يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 532|ئىنكاس: 4

ئابلەت ئابدۇرېھىم:نوبېل مۇكاپاتىغا نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار كۆپ ئېرىشىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-16 16:10:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
نوبېل مۇكاپاتىغا نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار كۆپ ئېرىشىدۇ؟

نوبېل مۇكاپاتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، نوبېل مۇكاپاتى تەسىس قىلىنغان 1901-يىلىدىن باشلاپ ھازىرغىچە، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيەلىكلەر بۇ مۇكاپاتقا ئەڭ كۆپ نائىل بولدى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىدىن باشلاپ، ئامېرىكىلىقلاردىن بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىدىغانلار يىلسىرى كۆپىيىپ، نوبېل فىزىكا، خېمىيە، مېدىتسىنا مۇكاپاتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىگە ئېرىشتى.
1985-يىلىدىن ھازىرغىچە نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 37 كىشىدىن 23ى  نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 36 كىشىدىن 26ى، نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 40 كىشىدىن 22ى ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ئامېرىكىدا مەڭگۈلۈك ئولتۇراقلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن ئالىملاردۇر.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلارنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكا پۇقراسى ياكى ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى تەتقىقاتچى، ئالىملاردۇر. ئەجىبا، ئامېرىكىلىقلار شۇنچە ئەقىللىقمىدۇ؟
گەرچە ئالدىنقى ئەسىردە پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا ئىككى قېتىمىلىق دۇنيا ئۇرۇشى پارتلاپ ئىنسانىيەتكە ئېغىر-بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا قىلچە تەسىرگە ئۇچرىمىدى، بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئېينىشتىيىن قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق ئالىم ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ بېرىپ، تەتقىقاتىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى.بۇ ئامېرىكىنىڭ پەن-تەتقىقات ئەمەلىي كۈچىنىڭ زور دەرىجىدە كۈچىيىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى، ئۇرۇشتىن كېيىن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى. تەبىئىي پەنەر تەتقىقاتى سېلىمىسىنى يىلسىرى زورايتىپ، پەن- تەتقىقاتقا سالغان مەبلىغىنى دۇنيا بويىچە سېلىنغان پەن- تەتقىقات خىراجىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ئالىملار تەبىئىي ھالدا ئامېرىكىغا ئېقىپ كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ پەن- تەتقىقات ساھەسىنىڭ ناھايىتى تېزلا دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشىگە يېڭى قان بولۇپ قوشۇلدى. ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇق ئالىملاردىن ياڭ جېن نىڭ، لى جېڭ داۋ، دىڭ جاۋ جوڭ قاتارلىقلارمۇ ئامېرىكىدا پەن- تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1957-يىللىق ۋە 1976-يىللىق نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكىنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ نوبېل مۇكاپاتى  ساھىبلىرىنى يېتىشتۈرەلىشىدىكى سەۋەبنى تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن.
1. ئىلمىي تەتقىقات خىراجىتى زور، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى جامائەت ۋە شەخىسلەر يولى ئارقىلىق ئىلىمىي تەتقىقاتقا سالىدىغان خىراجىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورنى، دۆلەتلىك ئىلمىي تەتقىقات فوندى جەمئىيىتى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى فېدېراتسىيە ئىلىمي تەتقىقات ئورگانلىرى ئىلىمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى ھۇۋارد.ھۇيىس تېببىي تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى قاتارلىق پايدا ئالمايدىغان نۇرغۇن ئاپراتلارنىڭ ئىلىمىي تەتقىقاتقا سالىدىغان خىراجىتى نەچچە مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىدۇ.
2. ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ساھەسى ۋە ئىلىم ساھەسى كۈچلۈك رىقابەت، ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارتىش روھىغا باي.ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، دوكتۇر كەرۋېي مۇنداق دەيدۇ: «- بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، بىز ، ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن 78 كىشىگە ئىقتىسادىي ياردەم بەردۇق.». دېمەك ئامېرىكىلىقلار مۇنەۋۋەر ئالىملارغا ئىقتىسادىي جەھەتتە ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە فوندى جەمئىيەتنى ئىلىم-پەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۈچلۈك ئارقا تېرىكى قىلغان.
ئامېرىكا فىزىكا تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى شېرۋىي مۇنداق دەيدۇ: نۇرغۇن دۆلەتنىڭ ئىلىم ساھەسىدە، ئالدىنقىلارنىڭ ئەنئەنىۋىي كۆز قاراشلىرىغا زىيادە ھۆرمەت ۋە خۇشامەت قىلدىغان خاھىش مەۋجۇت، لېكىن ئامېرىكىلىق ئالىملار ئالدىنقىلارنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ئانچە ماختاپ ئۇچۇرۇپ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە كونا قاراش، تەلىماتلارغا جەڭ ئېلان قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ ».
ئەگەر سان ۋە ئىلىم-پەن سىناق نەتىجسىدىن قارىساق، ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنىڭ سەۋىيىسى دۇنياۋىي رەت تەرتىپتە 29-ئورۇندا، يەنى شىمالىي ياۋروپادىكى شېۋىتسىيە، فرانسىيە، گېرمانىيەلەرنىڭ كەينىدە تۇرىدۇ، ئەمما ئالىي مائارىپنىڭ سەۋىيىسى تامامان ئەكسىچە بولۇپ، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، مائارىپتا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۈلۈك ھالدا يادلاپ ئۆگىنشى ئەمەس، بەلكى تەشەببۇسكار، مۇستەقىل پىكىر قىلىشى تەشەببۇس قىلىنىدۇ.
1984-يىلى، شېۋىتسىيەلىك پروفېسسور لىندىس تېڭ مۇنداق دېگەن:« بىر دۆلەتنىڭ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنى كۆپلەپ يېتىشتۈرىدە دۆلەتنىڭ زور مىقداردىكى پەن- تەتقىقات سېلىنمىسىدىن باشقا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ پەن-تەتقىقاتقا بولغان پۇزىتسىيەسى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.»

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-16 17:47:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوبېل مۇكاپاتىغا نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار كۆپ ئېرىشىدۇ؟دېگەن مەسىلە توغرىسىدا ئويلانغان ئىدىم ، ايزمىڭىزدىن جاۋاپ تاپتىم .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-16 18:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
SADIKSIRDAX يوللىغان ۋاقتى  2014-10-16 17:47
نوبېل مۇكاپاتىغا نېمىشقا ئامېرىكىلىقلار كۆپ ئېرىشىدۇ ...

بۇ تېما دەل سىزنىڭ قىززىقىشىڭىزغا ئاساسەن تەييارلاندى، سىزگە ئەۋەتىپ قويغان كۆردىڭىزمىكىن

ۋاقتى: 2014-10-16 20:28:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمكان بولسا يەنە تەپسىلىي ئىزدىنىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. بۇ ئانچە ئاددىي ئىش مۇھاكىمە قىلىنغان ئەسەر ئەمەسكەن. رەھمەت.

ۋاقتى: 2014-10-17 15:53:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فىرانسىيەدىن ئالتا يىلدا ئىككى قېتىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى ئالغانلار چىقتى ھەرنېمە بولسا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش