يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 498|ئىنكاس: 3

2014-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2014-10-16 15:04:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

                                          2014 –يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى   
         بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن مالالا نوبېل مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياش ساھىبى
  
   نوبېل مۇكاپاتى كومىتېتى 10-ئايدا 2014 –يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىنى قوغداش پائالىيەتچىسى، ھىندىستانلىق كائىلاچ سادىيارد بىلەن پاكىستانلىق قىز مالالانىڭ ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەتىنى قوغداش، بولۇپمۇ  تەلىم –تەربىيە ھوقۇقىنى قوغداش يولىدا قىلغان كۈرەشلىرىنى قۇتلۇقلاش يۈزىسىدىن بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

                          قىز بالىلارنىڭ ھوقۇقىنى جېنىنى تىكىپ قوغدىغان مالالا
      
      --ئەگەر بۇ بىر ئەۋلاد قولىغا قەلەم ئالمىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قولىغا تېررورچىلارنىڭ قورالى چىقىدۇ.
     مانا بۇ ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن مالالانىڭ مەشھۇر سۆزى. مالالانىڭ ئائىلىسى پاكىستان چېگرىسى ئىچىدىكى سۋارت دېگەن جايدا بولۇپ، بۇ رايوندا تالىبانلارنىڭ ھەركىتى ئەۋجى ئالغان بولۇپ، ئاياللارنىڭ تەلىم –تەربىيە ئېلىشى قاتتىق چەكلەنگەن، خىلاپلىق قىلسا كاللا كېتىدۇ.
     ئاشۇنداق مۇھىتتا، مالالا خەتەرگە قارىماي سىۋارت رايونىدا ئاياللارنى تەلىم –تەربىيە ھوقۇقىغا ئېرىشتۈرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. ئىككى يىل بۇرۇن ئۇ ھاياتىدىن ئايرىلغىلى تاس قالغان. ئۇنىڭغا دادىسى زور تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇنىڭ دادىسى شۇ رايوندا بىرقانچە مەكتەپ قۇرغان ھەمدە مەكتەپ مۇدىر بولغان بولۇپ، مالالا دادىسىنىڭ رىغبىتىدە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ تەلىم - تەربىيە ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش كۈرىشىنى قانات يايدۇرغان. مالالا چەتئەلدە دوختۇرلۇقنى ئۆگەنمەكچى بولغان، بىراق دادىسى ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلىپ، ئەگەر پۇرسەت بولۇپ قالسا سىياسىي بىلەن شۇغۇللىنىشنى، شۇنداق قىلسا پاكىستاننىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدىغانلىقى ئېيتقان.
          2009–يىلى تالىبانلار سۋارت رايونىدا ئەڭ شىددەت بىلەن ھەركەت قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەمدىلا 11 ياشقا كىرگەن مالالا BBC نىڭ ئوردو تىلى تور بېتىگە يالغان ئىسىم بىلەن كىرىپ، مىكرو بىلوگىغا تالىبان ھۆكۈمرانلىقىدىكى تۇرمۇشنى تەسۋىرلەپ ئۇچۇر يوللىغان.
      2011-يىلى 12-ئايدا، پاكىستان ھۆكۈمى مالالاغا « جۇمھۇرىيەت تىنچلىق مۇكاپاتى » نى بەرگەن. مۇكاپاتقا ئېرىشىشى بىلەن ئۇ تالىبانلارنىڭ ئەشەددىي دۈشمىگە ئايلانغان. 2012-يىلى 10-ئايدا، تالىبانلار ئۇنىڭ بېشىغا ئوق ئېتىپ ئېغىر يارلاندۇرغان، بىراق مالالا پىشانىسى ئوڭ كېلىپ ھايات قېلىپ، پۈتۈن جاھاننى تەسىرلەندۈرگەن قىزغا ئايلانغان. ئامېرىكا ئەل بېشى ئوباما بىلەن كۆرۈشكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش مىرزىسى بانكىمون ئاياللار ۋە ئۆسمەرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ھەركىتىگە تۈرتكە بولۇش مەقسىتىدە مالالانىڭ تەۋەللۇت كۈنى 7-ئاينىڭ 12-كۈنىنى « مالالا كۈنى » دەپ بېكىتكەن.

              80 مىڭ بالا ئىشچىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن سادىيارد
                                       
        ھىندىستانلىق سادىيارد بۇ يىل 60 ياشقا كىرگەن بولۇپ، مالالادىن 43 ياش چوڭ. ئۇ مالالاغا ئوخشاش ئۆسمۈرلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشقا كۈچ چىقارغان نامدار پائالىيەتچى. ئۇ داڭلىق « گېلەم يارلىق» تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، ھىندىستان، نىپال ۋە پاكىستاندىكى قولدا گېلەم توقۇيدىغان جايلارنىڭ ئۆسمۈرلەرنى خارلاش ئەھۋاللىرىنى نازارەت قىلغان ۋە باھالىغان.
1980 –يىلى، سادىيارد ئۆسمۈرلەرنى قۇتقۇزۇش ھەركىتىنى قوزغىغان. ئۇنىڭ تەشكىلاتى ھازىرغىچە ئىزىلىۋاتقان 80 مىڭ ئۆسمۈرنى قۇتۇلدۇرۇپ ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ، ئۇلارنى جەمئىيەتكە قايتىدىن قەدەم باسقۇزۇپ، تەربىيەگە ئىگە قىلغان.
         ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى بەكلا كۆپ بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۆسمۈرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان. ئۇ ب د ت پەن- مائارىپ، مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى، « يەر شارى ئاقارتىش ھەركىتى » نىڭ رەئىسى، يەنە « قىيىن قىستاقتا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار مەركىزى »، « خەلقئارا ئەمگەكچىلەر ھوقۇق فوندى » دېگەندەك كۆپلىگەن خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ھەيئەت ئەزاسى.
        بالا ئىشچى مەسىلىسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ساخاۋەت مەسىلىسى ھېساپلىنىدۇ. بالا ئىشچى مەسىلىسى ھەل قىلىنمىسا نامراتلىق، ئىشسىزلىق، ساۋاتسىزلىق، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى يەنە ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.
    


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-16 17:14:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلالە يۈسۈف بىلەن سادىيارھىغا قۇتلۇق بولغاي.

ۋاقتى: 2014-10-17 20:18:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلالە يۈسۈف بىلەن سادىيارھىغا قۇتلۇق بولغاي....
بۇ قىزنىڭ ئىسمى مالالامۇ ياكى مىلالەمۇ؟كۇرشاد ئەپەندى خەنزۇچە ئاھاڭى بويىچە مالالا دەپ ئاپتۇ،ئارغۇ ئەپەندى مىلالە دەپ ئاپتۇ.بەيدۇغا كېرىپ بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى ئىزدەپ باقسام خەنزۇچە 马拉拉·优素福·扎伊،ئىنگىلىزچە:Malala Yousafza،پۇشتۇچە:Malālah   Yūsafzay دەپ چىقتى،مەنمۇ ئارغۇ ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك بۇ قىزنىڭ ئىسمىنى مىلالە دەپ ئېلىش توغرا دەپ قارايمەن.ئادەم ئىسىملىرى،يەر-جاي ناملىرىنى توغرا يېزىش،تەلەپپۇز قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەش يۈزىسىدىن بۇ ئىنكاسنى يازدىم.كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ بۇ ھەقتە پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TOKKUZSAK تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-17 20:27  


ۋاقتى: 2014-10-20 18:58:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە بۇ تۈردىكى مۇكاپات ساھىبىلىرى شەرەپكە ھەقىقەتەن نائىلكەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش