تۇرپاندا «<تارىم>ژۇرنىلى نەشرىياتى»نىڭ ئاپتورلارنى تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
11 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن تۇرپان شەھىرىدە «<تارىم>ژۇرنىلى نەشرىياتى»نىڭ ئاپتورلارنى تەربىيەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور،دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان ۋە مەھمۇد زەيدى، مۇھەممەت پولات، ئىمىن ئەھمىدى،ئەكبەر غولام، ھەبىبۇللا مۇھەممەت، غوپۇر قادىر، روزى نىياز، رېھىم نىياز قاتارلىق پېشقەدەم تەتقىقاتچى، ئەدىپلەر،«تارىم»ژۇرنىلى ۋە بىر قىسىم ژۇناللارنىڭ باش مۇھەررىر، مۇھەررىرلىرى، تۇرپان ۋىلايىتىدىكى ئەدىپ، قەلەمكەشلەردىن بولۇپ 100 گە يېقىن كىشى قاتناشتى. «تارىم»ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ باشلىقى، شائىر، ژۇرنالىست ياسىن زىلال بىلەن تۇرپان ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شائىر، يازغۇچىئۆمەرجان سىدىق رىياسەتچىلىك قىلدى.پائالىيەتتە ئازاد سۇلتان، ئىمىن ئەھمىدى، مۇھەممەت پولات، ياسىن زىلال، يالقۇن روزى، تۇرسۇنجان مۇھەممەت،ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران قاتارلىقلار نۆۋەتتىكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئەھۋالى،ئەدەبىياتتا نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيەتنى ئەكس ئەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقى، ئىجادىيەتتەجرىبىلىرى، يازغۇچى، شائىرلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر، ئىجادىيەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار قاتارلىق تېمىلاردا چوڭقۇر ئەھمىيەتلىك لېكسىيەلەرسۆزلەندى. تۇرپان قەلەمكەشلىرى بۇ قېتىمقى تەربىيەلەش پائالىيىتىدىن ناھايىتى زورنەپ ئالدى، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى. سۈرەتلەرنى ئابلىزغوجامنىياز تارتقان
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، پروفېسسور، دوكتور يېتەكچىسى ئازاد سۇلتان سۆزقىلماقتا.