يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 8354|ئىنكاس: 6

مەخەت ئابدۇرېھىم:ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلار(1)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


             ھىسام چاقچاقلىرىدىن دۇردانىلار(1)



                            ئۆزۈمنى يۈتتۈرۈپ قويدۇم


         تەنتەربىيە زالىدا كەچلىك ۋالىبول مۇسابىقىسى راسا قىزغىن داۋاملىشىۋاتقاندا، بىر نەچچە قېتىم توك كىتىپ تاماششىبىنلارنىڭ كەيپىنى بۇزۇپتۇ. ئاخىرقى قىتىم توك كەتكەندە، ئويۇن كۆرۋاتقان ھېسام ئورنىدىن تۇرۇپ ئەنسىز ۋاقىراشقا باشلاپتۇ:
__ ھىسام ، ھەي ھىسام ، نەدە سەن ؟
__ ئۆندۆرەۋاتامسىز ھىسامكا، ئۆزىڭىزنى-ئۆزىڭىز چاقىرغىنىڭىز نىمىسى؟- دەپ ئەجەپلىنىپتۇ ھىسامنىڭ يىنىدا ئولتۇرغان ياش يىگىت.
ئۆندەرىگىنىم يوق،- دەپتۇ ھىسام،- قاراڭغۇدا ئۆزۇمنى يۈتتۈرۇپ قويدۇم.

           نەتىجەم يامان ئەمەس


        بىر كىشى ھىسامدىن سوراپتۇ:
_ ئاڭلىسام ئىدارىدا ئۆتكۈزۈلگەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپسىز نەتىجىڭىز قانداقراق؟
_ يامان ئەمەس،- دەپتۇ ھىسام ماختىنىپ،- پەللىگە ئۈچىنجى بولۇپ كەلدىم.
_ پاھ، قالتىسقۇ،- دەپ زوقلۇنۇپتۇ سۇئال سورىغان كىشى،- يۈگۈرۈشكە قانچە كىشى چۈشكەن؟
ھىسام ئەيمەنمەي جاۋاپ بىرىپتۇ:
ئۈچ كىشى.

                              باشقىسىنى دەڭە

        ھىسام تىۋىپلىق قىلىۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىر كىشى يۈرەك ئاغرىقىدىن زارلىنىپ كەپتۇ.
_ يۈرىگىڭىز قانداق چاغلاردا تولاراق ئاغرىيدۇ،- دەپ سوراپتۇ ھىسام بىمارنىڭ تومۇر سوقىشىنى ئاڭلاۋىتىپ.
_ ئورۇنسىز پۇل خەجلەپ قويغان چاغلاردا،- دەپتۇ بىمار. ھىسام يۈزىنى چەتكە ئۆرۈپ:
_ باشقىسىنى دەڭە، ئورۇنسىز پۇل خەجلىسەم مىىنىڭمۇ يۈرگۈم ئاغرىيدۇ،- دەپتۇ.

                           جازام يىتىشكۈچە

         ھىسام بۆلۈم باشلىقى بولغاندىن كىيىنمۇ كادىرلار بىلەن ئىلگىركىدەك قويۇق مۇناسىۋەتتە بولىۋىرىپتۇ. بۇنىڭغا چىشى قېرىشقان ئىدارە باشلىقى ئۇنىڭغا كايىپتۇ:
__ ھىسامىدىن سىز ئەمدى ئاددى كادىر ئەمەس. سەل جازىڭىز بولمىسا قول ئاستىڭىز دىكىلەرنى باشقۇرالمايسىز جۇمۇ.
__ ھىسام ئۈنچىقماپتۇ. ئەتىسى ئۇ خىزمەتكە ئۆيىدىكى قول ھارۋىسىنىڭ جازىسىنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. بۇنى كۆرگەن باشلىق ئەجەپلىنىپ سوراپتۇ:
__ ھىسامىدىن بۇنى نىمىگە كۆتىرۋالدىڭىز؟
__ تۈنۈگۈنكى تەنقىدىي مەسلەھەتىڭىز بويىچە،- دەپتۇ ھىسام،- ئۆزەمدە سىزنىڭكىدەك جازا يىتىلگۈچە مەن مۇشۇ جازىنى ئىشلىتىپ تۇراي دەيمەن.

                         بىر يۈرۈشلا بولۇپ كەتسۇن

         تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ئۆزى تەنھەركەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشمىسىمۇ دائىملا تەنھەركەتچىلەر كىيمىنى كىيۋالدىكەن. بۇنىڭدىن تىرىكىپ يۈرگەن ئىسكىلاتچى ھىسام، يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرىدە باشلىققا ئىدارىنىڭ بەتىنكىلىك بىر جۈپ كونكىسىنى تەڭلەپ :
__ باشلىق بۇنى كىيۋىلىڭە!- دەپتۇ.
ساراڭمۇ سىز ؟- دەپ تىرىكىپتۇ باشلىق،- مەن مۇزدا كىتىۋاتمايمەنغۇ:
__ مۇزدىغۇ كىتىۋاتمايمىز،- دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ ھىسام، __ مۇشۇنىلا كىيۋالسىڭىز، كىيگىنىڭىز بىر يۈرۈشلا ھۆكۈمەتتىن بولۇپ كەتسە دەيمەن-دە!

                      توپ ئوينىماقچى ئدۇق


         ئىدارە خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشتىن سىرىتقى مەشغۇلاتى ئۈچۈن ياستىلغان تىك_تاك توپ ئۈستىلىنى بۆلۈم باشلىقى ئۆيىگە ئەكىتىپ مۈلۈك قىلىۋاپتۇ، بۇنىڭدىن غەزەپلەنگەن ھىسام بىر نەچچە كادىرلار بىلەن مەسلەھەتلىشىپ، توپ، پالاق سىتىكلىرىنى كۆتىرشىپ باشلىقنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ-دە، ئۇنى چاقىرىپتۇ.
__ بىر يەرگە چاقىرىپ كەلگەن بولسىاڭلار بارالمايمەن،-دەپتۇ دەرۋازا ئالدىغا چىققان بۆلۈم باشلىقى،- ئۆيدە يۈزلۈك مېھمانلىرىم بار.
__ ھىچنەگە چاقىرىپ كەلگىنىمىز يوق،- دەپتۇ ھىسام جىددىي قىياپەتتە،- مىھمانلىرىڭىزنى ئەچىقىپ تۇرسىڭىز، بىز تىك_تاك توپ ئوينايمىز.

                           بىر نۇمۇر پايدا ئالمامسىز

        ھىسام قوشنىسىغا تەكلىپ بىرىپتۇ:
__ بۇرادەر ، توققۇزۇنچى كالىچىڭىزغا ئونىنچى كالىچىمنى تېگىشسەك قانداق؟
__ نىمىشقا،- دەپتۇ خوشنىسى ئەجەپلىنىپ،- مىنىڭ كالىچىم يىڭى، سىزنىڭ كالىچىڭىز كونا تۇرسا؟
__ ئەخمەقكەنسىز،- دەپتۇ ھىسام،- كونا يىڭىلىغى بىلەن نىمە كارىڭىز،تېگىشسىڭىزبىرنۇمۇر پايدا ئالمامسىز!

                       خەۋەر ئەۋەتىش

          ھىسامىدىن ئىختىيارى مۇخبىرلار تەجرىبە ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشقىنىدا قوشنا ناھىيدىن كەلگەن بىر كەسىپدىشى سوراپتۇ.
__ ئاغىنە ،- سىلەرنىڭ ناھىيىدە خەت -چەكلەرنى نىمىدە توشۇيدۇ؟
__ ماشىنا بىلەن،- دەپتۇ ھىلىقى ئىختىيارى مۇخبىر،- سىلەرنىڭ ناھىيىدىچۇ؟
__ مەنغۇ ئۆزۈم كۆرمىدىم،- دەپتۇ ھىسام،-ئەمما بايقىشىمچە ئۇلاقتا توشۇيدىغان ئوخشايدۇ.
__ نىمىشقا ئۇنداق دەيسىز ؟- سۆھبەتدىشى ئەجەپلىنىپتۇ. ھىسام دەپتۇ:
__ ئۆتكەندە پوچتىدىن بىر خەۋەر ئەۋەتسەم گىزىتخانا بىر ئايدىن كىيىن تاپشۇرۋاپتۇ، شۇنىڭغا قاراپ دەيمەندە،- دەپتۇ ھىسام.

                  گېزىتكە يېزىلىش
       بىر كىشى ھىسامغا ھال ئىيتىپتۇ:
__ 5- ئايلىق گىزىتكە يىزىلسام ، پوچتىكەش 4- ئايلىق گېزىتنى ئەكىلىپ بىرۋاتمامدۇ، قاراڭ!
ھىسام مەسلەھەت بىرىپتۇ:
__ ئەمسە بۇ قىتىم 6- ئايلىققا يىزىلىپ بىقىڭ ، 5- ئايلىق گېزىتنى ئەكىلىپ بىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.


                         تەمىنى تىتىپ بىقىش
         ھىسامنى دادىسى شاپتۇل ئەكىلىشكە بۇيرۇپ كەچتە ئىشتىن كەلگەندە سوراپتۇ.
__ ھەي ھىسام ، شاپتۇلنى ئەكەلدىڭمۇ؟
__ ئەكەلدىم ،-دەپتۇ ھىسام ،- ئەنە تەخسىدە.
__ نىمە؟- دادىسى ھەيران بولۇپ سوراپتۇ،- ئۇ ساپلا شاپتۇل ئۇرۇقچىسىغۇ؟
ئۆزىڭىز تەمىنى تىتىپ ئال دىمىگەنمىتىڭىز ،- دەپتۇ ھىسام چۈشەندۈرۈپ - بىر _ ئىكككىنى يىگەنگە تەمى بىلىنمەيدىكەن ئەمەسمۇ!

                          بەك ئوڭاي

       بىرسى ھىسامدىن سوراپتۇ:
__ ھىسامكا، تاماكا تاشلاي دىۋىدىم، ئوڭايمىدۇ، تەسمىدۇ؟
__ ئوڭاي بولماي ،- دەپتۇ ھىسام ،- ئوڭاي بولغاچقا مەن شۇ كەمگۈچە بىرەر يۈز قىتىمچە تاماكا تاشلىدىم ئەمەسمۇ.

                        ئوڭلايمەن دەپ...

          خوشنىلارنىڭ بىرى ھىسامغا خەۋەر قىپتۇ.
__ ماۋۇ ئارقا كوچىدىكى ئەمتاخۇن ئوغلىنىڭ بېشىنى ئوڭلايمەن دەپ تەييارلىق قىلۋىتىپتۇ.
ھىسام ئەجەپلەنگەندەك بىشىنى چايقاپتۇ:
__ خىلى زىرەك بالىدەك قىلاتتى، ئالدىراپ بىشىنى ئوڭشايمەن دەپ، بۇزىۋالمىغىيدى.

                ئىككىسى بىرگە ھىساپ

ھىسامنىڭ بىر پاكار ئاغىنىسى ھىسامغا چاقچاق قىپتۇ؛
- ھىسام ئاداش،قۇلىغىڭنىڭ تۈۋىگە بىرنى ئۇرسام كىمگە ھىساپ؟
ھىسام دەرھال جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ؛
- ئاداش بويۇڭ پاكار ئىكەن،ئىككىنى ئۇرساڭ بىرگە ھىساپ.

                         كۆز ۋە قۇلاق

        بىر بىلىم ھەۋەسكارى ھىسامدىن سوراپتۇ؛
-ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چاققاندا نىمە ئۈچۈن ئاۋال يوروقنى كۆرۈپ كىيىن ئاۋازنى ئاڭلايمىز؟
ھىسام جىددى ئويلۇنۇپ جاۋاپ بىرىپتۇ؛
- ئۇنىڭ سەۋەبى بەكمۇ ئاددى،كۆز قۇلاقنىڭ ئالدىدىراق ئەمەسمۇ؟

                   مۇشائىرە

            بىر ئاغىنىسى ھىسامىدىننى مانتا ئىتىپ مىھمان قىپتۇ.پىشمىغان مانتا كىچىچى
ئۇنى بىئارام قىلىپ ئۇخلاتماپتۇ.ئەتىسى ئەتتىگەنلىك چاي ئۈستىدە ئاغىينىسى ئەدەبىياتتىن گەپ ئېچىپ،ھىسامىدىننى مۇشائىرە ئېيتىشقا تەكلىپ قىپتۇ ۋە بىرىنچى بولۇپ ئۆزى باشلاپتۇ؛
ئۆگزەڭڭگە قارىسام،
مورىدىن تۈتۈن چىقتى.
تېخىچە قوسىغى مۇجۇپ ئاغرىۋاتقان ھىسامىدىن جان ئاچچىغىدا مۇشائىرىگە جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ؛
ئاخشام يىگەن بەش مانتا،
كىچىچە پۈتۈن چىقتى.

                           يولدا كىلىۋاتىدۇ

        ھىسامىدىن باققالچىلىق قىلىپ تۆت كوچىنىڭ دوقمۇشىدا ئۈزۈم سېتىپ ئولتۇرسا بىر خېرىدار كىلىپ ئۈزۈمدىن بىر تال
ئۈزۈپ يەپ بېقىپتۇ-دە؛
-ھىسامىدىندىن،شىرنىسى يوق ئۈزۈمنى نەدىن تېپىۋالغانسىز،-دەپتۇ.
-ئۈزۈم يىگىڭىز بولسا يانماي ئەلىۋىرىڭ،-دەپتۇ ھىسامىدىن،شىرنىسى يولدا كىلىۋاتىدۇ.

                            يەنە سۆزلەمسىز

          دۈيجاڭ ھەر ئاخشىمى يېرىم كىچىگىچە يىغىن ئېچپ ئىشتىن ھېرىپ كەتكەن ئەزالارنىجاق تويغۇزىۋىتىپتۇ،بىر كۈنى ھىسام چىدىمىغىنىدىن ئۈستەل يېنىغا كىلىپ؛
-دۈيجاڭ يەنە سۆزلەمسىز،؟-دەپ سوراپتۇ.
-نىمە قىلاتتىڭ؟-دەپتۇ دۈيجاڭ سۆزىنى بۆلگەنلىكىگە ئاچچىغى كىلىپ.
-يەنە سۆزلىسىڭىز،ئۆيگە بېرىپ،ئورون-كۆرپىنى ئەكىلىۋىلىپلا خاتىرجەم ئاڭلايمىكىن دەيمىنا!

                             رەخت ۋە پۇل

          بىر كۈنى ھىسام دۇكاندىن بىر چاپانلىق رەخت ئالغان ئىكەن،مال ساتقۇچى رەختنى ئالدىراش ئۆلچەپلا قىيپاش يىرتىپ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپتۇ.ھىساممۇ ئۈنچىقماي قولىدىكى پۇلنىڭ چېتىدىن قىيپاش يىرتىۋىلىپ مال ساتقۇچىغا بىرىپتۇ.
-ساراڭمۇ سىز، ساپمۇ-ساق پۇلنى يىرتىپ بىرىۋاتىسىزغۇ؟-دەپتۇ مال ساتقۇچى ئاچچىقلىنىپ،-بۇرجىكى يوق پۇلنى كىم ئالىدۇ؟ھىسام دەرەلا؛
قىيپاش يىرتىپ بەرگەن رەختنى مەن ئالىمەنۇ،بۇرجىكى يوق پۇلنى سىس ئالمامسىز،-دەپتۇ.

                    ئەتىر پۇرايدۇ

     ھىسام تولىمۇ ياسانچۇقلۇقنى دوراپ چاقچاق قىلىۋىرىپ بىر خىزمەتداش قىزنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ.قىز مۇشتۇمىنى ئوغۇل بالىلاردەك تۈگۈپ ھىسامنىڭ بۇرنىغا يېقىن ئەكەپتۇ-دە سوراپتۇ؛
-دىگىنە مۇنۇ نىمە پۇرايدۇ؟ھىسام قىزنىڭ مۇشتۇمىغا بۇرنىنى يېقىن ئەكىلىپ؛
-نىمە پۇرايتى دەيسىز،غىچلا يۈزماي،ئەتىر پۇرايدىغۇ،-دەپ قىزنى كۈلدۈرۋىتىپتۇ.

             ھاسىراپلا يۈرىدىغان باشلىق

     بىر تونىشى ھىسامىدىندىن سوراپتۇ؛
-ھىسام ئاداش،سىلنىڭ باشلىق <<ھىسامنىڭ خىزمەت مەسىلىسگە نۇرغۇن يول ماڭغان>>دەيدىغۇ،راستمۇ؟
-كىم بىلىدۇ،-دەپتۇ ھىسام،-<<سىزنىڭ ئىشىڭىزنى دەپ نۇرغۇن يول ماڭدىم>>دەپ
ھاسىراپلا يۈرۈيدىغۇ ئۇ باشلىق.

                 سۇئال-جاۋاپ

       بىر كىشى ھىسامدىن سوراپتۇ؛
- ھىسامىدىن،بالىنى ئاز تېپىشنىڭ پايدا-زىينى ھەققىدە سىزدىن سۇئال سورىماقچى ئىدىم.
- سوراڭ،- دەپتۇ ھىسام. ھېلىقى كىشى سوراپتۇ.
- بالا بولسا بىر؟
- ئوينايسىز پىر-پىر.
- بالا بولسا ئۈچ؟
- كىتىدۇ كۆپ كۈچ.
- بالا بولسا بەش؟
- كۈنىڭىز بولار تەس.
- بالا بولسا ئالە؟
- قانات قۇيرۇغىڭىز كالتە.
- بالا بولسا سەككىز؟
- غەم-قايغۇڭىز چەكسىز.
ھېلىقى كىشى قايىل بولۇپ بېشىنى لىڭشىتىپتۇ.

                 جىدەل

      ھىسامنىڭ ئايالى تولىمۇ ئۇرۇشقاق زەھەر تىللىق ئايال ئىكەن.بىر قېتىم ماجرالىشىپ قېلىپ ئايالى ھىسامىدىننى تىللاپتۇ؛
- ئەر دىگەن سەندەك بولامدۇ؟مەنزە دۇلدۇلغا تەگدىم دەپ ئىشەككە تىگىپ قاپتىكەنمەن ئمەسمۇ؟
-گىپىڭ توپ-توغرا خوتۇن،-دەپتۇ ھىسامىدىنمۇ،- سەنمۇ مەندەكلا ئويلاپسەن قاپسەن؟
- خوش ، سەن نىمىنى ئويلاپ قالدىڭ،-دەپتۇ ئايال چالۋاقاپ.
- مەنمۇ بۇلبۇلنى ئالدىم دەپ كەكلىكنى ئالغان ئىكەنمەن ئەمەسمۇ؟

                     بىكارغا بولسا

       پىۋا دۇككىنىغا بىللە كىتىۋاتقان يىگىتلەردىن ھىسامغا چاقچاق قىپتۇ؛
- ھىسامكا،سىزگە پىۋە زىيان قىلىدىغۇ دەيمەن؟
ھىسامىدىن دەرھال جاۋاپ بىرىپتۇ؛
- يوقسۇ دوستۇم،بىكارغا بولسا پايدا قىلىدۇ.

                       دوكلاتچى

     يىغىندىن چىقىۋىتىپ ھىسامىدىن يېنىدىكى كىشىگە دەپتۇ؛
- بايقى باشلىق ھاراق ئىچىشكە قارشى تۇرۇش ھەققىدە تازا كىلىشتۈرۈپ سۆزلىدى-ھە؟
- سەن ئۇ كىشىنى تونۇمسەن!- دەپتۇ بۇرادىرى.
- تونۇيمەن،دەپتۇ ھىسامىدىن،- تېخى تۈنۈگۇنلا قاۋاقخانىدا ئۇنىڭ بىلەن غەرق مەس بولغىچە ئىچىشتۇققۇ.

                     مەنبە؛ ھىسام چاقچاقلىرى توپلىمىدىن.







بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-9 20:12  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2014-10-10 11:19:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر، مەرھۇم ھېسام ئاكىمىزنىڭ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق ئاۋازىنى ئەسلەپ قالدىم، بەزى يۇمۇرلار ئاۋازدىن ئايرلسا يۇمۇر ئەمەس گەپكە ئوخشاپ قالىدىكەن  

ۋاقتى: 2014-10-10 17:21:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى قىپسىز، ھىسامىدىنكامنىڭ روھى خۇش بۇلۇدۇ. بىزنىڭ كۆڭلىمىز.

ۋاقتى: 2014-10-10 20:20:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت

ۋاقتى: 2014-10-10 22:48:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن ، رەھمەت .

ۋاقتى: 2014-10-11 09:19:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىشتىن بىرنى  قىپسىز ،قولوم يەتكەن بولسا  ئىغزىڭىزغا  ناۋاتتىن بىرنى  سېپ قوياتتىم!

ۋاقتى: 2015-3-26 19:27:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق يۇمۇرلاركەن ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت مۇئەللىم .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش