ۋاقتى: 2014-10-16 22:22:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-10-17 00:04:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر يۇرت-ماكاننىڭ ئۆگىچە ئالاھىدىلىكى بولۇدۇ.خوتەننىڭ قاشتېشى....

ۋاقتى: 2014-10-17 04:05:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

3D6F19683A74B4867A2C3A32C1C37472.png
ۋاقتى: 2014-10-17 04:15:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2014-10-17 10:17:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شېئىردىكى  تىل، يۇرت خاسلىقى ۋە يارىتىلغان شېئىرى مۇھىت ناھايتى ياخشى بىرىكىپتۇ. ھارماڭ دوستۇم.

ۋاقتى: 2014-10-17 10:37:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىقار شائىر قىمارخانىدىن،  
مەيدىسىنىڭ تۈكىنى ساناپ.

بۇنى نىمە دەپ چۈشىنىشنى بىلەلمىدىم

ۋاقتى: 2014-10-17 12:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-17 14:21:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Wolkani يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 04:15

ۋولقانى ئاكامنىڭ كۆڭلى نىمىگە بۇنچە يىرىم بولۇپ قالدىكىنە

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-17 14:22:01 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەمكىن يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 10:17
بۇ شېئىردىكى  تىل، يۇرت خاسلىقى ۋە يارىتىلغان شېئىرى م ...

رەھمەت   خۇش بولدۇم

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-17 14:23:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەلقىنى يوللىغان ۋاقتى  2014-10-17 10:37
بۇنى نىمە دەپ چۈشىنىشنى بىلەلمىدىم

بۇ ئەسەر يىزىلىۋاتقاندا كاللامغا كەلگەن ھىسسى ئىلھامنى بوش قويۇۋەتمىدىم     ,ئىشقىلىپ خاتا چۈشەنمەڭ  ,

ۋاقتى: 2014-10-17 14:50:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىرىم ئەمەس ،چاقچاق شەكىلدە يوللاپ قويغان ،شئېرىڭىزنى ياقتۇردۇم ،مۇبارەك بولسۇن ! ئەسەرلىرىڭىزنى دائىم كۆرۈشكە تەشنا مەن !

ۋاقتى: 2014-10-17 15:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئەتىگەن ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا بىغىشلاپ يازغان شېئىرىمنى يو؛؛ىسام تەستىقلىماي ئەخلەتخانىغا تاشلىۋىتىپتۇ،،،
باشقۇرغۇچىلار سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قويساڭلار....
مۇناسىۋەتسىز گەپ بوپ قالدى تىما ئىگىسى كەچۈرۈڭ...

ۋاقتى: 2014-10-17 22:00:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئانا يۇرتنى مەنبە قىلىپ قاناتلانغان ئىزگۈ پەرۋازىڭىزغا تېخىمۇ زور ئامەت تىلەيمەن! بەرىكەتلىك بولغايسىز !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش