ئالمىخاننىڭ ئالمىسى بار ،باغى يوق ،
لەيلىخاننىڭ گۈلى بار، گۈلزارى يوق .
سايرىماڭلار غۇنچىخانغا تەلمۈرۈپ ،
ئېچىلىشقا بەھرى ئاپتاپ يازى يوق .
تاڭغا يىغلاپ ئولتۇرىدۇ نۇرىخان ،
تۈندە كەلمەڭلار ئۇنىڭ چىراغى يوق .
چىللىماڭلار ھۆرىخاننى بەزمىگە ،
ئاڭا ئاشىق يىگىتى - سەردارى يوق .
تىڭشىماڭلار كۈيلىسە ئازادىخان ،
جان غېمىدىن كۆڭلىنىڭ ئارامى يوق.
-غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يىگىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 18:27