كىلياڭ مەشرىپى
ئابلىمىت ئابدۇقادىر
تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاش ئۈچۈن,
ئاخىرەتكە قىلىمىز سەپەر。
يورۇغاندا زىمىننىڭ كۆزى,
يامىشىدۇ قۇياشقا شەھەر。
چاڭ توزانلار يەتتى پەلەككە,
بىر خىل كۈيدە كىشنىشەر ئاتلار。
دوقمۇشلاردا سۆزلىشەر ھىكمەت,
ئاق ساقاللىق مۆتىۋەر زاتلار。
سىيىپ قويدى بىر بالا,
تىترەپ تۇرۇپ قاراڭغۇغارغا。
سۆزلىمەكتە ئىدى بىر ئايال,
دەرىتلىرىنى سىمىز دۇتتارغا。
تولغىنىدۇ »ئوينا ئويناڭغا«
باشاقلارنىڭ يىلتىزىدا ئوت。
قۇربان چوڭنىڭ بوغۇق ئاۋازى,
مۇقام بولۇپ ياڭرار ئۇشتۇمتۇت。
مەشرەپ ئوينار گۆدەك بالىدەك,
بىزنىڭ يۇرۇتتا ئاپئاق ساقاللار。
كىلياڭ تامان كەلمەكتە ئىقىپ,
مۇز ئاستىدا ساھىپجاماللار。
مەن بىلەتتىم بارات بوۋامنى,
بارات بوۋام مۇقام بىلەتتى。
مەيدىسىنى تۇرسام تاتىلاپ,
مۇقام ئۈگەن ئەي ئوغلۇم دەيتى。
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-16 21:12
|