رۇبائىلار
مەۋلانا جالالىددىن رۇمىي
(1207-1273)
نەشىرگە تەييارلىغۇچى :جاپپار ئەمەت
ئەي دىل،كۆزۇڭنى ئاچ،جاھان ئۆتكىسىدۇر،
ئۆمرۇڭ بۇ جاھان يامان ئۆتكۈسىدۇر.
تەن مەنزىلىدە مەھبۇسۇ غاپىل قالما،
مەنزىل ئېشىپ مەنزىل كارۋان ئۆتكىسىدۇر.
جانىمنى بىرەي ،ئال ئۇنى،جاندىن كەچمە،
دىلدىن كېچەي ،ئال ئۇنى ،جاھاندىن كەچمە.
سەن ئوقسەن ،مەن بولسام كامان تېخىچە،
ئەي ئوق سەۋر ئەيلە ،كاماندىن كەچمە،
كۆڭلۈم دۇتى نىشان بويلاپ سەۋدا،ئەي دىل،
ھەرلەھزىدە ئۇ دۇت كۆڭۈلگە پەيدا ،ئەي دىل.
قانلار مەۋج ئۇرار قانچە باغرىمدا مېنىڭ ،
تاشماسمىدى بولمىسا دەريا ،ئەي دىل.
كۆڭلۈمنى سەنەمگە مۇپتىلا ئىستەرمەن،
جانىمغا قانچىلاپ ئوق- بالا ئىستەرمەن.
كويۇڭدا ئەگەر كەچمىسە ئۆمرۈم، ئەي سەنەم،
قانلار يۇتۇپ كۆزۈڭدىن قازا ئىستەرمەن.
دېدىمكى: كۆزۈم، دېدىكى: جەيھۇن ئەتكۈم،
دېدىم: يۈرىكىم، دېدىكى: پۇرخۇن ئەتكۈم.
دېدىمكى: تېنىم،، دېدىكى: ئۈچ كۈندىن سوڭ،
رەسۋا قىلىبان، چەتلەرگە سۈرگۈن-ئەتكۈم.
سەندىنمۇ كېچىپ بىزار بولاي؟ ياق-ياق-ياق!
باشقا بىرسى بىلەن يار بولاي، ياق-ياق-ياق!
ۋىسالىڭنىڭ باغىدا پەقەت گۈل كۆردۈم،
گۈلدىن كېچىپ، تىكەن- خار بولاي، ياق-ياق-ياق!
كۆڭلۈم ھەۋىسىڭ بىلەن راۋابدۇر، راۋاب،
ھەر پارىسى ئۆرتىنىپ كاۋابدۇر، كاۋاب.
دىلدارىم دەردىمگە بېقىپ خامۇشتۇر،
خامۇشلىقى ماڭا مىڭ جاۋابتۇر، جاۋاب.
مەجنۇنى پەرىشانىڭ ئۆزۈڭ، قولۇم تۇت،
سەرگەشتە ۋۇ ھەيرانىڭ ئۆزۈم، قولۇم تۇت.
ھەر ھالى خارابنىڭ بىر مەدەتكارى بار،
ئۇ سارغايغان سامانىڭ ئۆزۈم،قولۇم تۇت.
ئەي سەرۋى راۋانىم ،ھېچ خازانلىق كۆرمە،
ئەي چەشمى جاھانىم ،ھېچ يامانلىق كۆرمە.
ئەي جان ،سېنى جان دەيدۇ ئاسمانۇ زېمىن،
ھەممە راھەتنى كۆركى ،يامانلىق كۆرمە.
ئەي ئۈنلۈك راۋاب،كويۇڭغا تاۋابىم باردۇر،
باغرىمدا مېنىڭمۇ بىر راۋابىم باردۇر.
چەتلەپ ئۆتىۋەرمە ،كىر،ئەزىز مېھمان بول،
مېھماننى كۈتۈشكە بىر خارابىم باردۇر.
ئەي باش،سەۋەب سەندە ،سەۋەب سەندە،سەۋەب،
ئەي تەن،ئەجەب سەندە،ئەجەب سەندە ،ئەجەب.
ئەي دىل،تەلەب سەندە،تەلەب سەندە،تەلەب،
ئەي جان ،تەرەب سەندە ،تەرەپ سەندە، تەرەب.
يۈزۈڭگە بېقىپ ،يوزلىرى گۈلشەن ئىدىم،
كۆزۈڭگە بېقىپ ،كۆزلىرى روشەن ئىدىم.
دېدىمكى ،يىراق تۇتاي يامان كۆزلەردىن ،
يېنىڭدا يامان كۆزلۈك مەگەرمەن ئىدىم؟
جانان كېلىدۇ جاھاندا تەنھا -تەنھا،
نەرگىس كۆزلىرى خۇمار رەنا-رەنا.
توستۇم يولىنى،دېدىمكى:بىر سۆيۈۋالاي،
پەرياد سېلىپ ھەيدىدى :يەغما-يەغما.
داۋامى بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-9 15:56