يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 467|ئىنكاس: 1

2014-يىللىق نوبېل خېمىيەمۇكاپاتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-16 15:56:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                      2014-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتى
        تور خەۋىرىدە  9-ئاينىڭ 8-كۈنى، 2014-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىنىڭ ئامېرىكىلىق ئالىم ئېرىچ. بېتزېگ ، نېمىس ئالىم ستافان. ۋ. خېل بىلەن يەنە بىر ئامېرىكىلىق ئالىم ۋېليام.ې.مومېرغا بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. بۇ مۇكاپات ئۇلار « ئادەتتىن تاشقىرى يوقۇرى ئانالىزلىق يالتىراق نۇر مىكروسكوف تېخنىكىسى » نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن.
      نوبېل مۇكاپاتى ھۆكۈمەت خەۋىرىدە بېرىلگەن « ئادەتتىن تاشقىرى يوقۇرى ئانالىزلىق يالتىراق نۇر مىكروسكوفىنىڭ ئاخىرقى چېكى » دېگەن ماقالىدا بۇ يىللىق مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ ئۇتۇقلىرى سۆزلەنگەن.
     ئۇزاقتىن بۇيان، ئوپتىك مىكروسكوپ چەكلىمىگە ئۇچراپ، پەرق ئىتىش ئۈنۈمىنى يورۇقلۇق دولقۇنى ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغىمۇ يەتكۈزگىلى بولمىدى. يالتىراق نۇر مالىكولىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ 2004-يىللىق نوبېل خېمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر بۇ خىل چەكلىمىدىن ئۇستاتلىق بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ دەۋر بۆلگۈچ مۇۋەپپەقىيىتى ئەنئەنىۋىي ئوپتىك مىكروسكوپ تېخنىكىسىنى نامو ساھەسىگە باشلاپ كىرگەن.  
     ھازىر تىلغا ئېلىنىۋاتقان « نامو ئوپتىك مىكروسكوپ تېخنىكىسى »((Nanoscopy) دېگىنىمىز ئالىملارنىڭ تىرىك ھۈجەيرىدىكى ئايرىم مالىكولا مۇساپىسىنى كۆرىنىدىغان قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئالىملار مېڭە نېرىپ ھۈجەيرىلىرىدىكى مالىكولىلارنىڭ ھۈجەيرە ئارلىقىدىكى ئۆسۈكچە تېگىشمىسىنى قانداق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى كۈزىتىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتكېنسون كېسىلى، ئازېمېرىز كېسىلى ھەمدە خانتىڭتوڭ داننس كېسىلى قاتارلىق كېسەللەردىكى ئاقسىلنىڭ كۆپىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، خۇلاسىلايدۇ، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ يېتىلىش جەريانىدىكى ئايرىم ئاقسىللارنىڭ كۆپىيىشىنى ئىزدەپ تاپىدۇ ھەمدە خاتېرىلەيدۇ.
      ناھايىتى ئېنىقكى، ئالىملار چوقۇم تىرىك ھۈجەيرىدىكى ئادەتتىن تاشقىرى كىچىك مالىكولىلارنىڭ تەپسىلاتلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. 1873-يىلى، ئوپتىكا ئالىمى ئېمىست. ئاببى ئەنئەنىۋىي ئوپتىك مىكروسكوپنىڭ ئەڭ چوڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنىڭ فېزىكىلىق چەكلىمىسىنى بەلگىلەپ، دېفراكسىيە چەكلىمىسىنىڭ تەسىرىدە (diffraction limit)    پەرقلەندۈرۈش نىسبىتىنىڭ نۇر دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنىڭ يېرىمىغا، پەقەت تەخمىنەن 0.2 مىكرومېتىر (0.00002 سانتىمېتىر) بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
     يۇقارقى ئۈچ ئالىم ئوپتېكا ئىلمىدىكى تەسىرلەرنى يوقىتىپ، بۇ خىل تېخنىكىنى نامو دۇنياسىغا باشلاپ كىرگەن. شۇڭلاشقا، نېبىل خېمىيە مۇكاپاتى يۇقارقى ئۈچ ئالىمغا بېرىلگەن.
     


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-2-28 09:05:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش